رومەن رېيگنىس
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
رومەن رېيگنىس (ROmanReigns)، ئەسلى ئىسمى: Leati Joseph Anoa'i، ئۇ تېخنىكىسى ئىتايىن ياخشى بولغان ماھىر. 1985-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتى پېنساكولا شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئامېرىكا WWE كەسپىي چېلىش ماھىرى. ئىلگىرى كانادا زەيتۇن توپ تەنھەرىكەتچىسى بولغان، 2010 –يىلى تۇنجى قېتىم WWE سەھنىسىدە كۆرۈنگەن، بىر قېتىم WWE قوش كىشلىك چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ئۈچ قېتىم WWE دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى، بىر قېتىم WWE ئامېرىكا چېمپىيونى بولغان؛
2015–يىللىق خان جەمەتى كۈرىشى مۇسابىقىسنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى، 2016–يىللىق ئەسەبىي چېلىشىش مۇسابىقىسىدە HHHنى مەغلۇپ قىلىپ كەمەرنى قايتۇرۋالغان.
2016–يىللىق ھۆججەت توختام شوتا مۇسابىقىسىدە كەمەرنى قوغداپ قالالمىغان، ھەمدە سېس روللىنىسقا ئۇتتۇرۋەتكەن.
2016–يىلى 7–ئاينىڭ 25–كۈنى جەڭگاھ(جەڭ مەيدانى) PPV مۇسابىقىسىدە قايتىپ كېلىپ ئۈچ كىشلىك چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، رەقىبلىرى بولسا كونا مۇقەددەس قالقاندىكى سەپداشلىرىدىن سېس روللىنىس ۋە دېئەن ئەمبېروس ئىدى، بۇ مەيدان مۇسابىقە WWE دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئىدى، بىراق ئۇ چېمپىيونلۇقنى قولىغا ئالالمىغان. 2016–يىللىق PWI رەت-تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
WWE دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى، WWE ئامېرىكا چېمپىيونى، WWE قوش كىشىلىك چېمپىيون(سېس روللىنىس بىلەن، كېيىن بىگ شوۋ ئىشتىن ھەيدەلگەندىن كېيىن مەيدانغا بۆسۈپ كىرىپ گولداست ۋە ئىنىسى كودىغا ياردەم قىلىپ مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان)، 2015-يىللىق خان جەمەتى ئۇرۇشىنىڭ مۇنەۋۋەر غەلىبە قىلغۇچىسى.
مۇھىم ئىشلىرى: 2014-يىللىق خان جەمەتى ئۇرۇشىدا ئۆزى يالغۇز 12 ماھىرنى يەڭگەن، 2016– يىللىق PWI رەت-تەرتىپىدە بىرىنچى بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.