ئۈرۈمچى تۆمۈريول ترانسپورت مەكتىپى

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ترانسپورت مەكتىپى

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ترانسپورت مەكتىپى ئەسلى ئاساسى ئۈرۈمچى تۆمۈريول تېخنىكا مەكتىپى بولۇپ، 1973-يىلى ئۈرۈمچى شىمالىي بېيجىڭ يولى 9-نومۇردا قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ترانسپورت مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1973-يىلى
خەنزچە ئىسمى 乌鲁木齐铁路运输学校

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ترانسپورت مەكتىپى ئەسلى ئاساسى ئۈرۈمچى تۆمۈريول تېخنىكا مەكتىپى بولۇپ، 1973-يىلى ئۈرۈمچى شىمالىي بېيجىڭ يولى 9-نومۇردا قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 79333 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 17517 كۋادرات مېتىر. ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى باشقۇرىدىغان تۆمۈريول مىنستىرلىكىگە تەۋە مەكتەپ. 1983-يىلى تۆمۈريول مىنىستىرلىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۈرۈمچى تۆمۈريول ترانسىپورت مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىتىلمەكتە.

ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. تۆمۈريول ترانسىپورتى، تۆمۈيول ماشىنىلىرى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە پاراۋۇزى، تۆمۈريول سىگنالى، ئۇنىۋېرسال تېلېگراف، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى، ئېلېكترلەشكەن تېخنىكىسى ۋە قوللىنىش، ماشىنىسازلىق تېخنىكىسى ۋە ئۇنى قۇرۇش قاتارلىق سەككىز خىل كەسىپ تەسىس قىلىنغان. مەكتەپ ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكومدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. تەجرىبىخانا، پراكتىكا مەيدانىدىن 33 نى قۇرغان، ئۈرۈمچى غەربىي پويىز ئىستانسىسىدا مەكتەپ سىرتقى پراكتىكا بازىسى بار. مەكتەپ ئىچىدە تەنتەربىيە سارىيى، مۇستەقىل كۇتۇپخانا ۋە ئېلېكترلەشكەن قىرائەتخانا بار بولۇپ، ساقلىنىۋاتقان كىتاب 186377 پارچە، مەكتەپ كومپيۇتېر تورى جۇڭگو ئاممىۋى كۆپ مىدىئانلىق ئالاقىلىشى تورى، تور بېكىتى ۋە سىستېمىسىنى قۇرغان ھەمدە تۆمۈريول ئىدارىسى سىملىق تېلېۋىزىيىسى بىلەن تورلاشقان مەكتەپ يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور سىستېمىسىنى قۇرغان.

1999-يىلى دۆلەتلىك مائارىپ تۆمۈريول مىنىستىرلىكى مائارىپتىكى ئىلغار ئورۇن دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. 1998 يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك ئورۇن دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. 1999-يىلى تۆمۈريول مىنىستىرلىكىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالىشىغا قاتنىشىپ، بارلىق قاتناشتۇرۇلغان كەسىپلەر ئەلا بولۇپ باھالانغان. مەكتەپ 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 82 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1648 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 6000 نەپەردىن ئارتۇق كەسپى خادىم تەربىيىلىگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#