كۆك نۇر تېخنىكىسى

كۆك نۇر تېخنىكىسى

دولقۇن ئۇزۇنلۇقى بىر قەدەر قىسقا بولغان405nm  لىق كۆك رەڭ (Blu-ray) لىك لازېر نۇردىن پايدىلىنىپ، ئوپتىك دىسكىغا سانلىق مەلۇماتلارنى يېزىپ كىرگۈزۈش ۋە ئوقۇش (يېشىش) تەرتىپىنى قاچىلاش كۆك نۇر تېخنىكىسى دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى كۆك نۇر تېخنىكىسى
خەنزۇچە نامى 蓝光技术

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆك نۇر تېخنىكىسىدولقۇن ئۇزۇنلۇقى بىر قەدەر قىسقا بولغان405nm  لىق كۆك رەڭ (Blu-ray) لىك لازېر نۇردىن پايدىلىنىپ، ئوپتىك دىسكىغا سانلىق مەلۇماتلارنى يېزىپ كىرگۈزۈش ۋە ئوقۇش (يېشىش) تەرتىپىنى قاچىلاش كۆك نۇر تېخنىكىسى دەپ ئاتىلىدۇ. كۆك نۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن ئوپتىكىلىق دىسكا «كۆك نۇر دىسكىسى» (Blu-ray Disc، قىسقارتىلىپ BD) دەپ ئاتىلىدۇ.

«كۆك نۇر» ئۇقۇمى قىزىل رەڭلىك لازېر نۇرىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى DVD تېخنىكىسىدا DVD نىڭ ئوپتىكىلىق نۇر بېشى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 650nm  بولغان قىزىل رەڭلىك لازېر نۇرىنى تارقىتىش ئارقىلىق، سانلىق مەلۇماتلار يېزىپ كىرگۈزۈلىدۇ ۋە ئوقۇش (يېشىش) ئىجرا قىلىنىدۇ. تېخىمۇ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قانچە كىچىك (قىسقا) بولغان لازېر نۇرى بىرلىك ھەجىم جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ (ئۇزۇن) بولغان ئۇچۇرلارنى يېزىپ خاتىرە قالدۇرالايدۇ ھەم ئوقۇيالايدۇ. كۆك نۇرلۇق ئوپتىك دىسكا (BD-ROM) تېخنىكىسىدا، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 405nm  بولغان كۆكۈچ بىنەپشە رەڭلىك لازېر نۇرىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا ئارقىلىق، فوكۇس توغرىلاش يورۇقلۇق نۇقتىسىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى تېخىمۇ كىچىكلىتىلگەن بولۇپ، كۆك نۇرلۇق دىسكىنىڭ 

دىسكا يۈزىگە يېڭى تىپتىكى 0.1mm  قېلىنلىقتىكى ئوپتىكىلىق نۇر ئۆتكۈزگۈچنى قوغداش قەۋىتى سەپلەنگەن بولۇپ، دىسكىنىڭ پىرقىراپ ئايلىنىشى جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىق ۋە بىنورمال ئەھۋال ئازايتىلىپ، دىسكا ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇش ۋە قويۇش جەريانى زور دەرىجىدە ئاسانلاشتۇرۇلغان.

ئوپتىك دىسكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتە، كۆك نۇرلۇق ئوپتىك دىسكىنىڭ دىيامېتىرى 12cm بولۇپ، ئاددىي ئوپتىكىلىق دىسكا CD ۋە رەقەملەشتۈرۈلگەن ئوپتىكىلىق دىسكا DVD  نىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ئوخشاش.

ئوپتىك دىسكىنىڭ سىغىمى 

ئوپتىك دىسكىنىڭ سىغىمى جەھەتتە، DVD دىسكىسىنىڭ سىغىمى پەقەت 4.7GB بولۇپ، قوش يۈزلۈك قوش قەۋىتىنىڭ سىغىمىمۇ 17GB  دىن ئاشمايدۇ. ئەمما، بىر دانە تاق قەۋەتلىك كۆك نۇرلۇق دىسكىنىڭ ساقلاش سىغىمى 25GB  ياكى 27GB بولۇپ، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان 4 سائەتلىك كىنو-فىلىملەرنى بىمالال سىغدۇرالايدۇ. بىر دانە قوش قەۋەتلىك كۆك نۇرلۇق دىسكىنىڭ ساقلاش سىغىمى 50GB  غا يېتىدىغان بولۇپ، 8 سائەتلىك كىنو-فىلىملەرنى سىغدۇرالايدۇ، بۇ، 10 دانە DVD دىسكىسىنىڭ سىغىمى بىلەن باراۋەر. دىسكىنى «كۆك نۇرلۇق قويۇش ئاپپاراتى» (蓝光播放器) دا قويۇپ كۆرۈش جەريانىدا، ھەرقانداق ۋاقىتتا دىسكىنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ سېلىپ، ئاپپاراتنى قايتىدىن قوزغىتىشتەك مەشغۇلاتلارنى ئىشلەشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. يەنە ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، قوش يۈزلۈك قوش قەۋەتلىك كۆك نۇرلۇق دىسكىنىڭ قەۋىتىنى يەنە قەۋەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، كۆك نۇرلۇق دىسكىنىڭ سىغىمىنى 4 قەۋەتلىك100GB  ۋە 8 قەۋەتلىك 200GB قىلىپ كېڭەيتىشكە بولىدۇ.

سۈزۈكلۈك دەرىجىسى

كۆك نۇر تېخنىكىسىسۈزۈكلۈك دەرىجىسى جەھەتتە، DVD نىڭ ئېنىقلىقنى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى«NTSC 720X480»  ۋە «PAL 720X576» ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەمما، كۆك نۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن سۈرەتلەرنىڭ ئېنىقلىقىنى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى «1920 پىكسېل X 1080 پىكسېل» بولۇپ، پۈتۈنلەي يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى 1080P لىق ئۆلچەم ئاساس قىلىنغان. كۆك نۇرلۇق فىلىملەر «كۆك نۇرلۇق كۆرسىتىش ئاپپاراتى» دا قويۇلۇپ، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى 1080P بولغان كۆرسىتىش ئاپپاراتى (ئېكران) دا كۆرسىتىلگەندە، يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاش ئېغىزى (High Definition Multimedia Interface، قىسقارتىلىپ HDMI دەپ ئاتىلىدۇ) نى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق،DVD  نىڭ «NTSC 720X480» ئۆلچىمىدىكى سۈرەتلەرنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسنى 6 ھەسسە،«PAL 720X576» ئۆلچىمىدىكى سۈرەتلەرنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسنى 5 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

«كۆك نۇر» تېخنىكىسى ئوپتىكىلىق دىسكىنىڭ ساقلاش سىغىمى ۋە سۈزۈكلۈك دەرىجىسنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرىغا ساقلاش ۋە كۆرسىتىش تېخنىكىسى جەھەتتە سەكرەش خاراكتېرلىك تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

شۇنىڭ بىلەن، 2004-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى SONY،Panasonic،SAMSUNG ،LG ، SHARP،PHLIPS ،DELL، Hitachi،HP MITSUBISHI قاتارلىق 90 دىن ئارتۇق دۇنياغا داڭلىق كارخانىلاردىن تەركىپ تاپقان «كۆك نۇرلۇق دىسكا بىرلەشمىسى» (Blu-ray Disc Association)  قۇرۇلۇپ، كۆك نۇر تېخنىكىسى ۋە كۆك نۇرلۇق ئوپتىك دىسكا تەتقىقات خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، كۆك نۇر تېخنىكىسى ۋە كۆك نۇر دىسكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كېڭەيتىش ۋە بازارغا سېلىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاندى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#