- سانا ()
- سانا (شەھەر)
- سانا (ئۆسۈملۈك)
سانا
سانا بولسا ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقى بۇلۇپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش رولى بار .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ساناسانا بولسا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كىچىك چاتقال ئۆسۈملۈك ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقى بۇلۇپ، ئۇچلۇق يوپۇرماق،يوپۇرمىقى نېپىز ۋە چۈرۈك، ئازراق پۇرىقى بار، تەمى سەل ئاچچىق كېلىدۇ، 10- ئايدا يوپۇرمىقى يېغۋىلىندۇ. ئەرەبىستان، ئافرىقىنىڭ شەرقىي، ھىندىستان، مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭجۇ، خەينەنداۋ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
غەيرىي تەبىئىي سەپرا، سەۋدا، بەلغەم خىلىتىنى سۈرۈش، مېڭىنى تازىلاش،قان تازىلاش، تېرىنى پارقىرىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش.
ھىندى ساناسىنىڭ تەركىبىدە سېننوزىدC (Sennocide C)، سانا گىلۇكوزىدى سېننوزىد A, B (Sennocide A,B) دىن باشقا يەنە رەۋەن كىسلاتاسى (Rhein)، خرىزفا نول (Chrsophanol)، خىرىزفانىك كىسلاتاسى (Chrysophanic acid) ئالوي ئىمودىن (Aloe -Emadin) ۋە ئىمودىن گلۇكوزىد (Emoding lucoside) قاتارلىقلار بار، مەككى ساناسى تەركىبىد %0.85~2.86 گىچە ئانتىرا كۇينۇدىن خىلىدىكى تەركىبلەر بار.
1. قىزىلگۈل بىلەن قاينىتىپ ئىچسە، بوۋاسىرغا پايدا قىلىدۇ.
2. سانا، قىزىلگۈل ۋە يېڭى سېغىلغان سۈتنى شېكەر بىلەن (قائىدە بويىچە سانا مەككىدىن ئەھۋالغا قاراپ ئالتە گرامدىن 12 گرامغىچە قىزىلگۈلدىن ئۈچ گرامدىن ئالتە گىرامغىچە ئېلىپ) بىرگە ئىچىپ بەرسە، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. سانا يوپۇرمىقىدىن ئۈچ گرامنى تالقان قىلىپ، ھەسەل بىلەن ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ئارقا – ئارقىدىن ئىچىپ بەرسە رېماتىزىمغا پايدا قىلىدۇ.
4. سانانى سۈت بىلەن ئىچكۈزۈلسە بالىلارنىڭ ئىچىنى كەلتۈرىدۇ.
5. 7 ~ 10 گرام سانا يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە قەۋزىيەتنى يوق قىلىدۇ.
6. سانانى مامىرانچىنى بىلەن سىركىگە چىلاپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركىسە، قىچىشقاق، دائىرلىك چاچ چۈشۈش ۋە تېرە سويۇلۇپ چۈشۈپ كېتىش كېسىلىگە، داغ، بەھەق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىتىرفىل سانا، مەجۇنى سانا
ئادەتلەرگەن قەۋزىيەت، تۇتقاقلىق (سەرئى)، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە)، جۇنۇن، ساراڭلىق، كونا باش ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقى، زىققە،ئۈچەي توسۇلۇش (قۇلۇنجى)، بوغۇم ئاغرىقى، تەپ، تارتىشىش، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش، تېرە سويۇلۇپ كېتىش، قىچىشقاق، دانىخورەك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.