بالىلار مەددە قۇرت كېسەللىكى

بالىلار مەددە قۇرت كېسەللىكى

بۇ كېسەللىك، يېمەك-ئىچمەك ۋە شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلماسلىقتىن، يېمەكلىك ماددىلىرى بىلەن ئۈچەيگە كىرگەن مەددە قۇرت تۇخۇمىنىڭ مەددىگە ئايلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كۆپرەك ئۇچرايدىغىنى قىلقۇرت، يەنى تۈتۈ مەددە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىر سانتىمېتىر بولغان قىلدەك ئىنچىكە مەددە چوڭ تەرەت بىلەن چىقىش، سوڭى قىچىشىش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

غەرب تېبابىتى نامى بالىلار مەددە قۇرت كېسەللىكى
كېسەللىك سەۋەبى يېمەك-ئىچمەك ۋە شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق
ئاساسلىق ئالامىتى سوڭى قىچىشىش، قورساق ئاغرىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىلار مەددە قۇرت كېسەللىكىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يېمەك-ئىچمەك ۋە شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلماسلىقتىن، يېمەكلىك ماددىلىرى بىلەن ئۈچەيگە كىرگەن مەددە قۇرت تۇخۇمىنىڭ مەددىگە ئايلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: كۆپرەك ئۇچرايدىغىنى قىلقۇرت، يەنى تۈتۈ مەددە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىر سانتىمېتىر بولغان قىلدەك ئىنچىكە مەددە چوڭ تەرەت بىلەن چىقىش، سوڭى قىچىشىش، قورساق ئاغرىش، كېچىسى بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: ھەشقىپىچەك ئۇرۇقى، تۇربۇت 20 گىرامدىن، سەبرىدىن ئالتە گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ (دورا ئىستېمال قىلىنىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۈرگە دورىسى ئىستېمال قىلىش كېرەك) .

2-رېتسېپ

بالىلار مەددە قۇرت كېسەللىكىتەركىبى: بىخ كەبىر، تاغ يالپۇزى، پىپننە، ئوبھەل، قىزىل لوبىيا، سېرىق ئوت 15 گىرامدىن، قۇندۇز قەھرى ئالتە گىرام، ئۈزۈم 30 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىمدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: بەرەڭگى كابېلى، تۇربۇت، قەمبىل 15 گىرامدىن، قىزىل لوبىيا، ئاچچىق قۇستە 20 گىرامدىن، ئەپسەنتىن رۇمى 30 گىرام، تاش تۇز ئۈچ گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ ھەر قېتىمدا بەش گىرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا سۈت بىلەن ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بالىلار مەددە قۇرت كېسەللىكى

http://xjtiwip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=734

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#