جاڭ جىدۇڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جاڭ جىدۇڭ 1972-يىلى گۇاڭدۇڭ دوڭگۈەندە تۇغۇلغان. 1989-يىلدىن 1993-يىلىغىچە شىنجىن ئونىۋېرسىتېتىنىڭ كومپىيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان. 1999-يىلدىن باشلاپ تېڭشۈن شىركىتىدە ئىشلىگەن.
جاڭ جىدۇڭ تېڭشۈن شىركىتىنڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، قۇشۇمچە باش تېخنىكى، مەخسۇس تېخنىكلارنى ئېچىش، پەيتلىك خەۋەرلىشىش سۇپىسى ۋە چوڭ كىچىك توردا قوللىنىلغان سىستېمىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا مەسئۇل بۇلۇپ، 1998-يىلدىن 2009-يىلى 8-ئايغىچە QQ نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى نەچچە يۈزمىليون ئابونچىغا يەتكەن بولسىمۇ، قۇرۇلمىسى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
2011-يىلى جاڭ جىدۇڭ 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى لىق مۈلكى بىلەن فوبوس ئېلان قىلغان دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىدە 595-ئورۇندا، جۇڭگولۇق بايلار تىزىملىكىدە 46-ئورۇندا تۇرغان.
جاڭ جىدۇڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن داۋاملىق خۇانەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېرنى قوللىنىش كەسپىي بىلىم ئاشۇرۇپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، شېنجېن لىمىڭ تور چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يۇمشاق دېتال ۋە تور ئەمەلىي سىستېمىنىڭ تەتقىقات-ئېچىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان.
جاڭ جىدۇڭنىڭ تەپەككۇرى جانلىق، تېخنىكا مەستانەىسى بۇلۇپ، ئۆزى تەمىنلىگەن تېخنىكا ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم بېرىپ تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىشنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلىدۇ.
1993-يىلى شېنجېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي پەنلەر باكلاۋۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن؛ ئاساسلىق كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېرنى قوللىنىش ھەمدە 1996-يىلى خۇانەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن سىستېما قۇرۇلمىسى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
1999-يىلىدىن باشلاپ تېڭشۈن شىركىتىگە ياللىنىپ ئىشلەيدۇ. تېلېگراف ۋە ئالاقە تورى ئىگە ئېشىپ كەتكەن سەككىز يىللىق تەجرىبىسى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.