ساختا قۇياش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ساختا قۇياش1551-يىل 4-ئاينىڭ بىر كۈنى، گېرمانىيىدىكى ماگدېبۇرگ قورغىنى دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ، ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇ پەيتتە تۇيۇقسىز، ئاسماندائۈچ قۇياش پەيدا بولۇپ قالىدۇ، قورغاننى قورشىۋالغان دۈشمەن ئارمىيىسى ئۇنى يامانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ قاراپ، دەرھال چېكىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماگدېبۇرگ قورغىنى ئاخىرى خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ قۇياشلارنىڭ پەقەت بىرىلا راست، قالغىنى ساختا. بۇ «ساختا قۇياش» لار ئومۇمەن ئاسماندىكى بۇجغۇر قات بۇلۇتقا ئەگىشىپ پەيدا بولغان. بۇجغۇر بۇلۇت يەر يۈزىدىن 6000 مېتىر ئېگىزلىككە چىققاندا، تېمپېراتۇرا ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، بۇلۇت قاتلىمىدىكى پار تەركىبىنىڭ كۆپىنچىسى توڭلاپ ئالتە قىرلىق ئۇششاق مۇز كرىستالىغا ئايلىنىدۇ.
ئەگەرقۇياش نۇرى ئۇششاق مۇز كرىستالىنىڭ يان تەرىپىگە چۈشسە نۇر تالالىرىدا سۇنۇش كۆرۈلىدۇ. نۇر تالالىرى بىر قانچە قېتىم سۇنۇپ ئۆزگىرىش ياسىغانلىقتىن بۇجغۇر قات بۇلۇت قاتلىمىنىڭ ئوڭ-سول تەرەپلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قۇياش پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ قۇياش نۇرىنىڭ بۇلۇت قاتلىمىدىكى «ساختا قىياپىتى»، شۇڭا ئۇنى پەقەت «ساختا قۇياش» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بەزى چاغلاردا، قۇياش نۇرى مۇز كرىستالىغا چۈشكەندە، بەزى مۇز كرىستاللىرى ئالتە قىرلىق بولغاچقا، بۇ چاغدىكى قۇياش نۇرى خۇددى ئۈچ قىرلىق ئەينەكتىن ئۆتكەنگە ئوخشاش رەڭلەرگە ئاجرىلىپ چاقناپ تۇرغان رەڭلىك نۇر چەمبىرىكى ھاسىل قىلىپ، «ساختا قۇياش» نى قورشاپ تۇرىدۇ. بۇ خىل غەلىتە ئەھۋال دائىم ئۈچ قۇياشنىڭ بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ كۆرۈلىدۇ. بۇ ھال كىشىلەرنىڭ بۇ كۆرۈنۈشكە بولغان سىرلىق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.