ئالما تورتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۈزۈملەر ساپلىرىدىن ئاجرىتىلىپ، ئىسسىق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. ئالمىنىڭ شۆپۈكى ئاقلىنىپ، 1 ~ 3 قولچىلىك قېلىنلىقتا توغرىلىنىدۇ. ئۇن، سودا، تۇز ۋە قوۋزاقدارچىنلار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. لىموننىڭ شۆپۈكى كېپەكتەك چانىلىپ، بۇ ئارىلاشمىغا قوشۇلىدۇ، تۇخۇم، شېكەر ۋە مارگىرىنلارمۇ قېتىلىدۇ. بۇلار مېۋە ئېزىش ماشىنىسىغا سېلىنىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاندىن سۇغا چىلاپ قويۇلغان قۇرۇق ئۈزۈم ۋە توغرالغان ئالمىلارمۇ بۇ ماشىنىغا سېلىنىپ، تەكرار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. كىچىكرەك بىر لېس(گۈل شەكىللىك لېس بولسا تېخىمۇ ياخشى) ياغلىنىدۇ، خېمىر ئۇنىڭغا تۆكۈلىدۇ. لېسنىڭ ئېغىزى ئاليۇمىن قەغەز بىلەن قاپلىنىپ، دۇخوپكىدا پىشۇرۇلىدۇ. ئۈستىگە ئېرىتىلگەن شاكىلات تۆكۈلۈپ، داستىغا كەلتۈرۈلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.