دېڭىز سۈيى

دىڭىز سۈيى

يەر شارى يۈزىنىڭ %71 تى سۇ بىلەن قاپلانغان بولۇپ بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېڭىز-ئوكيان سۇلىرى. شۇنچە كۆپ سۇ بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ تۇرۇمۇشى ۋە تىرىكچىلىكى ئۈچۈن سۇ يىتىشمەسلىك ئەھۋالى دۇنيا خاراكتىرلىك بىر مەسىلە. چۈنكى مۇتلەق كۆپ مىقتاردىكى دېڭىز-ئوكيان سۈيى تۇزلۇق. 

ئۇيغۇرچە دېڭىز سۈيى
چەتئەلچە نامى seawate
خەنزۇچە 海水
تەركىبى سۇ، تۇز، مىنرال ماددىلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دىڭىز سۈيى  يەر شارى يۈزىنىڭ %71 تى سۇ بىلەن قاپلانغان بولۇپ بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېڭىز-ئوكيان سۇلىرى. شۇنچە كۆپ سۇ بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ تۇرۇمۇشى ۋە تىرىكچىلىكى ئۈچۈن سۇ يىتىشمەسلىك ئەھۋالى دۇنيا خاراكتىرلىق بىر مەسىلە. چۈنكى مۇتلەق كۆپ مىقتاردىكى دېڭىز-ئوكيان سۈيى تۇزلۇق. 

ساپ سۇ نورمال شارائىتتا رەڭسىز، پۇراقسىز، سۈيۈقلۇق ھالەتتىكى بىرىكمە. سۇ مولىكولىسىنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى ئوكسىگىن ۋە ھىدروگىن بولۇپ، بىر تال سۇ مولىكولىسى بىر ئوكسىگىن ئاتومى بىلەن ئىككى ھىدروگىن ئاتومىنىڭ 114.5 گرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ باغلىنىپ تۇرىشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئاتوملار ئارىسىدىكى باغ ئېنىرگىيەسى كۈچلۈك بولغانلىقتىن نورمال ئېنىرگىيە شارائىتىدا بۇ ئاتوملار پارچىلىنىپ كەتمەي مۇقىم ھالىتىدە تۇرىدۇ. نورمال ئاتموسڧىرا بېسىمىدا سۇيۇقلۇق ھالەتتىكى سۇ 0 گرادۇستىن 100 گرادۇسقىچە ئارلىقتا مەۋجۇت بولىدۇ، 0 گرادۇستىن تۆۋەن ھالەتتە كىرىستاللىنىپ قاتتىق ھالەتتىكى مۇزنى شەكىللەندۈرسە، 100 گرادۇستا قايتاپ زور مىقتاردا گازغا ئايلىنىدۇ. قاتتىق، سۈيۈق ۋە گاز ھالەتتە بولىشى ئۇنىڭ مولىكوللىرىنىڭ ئارلىقى ۋە ھەركىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سۇنىڭ خىمىيلىك تەركىبى ئۆزگۈرۈپ كەتمەيدۇ. 

بايان قىلىنغان بۇ مەلۇماتلار پەقەت ساپ سۇ ھەققىدىكى مەلۇماتلار. لېكىن، يەر يۈزىدىكى سۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ساپ ھالەتتىكى سۇ بولماستىن تەركىبىدە ھەرخىل مىنىراللار، تۇزلار ۋە باشقا ئارلاشما ماددىلار مەۋجۇت بولىدۇ. بۇنداق بولىشى دېڭىز-ئوكيان بىلەن يەر يۈزىدىكى سۇنىڭ ئايلىنىش سېستىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

دېڭىزدىكى سۇلار كۈن نۇرىدا پارلىنىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ بۇلۇت ۋە شامال ھاسىل قىلىدۇ. شاماللارنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن بۇلۇتلار يەز يۈزىدىكى قۇرۇقلۇقلارنىڭ ئۈستىگە سۈرۈلۈپ بارىدۇ، پارچە-پارچە بۇلۇتلار بىرلىشىپ، سىقىشىپ سۇيۇق ھالەتتىكى سۇغا ئايلىنىدۇ ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە يەرگە يامغۇر بولۇپ چۈشىدۇ. ئەگەر يۇقىرى بوشلۇقتا ھاۋا تېمپىراتۇرىسى 0 دىن تۆۋەن بولسا بۇ گازلار مۇزغا (مۆلدۈرگە) ئايلىنىپ يەرگە چۈشىدۇ. ئېگىز تاغ چوقىلىرىدا ھەمدە قىش كۈنلىرىدە ھاۋا سوغۇق بولغاچقا ناھايىتى كىچىك ئۇششاق مۇز كىرىستاللىرىغا يەنى قارغا ئايلىنىپ چۈشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە يەر يۈزىدىكى ئىنسانلار تۇرۇمۇشىدا ئېھتىياجلىق بولغان تاتلىق سۇنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى. 

تاغلاردىكى قارلارنىڭ ئېرىشى بىلەن چوڭ دەريالارنى ھاسىل قىلغان سۇلار ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن كىيىن يەنە دېڭىزغا قايتىدۇ ، يەرقاتلىمىغا سىڭىپ كىرىپ كەتكەن سۇلار يەر يۈزىنىڭ بەزى يەرلىرىدىن بۇلاق بولۇپ چىقىدۇ ۋە يەنە ئېقىم ھاسىل قىلىدۇ. ئادەتتە قۇرۇقلۇق دېڭىز يۈزىدىن ھامان ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتىقى چوڭ چوڭ ئېقىن سۇلار ئاخىرقى ھىساپتا يەنىلا دېڭىزغا قايتىدۇ... 

«تۇزلۇق» دېگەندە سۇدىكى تۇزنىڭ مىقتارى ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەيلى ئاقار دەريا سۇلىرى بولسۇن، تاتلىق كۆل سۇلىرى بولسۇن سۇدا مەلۇم مىقتاردا تۇز بولىدۇ، بۇ تۇزنىڭ مىقتارى بىزنىڭ تېتىش سېزىمىزگە نىسبەتەن ناھايىتى ئاز بولغاچقا «تۇزسىز» ھېساپلىنىدۇ. دېمەك تاتلىق سۇلاردىمۇ بەلگىلىك مىقتاردا تۇز بولىدۇ. يۇقىرىقى بايانلاردا دېڭىز سۇلىرىنىڭ كۈن نۇرىدا پارلىنىپ بۇلۇتقا ئايلىنىپ قۇرۇقلۇققا يامغۇر، قار بولۇپ ياغىدىغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا يەنە دېڭىزغا قايتىدىغانلىقىنى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇ جەرىياندا تاغلاردىكى قۇرام تاشلارنى، قۇرۇقلۇقتىكى، يەر ئاستىدىكى ماددىلارنى ئېرىتىپ ماڭىدۇ، مانا بۇ بىز ئىشلىتىدىغان سۇدىمۇ بەلگىلىك مىقتاردا تۇزنىڭ بولىشىنىڭ سەۋەبى. ئەمدى دېڭىز سۇلىرىنىڭ نېمىشقا تۇزلۇق بولىدىغانلىقىغا كەلسەك، بۇ يەر يۈزىدىكى سۇنىڭ ئايلىنىش سېستىمىسى بىلەن مۇماسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. يەنى، مۇنداق پەرەز قىلساق: مىليون يىللار ئىلگىرى دېڭىز سۇلىرى «تاتلىق» بولۇپ، مىليون يىللاردىن بېرى قوياش نۇرىنىڭ قىزدۇرىشى بىلەن بۇ سۇلار پارغا ئايلىنىپ قۇرۇقلۇققا چۈشۈپ يەنە دېڭىزغا قايتىپ كەلگەن. ئەلۋەتتە قۇرۇقلۇقتا يانار تاغلار يەر ئاستىدىكى مەدەنلەرنى، تۇزلارنى يەر يۈزىگە چىقىرىپ تۇرىدۇ، دېڭىز سۇلىرى يامغۇر بولۇپ قۇرۇقلۇقتىكى بۇ تۇزلارنى ئېرىتىپ دېڭىزغا قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. دېڭىزدىكى سۇلار بولسا يەنە پارلىنىپ ئوخشاش ئۇسۇلدا يەنە يەر يۈزىگە تاتلىق سۇ ھالىتىدە چۈشىدۇ... يەر يۈزىدە بۇنداق ئايلانما شۇنچە كۆپ يىللاردىن بېرى تەكرارلىنىپ تۇرىشى بىلەن دېڭىز سۈيىدىكى تۇز مىقتارى بارا-بارا ئارتىپ ھازىرقىدەك تۇزلۇق ھالەتكە كەلگەن. شۇڭا پەرىزىمچە، دېڭىزنىڭ تۇزلۇق دەرجىسىى بارا-بارا ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. 

دېڭىز سۇيىنىڭ تۇزلۇق بولىشىنى چوڭ بىر ھىكمەت دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئەڭ ئالدى بىلەن دېڭىز يەر يۈزىدىكى ھاۋا كېلىمات تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئاساسى ھېساپلىنىدۇ. دېڭىزدىكى سۇلارنىڭ پارلىنىشى بولغاچقا شامال ۋە يامغۇر مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ ئەلبەتتە پارلىنىش مىقتارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پارلىنىش مىقتارى ۋە شامال بولسا دېڭىز سۇيىنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش مىقتارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تۇزلۇق سۇلارنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشى، ساقلىشى ھەمدە پارلىنىشى تاتلىق سۇلار بىلەن ئوخشىمايدۇ، يەنى سۇنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشى تۇز مىقتارى بىلەب مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. 

بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە كۆپ مىقتاردىكى سۇ پارغا ئايلىنىپ كۆپ مىقتاردا يېغىن ۋە كۈچلۈك شاماللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن ئېدى. بۇنداق غەيرى تەڭپۇڭسىز ھاۋا كىلىماتى بەلكىم ئىنسانلارنىڭ نورمال ياشىشىغا ماس كەلمىگەن بولىشى مۇمكىن ئېدى. 

يەنە بىر تەرەپتىن دېڭىز سۇلىرى قىش كۈنلىرى مۇز بولۇپ قاتمايدۇ. ئەگەر دېڭىز يۈزى مۇز بولۇپ قېتىپ كەتكەن بولسا دېڭىزدىكى ۋە دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇقتىكى سۇنىڭ ئايلىنىشى توختاپ قالغان بولاتتى، دېڭىز ئاستىدىكى جانلىقلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر ياشىيالمىغان بولاتتى، يەر يۈزىدىكى ئوكسىگىن مىقتارى زور دەرجىدە ئازلىغان بولاتتى. ئىلمي تەتقىقات پاكىتلىرىغا ئاساسلانغاندا يەر يۈزىدىكى ئوكسىگىننىڭ تەخمىنەن %50 تىن كۆپىرەكىنى دېڭىز-ئوكيانلاردىكى لەيلىمە ئۆسۈملۈكلەر تەمىنەيدىكەن. بۇ لەيلىمە ئۆسۈملۈكلەر قوياشتىن كەلگەن نۇرنىڭ دېڭىزنىڭ يۇقىرى قەۋىتىگە يېتىپ كىشى بىلەن ڧوتوسىنتىز ئارقىلىق ئوكسىگىن ئاجىرىتىپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا ئەگەر مۇز تۇتۇپ كەتكەن بولسا دېڭىز يۈزىدىكى دولقۇنلار بىلەن ۋە سۇنىڭ سۈمۈرىشى بىلەن ئەسلىدىنلا ئاجىزلىشىپ كەتكەن نۇر تېخىدىنمۇ ئاجىزلىشىپ كىتەتتى ھەمدە بۇ ئۆسۈملۈكلەر ئوكسىگىن ئىشلەپ چىقاردى دېگەن تەقتىردىمۇ بۇ ئوكسىگىنلار دېڭىز يۈزىدىكى ھاۋا بوشلۇقىغا چىقالمايدۇ.

ئەگەر دېڭىز سۇيى تۇزلۇق بولمىغان بولسا دېڭىزنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا بۇ خىل تۇزلۇق سۇ مۇھىتىغا ئادەتلەنگەن بېلىقلار ياشىيالماسلىقى مۇمكىن ئېدى، شۇنداق بولسا دېڭىز-ئوكيان ئېكىلوگىيەلىك تەڭلۇڭلۇقى بولمايتتى ۋە بۇ قۇرۇقلۇق ئىكىلوگىيەسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. 

يىغىپ ئېيتقاندا، دېڭىز سۇيىنىڭ تۇزلۇق بولىشىمۇ بىر ھېكمەت ۋە غەنىمەت بولۇپ، ئۇنداق بولمىغاندا نە دېڭىزدىكى جانلىقلار نە قۇرۇقلۇقتىكى جانلىقلار غەيرى نورمال ئىكولوگىيە تەسىرىدىن ياشىيالمىغان بولاتتى. ئەگەر يۇقىرىدىكى دېڭىز سۇيىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇزلۇق بولىدىغانلىقىغا بېرىلگەن تەبىر ۋە پەرەز توغرا بولسا يەر شارىدا ئاستا - ئاستا ھۆل يىغىن ئازلاپ ماڭغان، ھاۋا قۇرغاقلىشىپ، تاتلىق سۇ ئازلاپ ماڭىدۇ. دېڭىز ساھىللىرىدا كۈندۈزلىرىگە قارىغاندا كېچىللىرى كۆپ شامال چىقىدۇ.

 [1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#