پېترا قەدىمقى شەھىرى

پېترا قەدىمقى شەھىرى ئىئوردانىيە ئامماننىڭ جەنۇبىدىكى سام تاغلىق رايونىدا بۇلۇپ، مىلادى 6-ئەسىرلەردە ياسالغانئوچۇق قىزىل، قوڭۇر رەڭلىك قۇمتاش تاغقا ئويۇلغان بولۇپ، «ئەتىرگۈل شەھىرى» دېگەن نامىمۇ بار

نامى پېترا قەدىمقى شەھىرى
باشقا نامى ئەتىرگۈل شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پېترا ئىئوردانىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، پايتەخت ئامماندىن 271 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھۇر تېغى ئېتىكىدە بولۇپ، مۇسا جىلغىسى ئىچىدە. پېترا قەدىمقى شەھەر خارابىسى بولۇپ، كىشلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئەپسانىۋى تۈس ئالغان داڭلىق قەدىمقى يادىكارلىق. ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن ناباتلار بۇ يەردە توختاپ ئۆتكەن ۋە پايتەختلىرىنى مۇشۇ يەردە قۇرۇشقان.بۇ يەر مىسىر ۋە سۈرىيەلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇھىم قاتناش ئۆتكىلى بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا سودىگەرلەر توپلاشقان، گۈللەنگەن سودا شەھىرى بولۈپ قالغان. شۇ چاغلاردىكى پېترا ئوتتۇرا شەرقنىڭ سودا مەركىزى دەپ تەرىپلىنەتتى. سودىغا ماھىر ناباتلار سۈرىيە ۋە مىسىرگە سودا بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغاندا پېترانى ئارىلىقتىكى سودا -سېتىق قىلىدىغان ئارىلىق بىكەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن راۋاج تاپقان ۋە گۈللەنگەن. 

بۇ يەردىكى ناباتلار ئەسلى قۇملۇقتىكى كۆچمەن قەبىلە بولۇپ، جەڭگە ماھىر ئىدى. دەسلەپتە ئۇلار سودا كارۋانلىرىنىڭ ئۆتەر يولىدايول توساپ بۇلاڭچىلىق قىلاتتى. كېيىنچە بولسا سودىگەرلەرنى قوغداپ، شۇنىڭدىن قوغداش ھەققى ئېلىپ تۇردى.ئاخىرى نۇرغۇن ناباتلار سودا كارۋانلىرىغا قوشۇلۇپ سودىگەر بولۇپ كەتتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-ئەسىرلەردە پېترانىڭ پادىشاھى زىمىنىنى دەمەشىققىچە كېڭەيتكەن. 106-يىلى رىم ئىمپىرىيەسى پېترانى ئىگەللىۋالغان ۋە ئىمارەت -قۇرۇلۇشلار كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بۇ يەرنى ناھايىتى گۈللەنگەن سودا كارۋانلىرىنىڭ يولىغا ئايلاندۇرغان. كېيىنچە قىزىل دېڭىزدىكى دېڭىز يولى سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، پېترا ئەسلىدىكى مۇھىم بولغان ئورنىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىشقا باشلىغان.

ئۇزاق يىللار جەريانىدا پېترانىڭ يەرلىك ئاھالىسى قىيا تاشلارغا نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنى ئويۇپ چىقىرىپ، بۇ يەرنى بىر تاش شەھەرگە، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىر پارلاپ تۇرغان نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئايلاندۇردى. ئۇزاق ئەسىرلەردىن بېرى بۇ مەرۋايىت كىشلەر تەرىپىدىن تېخى بايقالماي تۇرغان. شۇ چاغلاردا ئىئوردانيە رايونىدا بىر قىزىقارلىق رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ھىكايىلەر تارقالغان. ھىكايىلەردە ئېتىلىشىچە، ئىئوردانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇقتا بىر ئۇزۇن كەتكەن سىرلىق جىلغا بولۇپ، بۇ جىلغا ھەم چوڭقۇر ھەم ئۇزۇن ئىكەن، قەيەردىلىكىنى ھېچكىم ئۇقمايدىكەن. بىر توپ سىرلىق كىشلەر ئۇ يەردە نۇرغۇن ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى سالغانىكەن ، ئۇ يەردە ھەددى-ھېساپسىز بايلىقلار كۆمۈلۈپ ياتقانمىش، كىم ئۇنى تېپىۋالسا ،بايلىققا كۆمۈلۈپ كېتەرمىش. شۇنىڭ بىلەن كىشلەر تۈركۈم تۈركۈملەپ ئۇيەرنى ئىزدەشكە باشلىغان، لېكىن نەتىجىسىز قايتىشقان. بۇ ھېكايە-رىۋايەتلەر ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات كۆچۈپ كەلگەن. لېكىن كىشىلەر بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ مۇسا جىلغىسىدا ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. 1812-يىلىغا كەلگەندە ئەنگلىيە لىك ساياھەتچى يوھان. بېكدىنت دىگەن كىشى پېترانى ساياھەت قىلىپ، بىرىنچى بولۇپ بۇ سىرلىق ھىكايىنىڭ سىرىنى ئاچقان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەشھۇر «تاش شەھەر» كىشلەرگە نامايەن بولغان.

پېترا ئىبراي تىلىدا «تاش» دىگەن مەنىدە. چۈنكى پۈتكۈل شەھەر تاشتىن ئويۇپ چىقىلغان. جىلغىدىكى تاشلار بولسا ئوچۇق قىزىل ياكى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، ئەتىگەنكى ۋە كەچكى شەپەق نۇرىدا شەھەردىكى قۇرۇلۇشلار ئەتىرگۈل رەڭگىگە كىرىدۇ. بۇ پېترانىڭ «ئەتىرگۈل شەھىرى » دەپ ئاتلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

پېترا قەدىمقى شەھىرى دېڭىز يۈزىدىن 950 مېتىر ئىگىزلىكتە بولۇپ، پىتراغا كىرىشتە 1.5 كىلومېتىرلىق ئۇزۇن جىلغىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. جىلغىنىڭ ئەڭ كەڭ يېرى 7 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ تار يېرىدىن ئاران بىر ھارۋا ئۆتەلەيدۇ، ئىككى چەتتىكى تاش تاملارنىڭ ئىگىزلىكى 70~100 مېتىرغىچە كېىلىدۇ. كىشلەر ئاسمانغا قاراپ پەقەت سىزىق شەكىلدىكى ئاسماننىلا كۆرەلەيدۇ. جىلغىدىن كەڭ يەرگە چىققاندىن كېيىن كىشىنىڭ كۆڭلى يورۇپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. ھەيۋاتلىك سارايلار ئەتراپتىكى قىيا تاشلارغا ئويۇلغان بولۇپ، قاتمۇ -قات سارايلار ئارىسىدا تۇرغاندەك تۇيۇلىدۇ.

پېترا شەھىرىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى ياندىكى تاش تاغلاردىن ئويۇلغان بولۇپ،بۇ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى تەبىئەت ۋە قولى گۈل ئۇستىلار ئورتاق ياراتقان. جىلغىدىن چىقىش ئېغىزىدىن يىراق بولمىغان بىر جايدا تاغدىن ئويۇپ چىقىلغان ئىگىزلىكى 40 مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر كېلىدىغان تاش ساراي بار. ئۇ يەنە «ئالتۇن غەزىنە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەينى زامانلاردا پېترانىڭ پادىشاھلىرى بايلىقلىرىنى مۇشۇ يەردە ساقلىغانىكەن. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە بۇ يەر پادىشاھلارنىڭ قەبرىسى ئىكەن.

شەھەردە يەنە تاغدىن ئويۇپ چىقىلغان بىر ئۈستى ئوچۇق قەدىمقى رىم تىياتىرخانىسى بولۇپ، 6000 چە ئادەم سىغىدۇ. تىياتىرخانىنىڭ كۆرۈش سۇپىسى يەلپۈگۈچ شەكىلدە بولۇپ، نەچچە ئون باسقۇچلۇق پەلەمپەي بار. ھەر ئون پەلەمپەي ئارىسىدا بىر تونىل بار بولۇپ، پۈتكۈل تىياتىرخانا تاغنى بويلاپ چىققان. سەھنىدە ھازىرغقچە ساقلىنىپ قالغان 4 دانە تاش تۈۋرۇك بار. 

شەھەردە يەنە بىر ۋىزانتىيە ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇش بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا شەھەردە سۇ كەمچىل بولۇپ، پادىشاھ بۇيرۇق چىقىرىپ كىم شەھەرگە سۇ باشلاپ كىرەلىسە، شۇنىڭغا قىزىنى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بىر قۇرۇلۇش ئۇستىسى تاغنى يېرىپ ئۆستەڭ قېزىپ شەھەرگە سۇ باشلىغان. پادىشاھ ۋەدىسىگە ئاساسەن قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغانىكەن. ھەمدە بۇ ساراينى ئۇلارغا بەرگەنىكەن. شۇڭا بۇ ساراي «قىز سارىيى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تاش قەبرە

پېترادا ياشىغان ناباتلارنىڭ ئەنئەنىسىدە ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى شەھەرنى ئوراپ تۇرغان تاش قىيالارغا دەپنە قىلغانىكەن. شۇڭا بۇ يەردە مىڭلىغان قەبرىلەر بار. بۇلارنڭ بەزىلىرى ناھايىتى ئاددى، بەزىلىرى ناھايىتى ھەشەمەتلىك.

ئىلگىرى كىشلەر تەتقىقاتنى ئاساسەن ئاشۇ قەبرىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇ يەرنى چوڭ قەبرىستانلىق، ئەرۋاھلار شەھىرى دەپ قارىغان. كېيىنچە ئارخىئولوگلار پېترادىكى كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە قىزىقىشقا باشلاپ ئۇ يەردىن يەنە نۇرغۇن يادىكارلىقلارنى بايقىغان.

ئارخىئولوگلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە پېترا ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە ئۇ يەردە ياشىغانلار 30 ئەتراپىدا بولغان. شەھەرنىڭ كۆلىمى ئىلگىرىكى ياۋروپالىقلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن چوڭ بولغان. پېترا نىمە ئۈچۈن كىشلەر تەرىپىدىن تاشلىنىپ قالغانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئەگەر ئۇ سودا يولىنىڭ كونتىروللىقىدىن ئايرىلىپ قالغان تەغدىردىمۇ يەنىلامەۋجۈت بولۇپ تۇرالايتتى. شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمە ئۈچۈن ناھايىتى تېز خاراپلاشتى؟ 

تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشىچە پېترانىڭ خاراپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەبىئى ئاپەت بولىشى مۇمكىن ئىكەن. مىلادى 363-يىلى بىر چوڭ يەر تەۋرەش پېترا شەھىرىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار خارابىيلىققا ئايلانغان. كىشلەر ئۇنى قايتا رىمونت قىلىشقا قادىر بولالمىغان. شۇنىڭ بىلەن شەھەر بارا-بار خاراپلاشقان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#