بالىلار پالىچى
يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى ئاساسلىقى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىشنى ئاساس قىلىنىدۇ. 1 ~ 6 ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ، ئاساسىي ئالامىتى قىزىش، پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش , ئېغىر بولغاندا پۇت-قوللىرى ئاغرىيدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پۇتقوللىرى ئاغرىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بىرنەچچە ئايلىقتىن بىرنەچچە ياشقىچە بولغان كىچىك بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان يۇلۇن ماددىلىرى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: مېڭە ۋە يۇلۇننىڭ مەلۇم قىسمىدا توسالغۇ پەيدا بولۇش سەۋەبلىك بىر ياكى ھەر ئىككى پۇتى پالەچلىنىپ ھەرىكەت قىلالماسلىق ھەم كېسەللەنگەن ئەزانىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچراپ، كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، ئامىلە، سانا، ئاق تۇربۇت، بىستىپايەج، ئۈستقۇددۇس، مەستىكى، ۋاسالغۇ 22 گىرامدىن، ھەسەل 792 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بادام يېغى بىلەن ياغلاپ، ئاندىن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گىرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا گاۋزىبان ئەرىقى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
پۇتقوللىرى ئاغرىتەركىبى: ھەسەل بىر كىلوگرام، سۇ ئىككى لىتىر، قەلەمپۇر، زەنجىۋىل، پىلپىل، گۈلدارچىن، قوۋزاقدارچىن، لاچىندانە 15 گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ھەسەلنى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ، تۆت چىنە سۇ قالغاندا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىچىلىدۇ.
ۋاكسىنا ئەملەش
بالىلار پارالىجىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىسىنى(脊髓灰质炎减毒活疫苗) ئۇرۇش كىرەك. دۆلەت بالىلار پارالىجىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن كۆپ مەبلەغ ئاجراتقان. بالىلارغا ئۇرۇدىغان دائىملىق ھەقسىز ۋاكسىنا ئىچىدە بۇ ۋاكسىنىمۇ بار. ئادەتتە كومۇلاج دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەمى تاتلىق،ئاق رەڭدە. ھەريىلى 3-ئايۋە 4-ئايدا شىنجاڭنى ئاساس قىلغان رايۇنلاردا كۈچەيىتمە ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ.
شىنجاڭدا كۈچەيىتمە ۋاكسىنا ئۇرىۋاتقىلى 20يىلدىن ئاشتى. شىنجاڭغا چىگرا ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە بالىلار پارالىج كۆپ تارقالغانلىقى ئۈچۈن شىنجاڭ خەتەرلىك يۇقۇم رايۇنى، شۇڭا شىنجاڭدا كۈچەيىتمە ۋاكسىنا ئۇرىلىدۇ. ۋاكسىنىنىڭ ئازراق ئەكىد تەسىرى بار،يەنى قىزىش ،ئىچى سۈرۈش،ئاساسەن ئىمونىت كۈچى ئاجىز بالىلاردا ئەكىس تەسىر كۆرىلىدۇ. تۇخماس قىپ قويىدۇ دىيىلگىنى ئۆسەك سۆز.
ۋاكسىنا سەۋەبلىك ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ ئاغرىپ قالسا ھۆكىمەت ساھىيە تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بىكىتكەندىن كىيىن ھەقسىز داۋالايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.