خۇيزۇ مىللىتى

خۇيزۇ مىللىتى

خۇيزۇ − خۇيزۇ مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن مىللەت نامى بولۇپ، ئۇلار مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، ئاساسلىقى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىغا، شۇنداقلا گەنسۇ، چىڭخەي، خېنەن، خېبېي، شەندۇڭ، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى خۇيزۇ مىللىتى
نوپۇسى 981.68 تۈمەن (2000)
خەنزۇچە نامى 回族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇيزۇ مىللىتىتاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەن، ئەتراپتىكى خۇيزۇ ناخشىچىلار ليەنخۇاشەن تېغىغا ئاتلىنىشىدۇ. يولدىكى خۇيزۇ تۇرالغۇلىرىدىن ئۆتكەندە ناخشىچىلار راسا بىر مەيدان ناخشا توۋلىۋېتىپ ۋە بىر قەدەھ يالىڭاچ ئارپا ھارىقى ئىچىۋەتكەندىن كېيىنلا، يولغا چىقىشقا ئىجازەت بېرىلىدۇ. تاغقا چىقىش باشلانغاندىن كېيىن، ليەنخۇاشەن تېغى بىردىنلا ناخشا-قوشاق دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ، كەچ كىرگەندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ ئۆيىدىكى سۇپىدا، ۋاقىتلىق تىكىلگەن چېدىرلاردا، تاغ باغرى ۋە سايازلىقلاردىكى گۈلخان ئەتراپىدا ناخشا سادالىرى بەس-بەستە ياڭراپ، كېچىچە ئۈزۈلمەيدۇ، مانا بۇ گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى كاڭلې ناھىيىسى ليەنخۇاشەن تېغىدىكى «خۇائېر يىغىلىشى» ، «خۇائېر» گەنسۇ، چىڭخەي ئەتراپلىرىدا نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خەلق ناخشىسى بولۇپ، خۇيزۇلار بۇ ناخشىنى بەكمۇ ياقتۇرىدۇ. 

خۇيزۇ − خۇيزۇ مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن مىللەت نامى بولۇپ، ئۇلار مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، ئاساسلىقى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىغا، شۇنداقلا گەنسۇ، چىڭخەي، خېنەن، خېبېي، شەندۇڭ، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. جەمئىي ئىككى ئاپتونوم ئوبلاست، ئالتە ئاپتونوم ناھىيە ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلەشكەن ئۈچ ئاپتونوم ناھىيىدە ئولتۇراقلاشقان. 

خۇيزۇ مىللىتىخۇيزۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە دىننىڭ ئىزنالىرى چوڭقۇر بولۇپ، بوۋاق تۇغۇلغاندا ئاخۇنۇم(ئىسلام دىنىنىڭ ئاخۇنى) تەكلىپ قىلىنىپ بالىغا ئىسىم قويۇلىدۇ، توي قىلغاندا ئاخۇنۇم نىكاھ ئوقۇيدۇ، ئۆلۈم ئۇزىتىشقىمۇ ئاخۇنۇم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مېيىتنى جەسەت ساندۇقىغا سالماستىن، بەلكى ئاق رەخت بىلەن ئوراپ يەرلىككە قويىدۇ. خۇيزۇلار چوشقا گۆشى يېمەيدۇ، ھەرقانداق ھايۋاننىڭ قېنىنى ۋە ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ. ئەرلەر ئاق ياكى قارا شاپاق دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇلار خەنزۇلار بىلەن ئۇزاق ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقاچقا، كىيىم-كېچەك، ئىسىم فامىلە ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە پەيدىنپەي خەنزۇلاشقان.

خۇيزۇلار شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىشتا ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى چوڭقۇر ئۇچرىغان. شۇڭا، جۇڭگو تارىخىدا ئىسلام دىنى خۇيزۇلار دىنى دەپ ئاتالغان. خۇيزۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاللانى ئالەمدىكى بىردىنبىر ئىلاھ دەپ قارايدۇ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ئاللانىڭ ئەلچىسى دەپ بىلىدۇ. ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا ئالدى بىلەن مەسچىت سالىدۇ، ئۆيلىرىنى مەسچىتنىڭ ئەتراپىغا سالىدۇ، يېزىلاردا تەبىئىي كەنتلەرنى ھاسىل قىلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. ئۇلار ھەر جۈمە كۈنى مەسچىتكە بېرىپ، جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ. ھەر يىلى بىر ئاي روزا تۇتىدۇ. مەۋلۈت ئەلنەبى، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئايەمنى ئۆتكۈزىدۇ. 

خۇيزۇلار ئەڭ دەسلەپتە ئەرەب تىلى، پارس تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى قوللانغان بولۇپ، كېيىنچە ئۇلار خەنزۇلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بارا-بارا خەنزۇ تىلىنى قوللانغان ھەمدە ئەرەب تىلى ۋە پارس تىلىدىكى بەزى سۆزلۈكلەرنى ساقلاپ قالغان. 

خۇيزۇ مىللىتىخۇيزۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىسىنى قوشقان. قەدىمدە خۇيزۇ ئالىملىرى غەربنىڭ ئاسترونومىيە، تارىخ، ماتېماتىكا، تېبابەتچىلىك، زەمبىرەك ياساش قاتارلىق پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تارقىتىشتا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن، خۇيزۇلاردىن كۆپلىگەن داڭلىق شەخسلەر چىققان، مەسىلەن، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاسترونوم جامال، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېڭىزچى جېڭ خې ۋە تەرەققىيپەرۋەر مۇتەپەككۇر لى جى قاتارلىقلار. يېقىنقى زاماندا، خۇيزۇ خەلقى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىگە قاتناشقان. [0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#