قارا تېرەك
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قارا تېرەك يەنە سۇۋادان تېرەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىلدىكى تېرەك تېرەك تۈرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۈز، ئېگىز ئۆسىدىغان، شەكلى ۋە رەڭگى چىرايلىق بولغان تېرەك تۈرلىرىنىڭ بىرى. قارا تېرەك ئەڭ ئېگىز ئۆسكەندە 40 مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ. غولى ياكى شاخلىرى بولسۇن قەلەمنىڭ سېپىدەك تۈز ئۆسىدۇ. غولىنىڭ قوۋزاق، يۇپۇرماقلىرىنىڭ رەڭگىمۇ قارىغا مايىل كۆكۈش بولىدۇ. شۇڭا قارا تېرەك دەپ ئاتالغان. قارا تېرەكنىڭ غازىڭى چوڭ، ئېگىزگە قاراپ ئۆسىدۇ. قارا تېرەكنىڭ تۈۋىدە ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا يان شاخلىرى بولمايدۇ، ئېگىزلىگەنسىرى ھەر بىر مېتىر ئەتراپىدا بىر تال يان شاخلىرى بولىدۇ. يان شاخلىرىمۇ ئېگىزگە قاراپ تىك ئۆسىدۇ.
قارا تېرەكنى قەلەمچە قىلىپ ئۆستۈرسە ئەڭ ياخشى ئۆسىدۇ. بىر يىللىق بولغان شېخىنى كېسىپ ئېلۋىلىپ ، 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا قىلىپ توغراپ قىشتا ئورەككە كۆمۈپ توڭلىتىۋەتسە ناھايىتى ياخشى تۇرىدۇ. ئەتيازدا ئېتىزغا تىكىپ ئۇستىدىن سۇغۇرۋەتسە بىر يازدا بىر مېتىر ئەتراپىدا كۆكلەيدۇ. كېلەر يىلى ئەتيازدا ئالدىنقى يىلى كۆكلىگەن شېخىنى تۈۋىدىن كېسۋەتسە ئىككىنچى يىلى تۆت مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ.
قارا تېرەك 30 يىل ئەتراپىدا ناھايىتى ياخشى ياغاچ ئماتىريالى بولىدۇ. ئۆيگە لىم قىلىشقىمۇ، ئۆي جاھازىلىرى ياساشقىمۇ بولىدۇ. ياغاچنىڭ رەڭگى ئاق، سۈزۈك، يۈزى تەكشى، سۈپەتلىك بۇلۇپ، ھەر قانداق ئۇرۇندا بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.