كۆز قوتۇرى
بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە كېسەل كىشىنىڭ ئىشلەتكەن لۆڭگە ۋە باشقا سايمانلىرىنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان دەسلەپتە كۆزگە بىر نەرسە كىرىۋالغاندەك سېزىلىش، كۆز قىچىشىش، چاپاقلىشىش، قاپاقلىرى چاپلىشىپ قالغاندەك، كۆزگە قۇم تىقىلغاندەك مەلۇم بولۇش، قاپاق ئىچى تەرىپىگە مۇدۇرلار پەيدا بولۇش، كېيىنچە مۇدۇرلار بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ جاراھەت ھاسىل قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە كېسەل كىشىنىڭ ئىشلەتكەن لۆڭگە ۋە باشقا سايمانلىرىنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: دەسلەپتە كۆزگە بىر نەرسە كىرىۋالغاندەك سېزىلىش، كۆز قىچىشىش، چاپاقلىشىش، قاپاقلىرى چاپلىشىپ قالغاندەك، كۆزگە قۇم تىقىلغاندەك مەلۇم بولۇش، قاپاق ئىچى تەرىپىگە مۇدۇرلار پەيدا بولۇش، كېيىنچە مۇدۇرلار بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ جاراھەت ھاسىل قىلىش، كۆز ياشاڭغىراش، كېيىنچە جاراھەتلەر كۆز ئالمىسىنى كاردىن چىقىرىپ تاشلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
كۆز قوتۇرىتەركىبى: شادنەج، يۇيۇلغان ئەدەس 30 گىرامدىن، كۆيدۈرۈلگەن مىس 25 گىرام، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، مۇرمەككى ئالتە گىرامدىن، بىخ مارجان، كەھرىۋا، تېشىلمىگەن مەرۋايىت، سازەج ھىندى 12 گىرامدىن، خۇنسىياۋشان، زەپەر ئۈچ گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ شىياف تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم قاپاقنى ئۆرۈپ تۇرۇپ سۈركىلىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: سەبرە سۇقۇترى 30 گىرام، تۇربۇت 20 گىرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 15 گىرام، سوقمونىيا 10 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئاخشىمى ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.