جىلى-ئەنخۇي ئۇرۇشى

جىلى - ئەنخۇي ئۇرۇشى، 1920-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى يۈز بەرگەن، جىلى سىستېمىسى، ساۋ كۇن بىلەن ئەنخۇي سىستېمىسىدىكى دۇەن چىرۇينى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىپ تيەنجىن رايونىدا يۈز بەرگەن. 

نامى جىلى - ئەنخۇي ئۇرۇشى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار جىلى گۇرۇھىدىكى مىلىتارىستلار بىلەن فېڭتيەن گۇرۇھى ئارمىيەسى، ئەنخۇي گۇرۇھىدىكى مىلىتارىست
ۋاقتى 1920-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە
نەتىجىسى ئەنخۇي قوشۇنى مەغلۇپ بولدى
باش قوماندان دۇەن چىرۇي ، ۋۇ پېيفۇ ، ساۋ كۇن
ئورنى بېيجىڭ، خېبېي
ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى 200 دىن ئارتۇق ئادەم
خەنزۇچە نامى 直皖战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىلىئەنخۇي ئۇرۇشى1917-يىلى ئەنخۇي مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى، دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى دۇەن چىرۇي گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىش نامى ئاستىدا ياپونىيىدىن كۆپلەپ قەرز ئېلىپ، «ئۇرۇشقا قاتناشقۇچى ئارمىيە» تەشكىللەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تولۇقلاپ، جىلى مىلىتارىستلىرى بىلەن فېڭتيەن مىلىتارىستلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى، جىلى مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى ساۋ كۇن، ۋۇ پېيفۇلار فېڭتيەن مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتۋېشى جاڭ زولىن بىلەن بىرلىشىپ ئەنخۇي مىلىتارىستلىرىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ مەركىزىي ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالماقچى بولدى. 1920-يىلى 4-ئايدا ساۋ كۇن خېبېي، جياڭسۇ، جياڭشى، خۇبېي، خېنەن، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق سەككىز ئۆلكىنىڭ ۋەكىللىرىنى باۋدىڭغا يىغىپ، ئەنخۇي مىلىتارىستلىرىغا قارشى ئىتتىپاق تەشكىللىدى. 6-ئايدا ۋۇ پېيفۇ قوشۇن باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ خېنەن، خېبېيغا كىردى؛ جاڭ زولىن فېڭتيەن سىستېمىسىدىكى بىر بۆلەك قوشۇنىنى شەنخەيگۇەندىن كىرىشكە ئەۋەتتى. دۇەن چىرۇي قوشۇنلىرىنى «دۆلەتنى تىنچىتىش ئارمىيىسى» دەپ ئۆزگەرتىپ، ئۆزى باش قوماندان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئومۇمىي ھۇجۇم بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، جىلى-ئەنخۇي ئۇرۇشىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى.

جىلىئەنخۇي ئۇرۇشىجىلى سىستېمىسىدىكى مىلىتارىستلار «ئاسىيلارنى جازالاش ئارمىيىسى» تەشكىللەپ، ۋۇ پېيفۇنى دۈشمەنگە قارشى ئالدىنقى سەپ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىدى. جىلى، فېڭتيەن قوشۇنى شەرق، غەرب ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ گاۋ بېيديەن (خېبېيدىكى شىنچىڭ) ۋە ياڭسۈن (تيەنجىندىكى ۋۇچېڭ) قاتارلىق جايلاردا ئەنخۇي قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى، دۇەن چىرۇينىڭ مىڭ تەسلىكتە قۇرغان قوشۇنى 4-5 كۈن ئىچىدە پۈتۈنلەي تارمار بولدى. 7-ئاينىڭ 19-كۈنى دۇەن چىرۇي دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىلىقىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى، جىلى، فېڭتيەن ئارمىيىسىنىڭ بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىغا كېلىشى بىلەن جىلى-ئەنخۈي ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.

جىلى-ئەنخۇي ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى جىلى، فېڭتيەن مىلىتارىستلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن مىلىتارىستلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى ئۆتكۈرلەشتى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#