لېئونىد ئىۋانوۋىچ روگوزوۋ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لېئونىد ئىۋانوۋىچ روگوزوۋ 1934-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان، 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭى لازارېف جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتى تۇرۇشلۇق پونكىتىنىڭ دوختۇرى.
لېئونىد ئىۋانوۋىچ روگوزوۋ1961-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپ يانپاش سۆڭىكى قىسىمى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن ھەمدە كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قالغانلىقىنى ھۆكۈم قىلغان. ھاۋارايى ناچار بولغاچقا، داۋالاش خادىملىرىنىڭ كېلىپ قۇتقۇزىشىغا ئامال بولمىغان. ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى ئۆزى ئوپىراتىسيە قىلىش قارارىنى دادىللىق بىلەن چىقارغان.
1961-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۇ سەپداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزى ئۆزىگە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيىسى قىلغان.
سەپداشلىرى سېسترا بولغان، ئۇ ئۆزى دوختۇر ھەم بىمارنىڭ رولىنى تەڭ ئالغان. ئوپىراتسىيەدە قىسمەن ناركوز قىلىش ئۇسۇلى قوللانغان، شۇنداق بولسىمۇ، ناركوز دورىسى نېرۋىسى غۇۋالىشىش قاتارلىق ناچار تەسىر كۆرسەتكەن. سەپداشلىرى تۇتۇپ بەرگەن ئەينەككە قاراپ، ئۇ قورسىقىدىن 12 سانتىمېتىرلىق تۆشۈك ئېچىپ ئوپىراتسىيە قىلغان. ئوپىراتسىيە 105 مىنۇت داۋام قىلغان. ئاخىرىدا ئۇ ئوڭۇشلۇق تاماملاپ بولغان ھەمدە يارا ئېغىزنى ئۆزى تىككەن. نەچچە كۈندىن كېيىن يىپلىرىنى ئوڭۇشلۇق تېرىۋەتكەن. شۇ يىلى ئۇ 27 ياشتا بولۇپ دۇنياغا داڭ چىقارغان.
ئۇ تارىختىكى ئەڭ قەيسەر دوختۇر: ئۆزىنى ئۆزى سوقۇر ئۈچەي ئوپراتسىيىسى قىلغان، بۇ پەقەت ھاياتلىق تىلەشتىكى ئىقتىدار بولۇپلا قالماي، ئىنسانلارنىڭ جاسارىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.