يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى

يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى يادرو قورالىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قوغداش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئېكسپورت قىلىش ھەم توشۇشنى چەكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يادرو قورالىغا مۇناسىۋەتلىك خام ماتېرىيال ۋە تېخنىكىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش مەقسىتىدە 1975-يىلى قۇرۇلغان دۆلەت ھالقىغان تەشكىلات.

نامى يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى
خاراكتىرى دۆلەت ھالقىغان تەشكىلات
قۇرۇلغان ۋاقتى 1975-يىلى
مىزانى يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش مىزانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى يادرو قورالىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قوغداش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئېكسپورت قىلىش ھەم توشۇشنى چەكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يادرو قورالىغا مۇناسىۋەتلىك خام ماتېرىيال ۋە تېخنىكىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش مەقسىتىدە 1975-يىلى قۇرۇلغان دۆلەت ھالقىغان تەشكىلات.

1974- يىلى 5-ئايدا، ھىندىستان يادرو قورالىنى يوشۇرۇن سىناق قىلدى. بۇ ۋەقە يادرو قورالى يوق دۆلەتلەرنىڭ يادرو قورالى تېخنىكىسىغا ئىگە بولسىلا، يادرو قورالى بار دۆلەتكە ئاسانلا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. «يادرو قورالى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك شەرتنامىسى» ئىمزالىغان دۆلەتلەر يادرو قورالى ئەسلىھەلىرى، يادرو قورالى ماتېرىياللىرى ۋە يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى قاتتىق چەكلەش زۆرۈر، دەپ قارىدى. 1975-يىلى كانادا، ياپونىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق يادرو قورالى تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق يەتتە دۆلەت لوندوندا كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، «يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش مىزانى» ۋە «ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار تىزىملىكى» نى ماقۇللىدى. كىشىلەر بۇنى «لوندون كۇلۇبى» ، يەنى «يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى» ، دەپ ئاتىدى.

يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى ئەزا دۆلەتلەرنى «يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش مىزانى» ئارقىلىق چەكلەپ تۇرىدۇ. مىزاندا ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار تىزىملىكىدىكى ماتېرىياللارنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ نازارەت قىلىشىنى تەكلىپ قىلىش؛ نازۇك ماتېرىياللار (مەسىلەن :كېيىن بىر تەرەپ قىلىش، ئۇران قويۇلدۇرۇش ۋە ئېغىر سۇ ئىشلەپچىقىرىش) نى قاتتىق نازارەت قىلىش بەلگىلەنگەن. مەزكۇر گۇرۇھ قەرەلسىز يىغىن ئېچىپ، «مىزان» ۋە «تىزىملىك» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ چىقىدۇ، گۇرۇھنىڭ قارالمىسىدا «مەسلىھەتلىشىپ بىردەك پىكىرگە كېلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىش بەلگىلەنگەن. يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان باشقا گۇرۇھلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى مۇنداق ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان: بىرىنچى، ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەشنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش شەرتىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش دائىرىسى يادرو قورالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى خىل ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر، ماتېرىياللار ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى 1975-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، 2004-يىلى دۆلىتىمىز جۇڭگومۇ ئەزا بولدى. ھازىر يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ جەمئىي 46 ئەزا دۆلىتى بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#