ۋاراناسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋاراناسى ھىندىستاننىڭ قەدىمىي شەھىرى، مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، ھىندى دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى، بۇ جايدا 1500 دىن ئوشۇق بۇتخانا ۋە باشقا تارىخىي ئاسارە ئەتىقە ئورۇنلىرى، كونا قۇرۇلۇشلار، مۇنارىلار، سارايلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە 1750-يىلى سېلىنغان «ئالتۇن ساراي» ناھايىتى مەشھۇر. ۋاراناسى شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 607 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ 3/1 قىسمىنى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ھىندىلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي مەركىزى ھېسابلىنىدۇ .
ئالتۇن بۇتخانا ، ۋاراناسىدىكى نۇرغۇن ئىبادەتخانا ئىچىدىكى داڭلىق ئىبادەتخانا ھىندى دىنىنىڭ سىۋا ئىلاھىغا تاۋاپ قىلىدىغان جايى بۇلۇپ ، گانگ دەرياسى سۇ ئۈزۈش مەيدانىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ، 1776 - يىلى قۇرۇلغان . ئۇنىڭ ، ئۆگزىسى كېمىر شەكىلىدە بولۇپ ، قۇياش نۇرى ئاستىدا چاقناپ تۇرىدۇ . ساياھەتچىلەر ھىندى دىنى مۇرتى بولمىسا ئىبادەتخانىغا كىرىشكە بولمايدۇ . ئالتۇن بۇتخانا دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەبى ، ئۇ بىر دانە ئالتۇن ئۇچلۇق مۇنار ، بۇنىڭغا 880 مىڭ كىلوگىرام ئالتۇن ئىشلىتىلگەن .
ھەر يىلى بۇ شەھەرگە كېلىپ تاۋاپ قىلىپ قايتىدىغان كىشى 2، 3 مىليوندىن ئاشىدۇ. تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ سۇغا چۆمۈلۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن گانگى دەرياسى بويىغا پەلەمپەيلەر ياسالغان، بۇنىڭ بىلەن قاتار قىلىپ نۇرغۇن سارايلار سېلىنغان، شەھەردە مەخسۇس تاۋاپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان راھىپلار، قېرىلار، دىندارلار، كەمبەغەللەر بار. نۇرغۇن دىن مۇخلىسلىرى بۇ شەھەرگە توپلىنىپ «ئۆز ئۆمرىنى ياشارتىش» بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ھىندىستان بويىچە ئەڭ قاينام-تاشقىنلىق شەھەرلەرنىڭ بىرى، شەھەرنىڭ سودىسى تەرەققىي قىلغان.
دەرياشەھەردە 1882-يىلى گانگى دەرياسىغا سېلىنغان چوڭ كۆۋرۈك، 1921-يىلى قۇرۇلغان ھىندىستان داشۆسى، ئەڭ چوڭ ھىندى تىلى كىتابخانىلىرى، قىرائەتخانىلار بار. شەھەردە ئايرودروم، يىپەكچىلىك، گىلەمچىلىك كارخانىلىرى ۋە باشقا ھەرخىل قول سانائەت ئورۇنلىرى بار. زامانىۋى سانائەتلەردىن توقۇمىچىلىق، گۈرۈچ ئاقلاش، ياغ چىقىرىش، تېرە-خۇرۇم، ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، خىمىيە، سېمونت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئۇنىڭ ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى دۆلەت بويىچە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
دەرياگەنگې دەرياسى ھىندىستاننىڭ ئانا دەرياسى . نۇرغۇن ھىندى دىنى مۇرىتلىرى بىر ئۆمۈر ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى يۇيۇپ چىقىرىش ۋە كېسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، دەرياغا چۈشۈپ يۇيۇنىدۇ . ئۇلار ، بۇ دەريادا يۇيۇنغاندىن كىيىن روھى پاكلىنىپ ئەرشكە چىقىپ كەتتى دىيشىدۇ . يەنە ئۆلگەن ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ جەسەت كۈلنى مۇشۇ دەرياغا قۇيۇپ بىرىدۇ .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.