قىزىل يوپۇرماق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
«گۇلكۇل» شانلىق تارىخ ۋە شان-شەرەپكە ئىگە بولغان ئالىي بىلىم يۇرتى.
ناريان شانكار
(ئامىتاب باچچان رولدا) بولسا 25 يىل داۋامىدا ئىزچىل شەپقەتسىزلىك ، كەسكىن بولۇشتىن ئىبارەت ئوقۇتۇش قارىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ مەملىكەت بويىچە تاللاپ چىقىلغان ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى ھەر قايسى ساھەلەردە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقتى. يەنە كېلىپ ھەرقانداق مەكتەپ «گۇلكۇل»دىن قوغلانغان ئوقۇغۇچىنى مەكتەپكە ئېلىشنى توغرا كۆرمەيتتى . ئۇزۇندىن بېرى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا پېتىنالمىغان ، چۈنكى مەكتەپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئىستىقبالىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن دېرەك بېرەتتى. لېكىن بىركۈنى ئۈچ رومانتىك ھېس-تۇيغۇغا تولغان يىگىت ھەم سىرلىق بىر مۇئەللىم «گۇلكۇل»نىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىغا قەدەم باستى . ھەممە نەرسىدە ئۆزگىرۈش يۈز بېرىۋاتقاندەك قىلىۋاتاتتى ...
مەكتەپ مۇدىرى ناريان شانكارنىڭ ئوقۇتۇش قارىشىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن قورقاتتى ھەمدە كۆرۈنۈشتە بەك ھۆرمەتلەيتتى . ناريان شانكار بۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدۇ.
ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن ، رومانتىك ھېس-تۇيغۇغا تولغان ئۈچ يىگىت ۋىكىي،سامىر ۋە كاران ياتاقداش بولۇپ ، ئوقۇغىچىلارنىڭ چىن مۇھەببەتنى قوغلىشىشىنى قوللايدىغان راج ئاريان (شارۇلخان رولدا) مۇئەللىمنىڭ ئىلھاملاندۇرىشىدا ئىشىكا ، سانجانا ۋە كىران قاتارلىق كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قىزلار بىلەن تونىشىدۇ ، ئۇلار ئۆزلىرنىڭ مۇھەببىتىنى تاپىدۇ ...
مەكتەپ مۇدىرى ناريان شانكار ئۆزگۈرىشلەرنى ھېس قىلغاندىن كېيىن بۇلارنى توسۇشقا تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللانغاندا راج ئاريان ھەقىقىي سالايىتىنى ئاشكارلايدۇ . ئۇ ئەسلى «گۇلكۇل»دىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ ناريان شانكارنىڭ قىزى مىھانى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن ، مەكتەپ مۇدىرىناريان شانكار بۇنى بىلىپراج ئارياننى مەكتەپتىن قوغلايدۇ . راج ئاريان بىلەن مىھانىڭ مۇھەببىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ، مىھا ئازابتىن ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالىدۇ. راج ئاريان مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ كۆپ يىللاردىن كېيىن «گۇلكۇل»غا ئوقۇتقۇچىلىق سالايىتى بىلەن قايتىدۇ .
رول | ئارتىس |
---|---|
Narayan Shankar | ئامىتاب باچچان |
Raj Aryan Malhotra | شارۇلخان |
Vikram Kapoor/Oberoi | يۇدەي چوپرا |
Sameer Sharma | جۇگال خانسىراج |
Karan Choudhry | جىمى شېرگىل |
Ishika Dhanrajgir | شامىتا شىتتي |
Sanjana | كىم شارما |
Kiran | پىرىتى جاخانگىئانى |
Megha | ئاشۋارىيا |
Kake | ئانۇپام كىر |
راج ئاريان
شارۇلخان رولدا
ئۇ ئەسلى «گۇلكۇل»دىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ ناريان شانكار نىڭ قىزى مىھانى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن ، مەكتەپ مۇدىرى ناريان شانكار بۇنى بىلىپ راج ئارياننى مەكتەپتىن قوغلايدۇ . ئۇ مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ كۆپ يىللاردىن كېيىن «گۇلكۇل»غا ئوقۇتقۇچىلىق سالايىتى بىلەن قايتىدۇ . ئۇ مەكتەپنىڭ كەيپىياتىنى ، ئوقۇتۇش قارىشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ . بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنلا ئەمەس يەنە مىھانىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن قىلغان تولۇقلىما .
سامىر شارما
جۇگال خانسىراج(Jugal Hansraj)رولدا
كىچىكىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان قىزسانجانانى ئۇنتىيالمىغان سامىر گۇلكۇلغا كەلگەندىن كېيىن سانجانانى ئۇچرىتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلماقچى بولىدۇ، لېكىن سانجانانىڭ ئوغۇل دوستى بارلىقىنى بىلىپ مۇھەببىتىنى كۆڭلىنىڭ ئىشكىرى قاتلىرىغا ساقلاپ قويۇشنى قارار قىلىدۇ ، سانجانا ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن سانجانانىڭ ئەسلى قىياپىتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ، ھېچكىم ئۈچۈن ئۆزگەرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى دەيدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا سانجانا بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.