سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىكىلىنىكىدا جىددىي خاراكتېرلىك سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ھەر قايسى ياش باسقۇچى ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللاردا پەيدا بولىدۇ. سوزۇلما سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ.
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە دىۋارى ئىنتايىن نېپىز بولۇپ، زەخىملىنىش ۋە يۇقۇملىنىش قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ ئۆسۈكچە ئىچىگە تەرەت كاللەكلىرى، ئۈزۈم ئۇرۇقلىرى ياكى گۈرۈچ قاسراقلىرىغا ئوخشاش نەرسىلەر كىرىپ قېلىپ چىقالمىسا، ئۆسۈكچىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدۇ.
مەزكۇر كېسەللىك ئۆزىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئالامەتلىرىگە ئاساسەن ئۈچ خىل بولىدۇ:
- يېنىك ياللۇغلىنىش: بۇ خىلدىكىسىدە ئىچكى پەردە ئىششىپ، كۆپۈپ ئوتتۇردىكى يول توسۇلۇپ قالىدۇ. ئىششىق قايتقاندىن كېيىنمۇ بۇ يول ھەمىشە توسۇلۇپ قالىدۇ. يەنە تەكرار ئىششىپ ساقىيىدۇ ياكى بۇنىڭدا قاتتىقلىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىلى يەنە تەكرار ئىششىپ ساقىيىدۇ ياكى بۇنىڭدا قاتتىقلىق پەيدا بولىدۇ. بۇ خىلى يەڭگىل دەرىجىسىدىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
- ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش: بۇنىڭدا كېسەل جىددىي باشلىنىپ، قورساق ئوڭ تەرەپ تۆۋەن قىسمى جىددىي ئاغرىش، قۇسۇش، قىزىش قاتارلىق بەلگىلەر كۆرۈلىدۇ. بىمارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ.
- كېڭىيىش خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش: سازاڭسىمان ئۆسۈكچە يىرىڭلاپ كەتسە قورساق پەردە ۋە قورساقنىڭ ئىچكى يۈزىگە تارىلىپ، پۈتۈن قورساق ساھەسىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قىزىتما پەيدا بولىدۇ، بىمارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ناھايىتى يامانلىشىدۇ. [0]
سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىئالامىتى: سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ئوڭ تەرەپ قورساق ئاستى داۋاملىق قاتتىق ئاغرىش ھەم قورساقنى باسقاندا ئاغرىش پەسىيىپ، قويۇپ بەرگەندە ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىش، قىزىتما ئۆرلەش، ئاق قان دانىچىسى جىددىي كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
- ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشتا قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى قىسمى تۇيۇقسىز ئاغرىشقا باشلايدۇ. ئاغرىق پىچاقتا كەسكەندەك بىلىنىدۇ. بىمار بۇ ئاغرىقتىن قاتتىق بىئارام بولىدۇ ھەمدە كۆڭلى ئايىنىدۇ. بىمار بىر نەرسە يېسە ياكى ئىچسە دەرھال قۇسىدۇ. تىترەش بىلەن بىللە قىزىتما پەيدا بولىدۇ. قورساق ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قىسمىنى بېسىپ كۆرگەندە قولغا قاتتىق ياكى ئۆسمىدەك نەرسە ئۇرۇنىدۇ. ئاغرىق قاتتىق بولغانلىقتىن بىمار تىزىنى يىغىپ مۈكچىيىپ قالىدۇ. تومۇرى ناھايىتى يۇمشاق ۋە تىز سوقىدۇ. بەزىدە سۈيدۈك خالتىسى غىدىقلانغانلىقتىن پات-پات سۈيدۈك قىستايدۇ. بەزىدە سۈيدۈك بىلەن بىللە تۇخۇم ئېقىغا ئوخشاش سۇيۇقلۇق كېلىدۇ. ئەگەر ئۆسۈكچە زەخىمدىن يېرىلسا يېيىلىدىغان ئىششىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بىمارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ پۈتۈن قورساقنىڭ ھەممە يېرى قاتتىق ئاغرىيدۇ. قورساق گۆشلىرى تارتىشىپ چىگىۋالىدۇ. بىمارنىڭ چىرايى تاتىرىپ كېتىدۇ، مۇزدەك تەرلەيدۇ ھەتتا ھوشىدىن كېتىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. يەڭگىل ياللۇغلىنىشتا كېسەل باشلىنىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن بىمارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى پەيدىنپەي ياخشىلىنىپ، قورساق ئاغرىقى تۈگەپ ياخشىلىنىپ قالىدۇ. [0]
3-رېتسېپ
سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىتەركىبى: رەۋەن، خىيار شەنبەر 20 گىرامدىن، سانا بەش گىرام، تۇربۇتتىن 10 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: خىيار شەنبەردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، خىيار شەنبەرنىڭ قايناق سۇ تاتلىقىنى چىقىرىپ، سۈيىگە دورىلارنى سېلىپ، خېمىر قىلىپ، نوقۇتتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
- بىمارنى ياتقۇزۇپ ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ دىققەت بىلەن كۆزىتىش، ۋاقتىدا دىياگنوزنى بېكىتىش لازىم. ئەھۋال ئېغىر بولسا دەرھال ئوپېراتسىيەگە يوللاش لازىم. ئەھۋال ئېغىر بولماي يەڭگىل دەرىجىدىكى ياللۇغلىنىش بولسا يەرلىك ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، سوپۇن سۈيىنى كىلىزما قىلىپ ئۈچەينى تازىلاش ياكى ياللۇغنى قايتۇرغۇچى دورىلارنى بۇيرۇش لازىم. سۇيۇق تىز سىڭىدىغان تاماقلارنى مەسىلەن: سۈت ياكى ئانار سۈيىگە ئارپا سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان جۇلابلارنى بېرىش كېرەك. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى
http://www.tibbiyjawhar.com/html/medical/jiger/2014/0323/916.html
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى
http://www.tibbiyjawhar.com/html/medical/jiger/2014/0323/916.html
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.