شىرئەلى جورايىۋ
شىرئەلى جورايىۋ بولسا ئۆزبېكىستان دا ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن ئۆزبەك ناخشىچى، ناخشا ئىجادىيەتچىسى، شائىر شۇنداقلا ئاكتىيور.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىرئەلى جورايىۋ بولسا ئۆزبېكىستان دا ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن ئۆزبەك ناخشىچى، ناخشا ئىجادىيەتچىسى، شائىر شۇنداقلا ئاكتىيور، ئۇ يىقىنقى زامان ئۆزبەك مەدەنىيتىدە ئالاھىيدە ئۇرۇندا تۇرىدىغان نوپۇزلۇق شەخىس بۇلۇپ ئۇنىڭ 80-90 يىللاردىكى ئەسەرلىرى پۈتۈن ئۆزبىكىستان خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى نۇرغۇن ناخشا تىكىستلىرى ئۆزبەكلەر نۆۋەتتە قوللىنىۋاتقان سۆزلۈكلىرىگىمۇ سىڭىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ناخشا ئىجادىيەتلىرىدە تىكىست ۋە مۇزىكىنى ئۆزى ئىجاد قىلىشتىن سىرت يەنە بىر قىسىم ناخشا تىكىستلىرىگە ئەلشىر نەۋائىي، بابۇر، جامىي، ۋە رۇمىنىڭ شىئىرلىرى قوللىنىلغان.
شىرئەلى جورايىۋ يازغان « بالا دۇنيانى تەۋرىتەر» ناملىق كىتابى 1988-يىلى نەشىردىن چىققان بۇلۇپ، كىتابنىڭ تەسىر دائىرسى زور بولغان ھەمدە مەخسۇس ئوپىرا قىلىپمۇ سەھنىلەردە ئوينالغان شىرئەلى جورايىۋ ئۆزى باش رولنى ئالغان.
شىرئەلى جورايىۋ نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان، بۇلاردىن ئەڭ تىلغا ئېلشقا تىگىشلىكى بولسا 1987-يىلى « ئۆزبىكىستان خەلىق سەنئەتكارى » نامىغا مۇيەسسەر بولغان، 1991-يىلى ئۇ « دۆلەت ئەلشىر نەۋائىي » مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.