مامسا

بۇ كۆكنار ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك مامسا، يەنى ياۋا كۆكنار بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، مېۋە سۈيى ياكى پۈتۈن چۆپى «مامسا» ياكى «بەن پوستى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

دورا نامى مامسا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 丽春花

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كۆكنار ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك مامسا، يەنى ياۋا كۆكنار بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، مېۋە سۈيى ياكى پۈتۈن چۆپى «مامسا» ياكى «بەن پوستى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. مېۋىسى خەشخاش بەھرىگە ئوخشايدۇ، چوڭلۇقى قارا كۈنجۈت مىقدارىدا، رەڭگى سېرىق قارىغا مايىل، ئاسان سۇنىدۇ، ئاچچىق سۈيى بار، تەمى ئاچچىق.

پۈتۈن چۆپىدە زەھەرلىك خۇسۇسىيەت ئاجىزراق بولغان ئالكالوئىدلاردىن رېئادىن (Rhoeadine)، رىئاگېنىن (Rhoeagenin)، پىروتوپىن (Protopine)، قاتارلىقلار، ئۇرۇق پوستىدا مورفىن (Morphine)، ناركوتىن (Narcotine)، تېجائىن (Thebaine) ئۇرۇقى، %47.6 ياغ قاتارلىقلار بار.

مورفىن، ناركتنىن، تېبائىن قاتارلىقلارنىڭ ئۇخلىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۆتەل توختىتىش تەسىرى بار، ئۇرۇقى تەركىبىدىكى پولىساخارىد تۈرىدىكىلەرنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، سوۋۇتۇش، قۇرۇتۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش.

ئىسسىقتىن بولغان كۆز ياشاڭغىراش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقى، ئىچى سۈرۈش، باش ئاغرىش، ئىسسىقتىن بولغان پۇت - قول بوغۇملىرىنىڭ ئاغرىقى ۋە ئىششىقى، يەل تاشما، پۇت - قول ئۇيۇشۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. مامسا ئۇسارىسىنى سۇيۇلدۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق، سىفلىس، ئوتتا كۆيگەن كۆيۈك، ئۈچەي ئېچىشىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ ھەم چوڭ بوغۇم ئاغرىقلىرىنى توختىتىدۇ.

2. مامسا بەش گىرام، تاباشىر ئۈچ گىرام، سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. مامسا ئۈچ گىرام، مەرۋايىت كۈشتىسى 1.5 گىرام، سۈرمە تەييارلاپ كۆزگە تارتسا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3~6 گىرام.

تالغا زىيان قىلىدۇ.

تاتلىق بادام، ھەسەل.

سۇماق.

ئېلىمىزدىن ۋە ياۋروپادىن چىقىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#