تارىم توغراق باغچىسى

تارىم توغراق باغچىسى

تارىم توغراق ئورمىنى دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىنىڭ كۆلىمى 100 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ شەرقىي شىمال چېتىگە، تارىم دەرياسى نىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا، بايىنغۇلىن ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇق تاشيولىغا 70 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئىپتىدائىي توغراقلىق باغچىسى، شۇنداقلا پۈتكۈل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئىپتىدائىي توغراق ئورمىنى ئەڭ مەركەزلەشكەن رايون ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى تارىم توغراق باغچىسى
قاراشلىق رايون شىنجاڭ
ئومۇمىي كۆلىمى 100 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 塔里木胡杨林公园
جۇغراپىيەلىك ئورنى بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇق تاشيولى 70 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا
مۇھاپىزەت رايونى دەرىجىسى دۆلەت دەرىجىلىك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تارىم توغراق باغچىسىتارىم توغراق باغچىسى، دۆلەت ئورمان باغچىسى، تارىم دەرياسىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، توغراق مەنزىرىسى، قۇملۇق مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ئىپتىدائىي توغراقلىق مۇھاپىزەت رايونى. توغراق بولسا مىلادى ئۈچىنچى ئەسىردىن  قالغان قەدىمىي دەرەخ تۈرى ، قۇملىشىش سەۋەبىدىن ئۆزگەرگەن بىر خىل ئۆسۈملۈك، ئۇنىڭ قىممەتلىك دەرىجىسى كۈمۈش ئۆرۈك بىلەن تەڭ، ناھايىتى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە، تىرىك قاتما دېگەن نامىمۇ بار. 

تارىم توغراق باغچىسىتارىم توغراق باغچىسى، دۆلەت ئورمان باغچىسى، تارىم دەرياسىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، توغراق مەنزىرىسى، قۇملۇق مەنزىرىسى، نېفىت سانائىتى مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، سەيلە-ساياھەت، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، دالا ئېكىسپىدىتسىيە قىلىش، ئىلمىي تەكشۈرۈش، ۋاقىتلىق دەم ئېلىش بىرگەۋدىلەشكەن تەبىئىي مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى. باغچە ئىچىدە ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت ئورنى، رايون ساياھەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش رايونىغا بۆلۈنگەن. ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت ئورنى يېمەك- ئىچمەك، ياتاق، كۆڭۈل ئېچىش ۋە مال سېتىۋېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئورنى ؛ 17 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا 126 ساياھەت رايونى ھەمدە ئايلانما يول بار، يول بويى خىلمۇخىل توغراق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بار؛ ئىستىراھەت كۆڭۈل ئېچىش رايونى 13 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى  ھالقىسىمان تۆمۈر يول ۋە نۇرغۇن كىچىك ساياھەت ئورمانلىقتىكى كۆللەردىن تەركىب تاپىدۇ. سەيلە پويىزىغا ئولتۇرۇپ، ياپيېشىل چىملىقلار، يۇلغۇنلار، قومۇشلۇقلار، دەريا، كۆللەرنى ئايلىنىپ، ساياھەت قىلغىلى بۇلىدۇ. قىش كېتىپ، باھار كەلگەندە ياۋا تۆگە، ياۋا توڭگۇز  بۇغا قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانلار ئورمان ئارىسىدا پەيدا بۇلىدۇ، ئاققۇ، ياۋا ئۆردەك، ياۋا غاز قاتارلىق ھەر خىل سۇ قۇشلىرى كۆل يۈزى ئۈستىدە  توپ-توپ بۇلۇپ پەرۋاز قىلىدۇ. كۈز پەسلىدە ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى سۈرەتتەك تۈسكە كىرگۈزىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#