لائوسنىڭ دۆلەت بايرىقى

ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. ئۇ جۇڭگو، بىرما، تايلاند، كامبودژا، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى لائوس
ۋاقىت رايونى UTC+7
دۆلەت شېئىرى لائوس خەلق ناخشىسى
سىيسى تۈزۈلمىسى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى
خەنزۇچە نامى 老挝人民民主共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا قىتئەسى
پايتەختى ۋيېنتيان شەھىرى
دۆلەت تىلى لائوس تىلى
نوپۇسى 689 تۈمەن (2014)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لائوسھىندىچىنى يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. ئۇ جۇڭگو، بىرما، تايلاند، كامبودژا، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ، يەر مەيدانى 236 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

 ئاھالىسى 3 مىليون 850 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) ، 60 نەچچە مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 2/3 قىسمىنى لائوس مىللىتى، قالغىنى مياۋ، كاتەي قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن جۇڭگولۇقلار تەشكىل قىلىدۇ، لائوس تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. پايتەختى ۋيېنتيان شەھىرى.

 لائوس يەر ۋەزىيىتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ، تاغلىقلار بىلەن ئېگىزلىكلەر دۆلەتنىڭ % 80 يېرىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا بۇ جاي «ھىندىچىنىنىڭ ئومۇرتقىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، مېكو دەريا بويلىرىدا قار، ئۇزۇن سوزۇلغان تۈزلەڭلىكلەر بار.

لائوس ئىقلىمى تروپىك موسسونلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20-℃26 كېلىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1250-3740 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. 11-ئايدىن ئىككىنچى يىلنىڭ 4-ئايغىچە شەرقىي شىمال پاسسات شاماللىرى سوقۇپ تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىت قۇرغاق پەسلى دېيىلدۇ، 5-ئايدىن 10-ئايغىچە غەربىي جەنۇب موسسونلىرى سوقىدۇ، بۇ ھۆلچىلىك پەسلى دېيىلىدۇ.

 پۈتۈن دۆلەتنىڭ % 74 يېرىنى ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ، بۇ جايدا قىممەت باھالىق ھەرخىل ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئورمانلىقلاردا توز، پىل، يولۋاس، كەركىدان قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ. كان بايلىقلىرىدىن تۆمۈر، قەلەي، مىس، كۆمۈر، گىپىس، تۇز قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار.

لائوس لائوس مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت بولۇپ، بىر مىڭ يىل بۇرۇنلا دۆلىتىمىز بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغان. 14-ئەسىردە خېلى گۈللەنگەن، 1893-يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، ئۇرۇشتىن كېيىن فرانسىيە قايتا ئىگىلىگەن، 1953-يىلى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1975-يىلى لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

 لائوس يېزا ئىگىلىك دۆلەت، ئاھالىنىڭ %90 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شال ئەڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىدىن قالسا كاۋچۇك، كۆممىقوناق، كاۋاۋىچىن، قاقىلە، كېۋەز، سېرىق كەندىر، كوفې، شېكەر قوڭمۇشى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي، چوشقا ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. بېلىقچىلىقمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

لائوس سانائەتتە شال ئاقلاش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك، سېمونت، توقۇمىچىلىق، كاۋچۇك، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، تاماكا قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. قاتناش-ترانسپورتىدا تاشيولنى ئاساس قىلىدۇ. مىكونگ دەرياسى مۇھىم سۇ قاتناش تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. لائوس كان مەھسۇلاتلىرى بىلەن دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكھەردە كەندىر توقۇمىچىلىق، قەغەز، ماشىنىسازلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/7471.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#