يوكوخاما
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يوكوخاما شەھىرى ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا پورتى، دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق پورتلارنى بىرى. توكيو، ئوساكالاردىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى، توكيو-يوكوخاما سانائەت رايونىنىڭ مۇھىم يادروسى. بۇ شەھەر توكيو قولتۇقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، توكيونىڭ سىرتقى پورتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر مەيدانى 435 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 3 مىليون 719 مىڭدىن ئاشىدۇ(2015-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى). شەھەردىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1972-يىلى سېلىنغان.
شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبلى، كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، ئېلېكتر ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پولات-تۆمۈر، خىمىيە قاتارلىق سانائەتلىرى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇرىدۇ. بۇ پورت ئارقىلىق ئاپتوموبىل، پاراخوت قاتارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق سانائەت خام ئەشيالىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ. شەھەرنىڭ سانائىتىدىن باشقا سودا-سېتىق، پەن-تېخنىكا، قاتناش ترانسىپورت، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.