بەلۋاغسىمان قوقاق

بەلۋاغسىمان قوقاق

بەلباغسىمان قوقاق-غەيرىي تەبىئىي سەپرانىڭ قانغا ئارىلىشىشى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زۇكامداش، كېسەللىك ئورنىنىڭ سەزگۈلۈكى ئېشىپ كېتىش، كىيىم تەگسە يېقىمسىزلىنىش، قىزىتما، ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

غەرب تېبابىتى نامى بەلۋاغسىمان قوقاق
كېسەللىك سەۋەبى غەيرىي تەبىئىي سەپرانىڭ قانغا ئارىلىشىشى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار قورامىغا يەتكەنلەر
كېسەللىك ئورنى قوۋۇرغا ئارىلىق نېرۋىسى , بويۇن نېرۋىسى
ئاساسلىق ئالامىتى ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق
خەنزۇچە نامى 带状疱疹
تەۋە بۆلۈم تېرە بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى herpes zoster

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەلۋاغسىمان قوقاقسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، غەيرىي تەبىئىي سەپرانىڭ قانغا ئارىلىشىشى ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

سۇ چېچەك-بەلباغسىمان قوقاق ۋىرۇسى (VZV) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋىرۇس بىلەن ئىممۇنىتېت كۈچى بولمىغان بالىلار تۇنجى قېتىم يۇقۇملانغاندا كىلىنىكىدا سۇ چېچەك بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ ياكى يوشۇرۇن يۇقۇملىنىش بولۇپ قالىدۇ. كېيىن مەزكۇر ۋىرۇس سەزگۈ نېرۋا تۈگۈنىنىڭ نېرۋىلىرىنى ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدار تۆۋەنلىگەندە جانلىنىپ ھەمدە ئەتراپ نېرۋا تالالىرىنى بويلاپ مەزكۇر رايونىنىڭ تېرىلىرىگە يۆتكىلىپ، بەلباغسىمان قوقاق يۈز بېرىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش، سىرتقى زەخىملىنىش، رادىيوئاكتىپ نۇرى بىلەن داۋالاش، دورا (ئېغىر مېتال تۈرىدىكىلەر) ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلار ئادەتتە مەزكۇر كېسەلنىڭ قوزغاتقۇچىسى بولىدۇ. ساقايغاندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك ئىممۇنىتېت پەيدا بولۇپ، ئىنتايىن ئاز قوزغىلىدۇ.[0]

ئالامىتى: دەسلەپ زۇكامداش، كېسەللىك ئورنىنىڭ سەزگۈلۈكى ئېشىپ كېتىش، كىيىم تەگسە يېقىمسىزلىنىش، يېنىك ئېچىشىپ ئاغرىش، ئارقىدىن تېرىقتەك قىزىل داغلىق سۇلۇق پۈۋەكچىلەر ۋە قاپارتقۇ پەيدا بولۇش، قىزىتما، ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىلمىسا يۇقۇملىنىپ يىرىڭلىق جاراھەتكە ئايلىنىش، قاپارتقۇلار بەلباغدەك ئايلانما ھاسىل قىلىش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: شاھتەررە، خەشخاش 40 گىرامدىن، چۆپچىنى، جېنتىيانا 35 گىرامدىن، موزا، ئاق لەيلىگۈلى، مامرانچىنى 30 گىرامدىن، سۇ 5. 2 لىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاق لەيلىگۈلىدىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇدا سۇس ئوتتا قاينىتىپ، سۈيى ئىككى لىتىر قالغاندا ئاق لەيلىگۈلىنى سېلىپ بىر ئۆرلىتىپلا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ.

2-رېتسېپ

بەلۋاغسىمان قوقاقتەركىبى: سەبرە سۇقۇترى 20 گىرام، سوقمۇنىيا 5. 7 گىرام، شاھتەررە 100 گىرام، قىزىلگۈل 5. 7 گىرام، سانا ئالتە گىرام، سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى شاھتەررە بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: شاھتەررە، كاسىنە يىلتىزى 25 گىرامدىن، گۈلى بىنەپشە، نېلۇپەر، قىزىلگۈل 20 گىرامدىن، كاسىنە ئۇرۇقىدىن 40 گىرام، سەرپىستان 30 گىرام، چىلان 100 گىرام، چۆپچىن 35 گىرام، سىركە 200 مىللىمېتىر، سۇ 5. 1 لىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: گۈل دورىلار بىلەن سىركىدىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇدا بوش قاينىتىپ، بىر لىتىر سۇ قالغاندا گۈل دورىلارنى سېلىپ بىرلا ئۆرلىتىپ، ئۇنىڭغا 100 گىرام جەۋھىرى كاسىنە ۋە سىركىنى قوشۇپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

باشقا داۋالاش ئۇسۇلى

 1. ئىچىدىغان دورىلار: ئاغرىق توختاتقۇچى ھەر خىل دورىلار ۋە نېرۋىنى قوغدىغۇچى دورىلاردىن ئاسپىرىن، پاراتسېتامول، پېروفېنازىن، ۋىتامىن B1، B2، E قاتارلىقلار تاللاپ ئوكۇل قىلىنىدۇ ياكى ئىچكۈزۈلىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى جىددىي ياكى يېشى چوڭ كېسەللەرگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالدۇرراق ئاز مىقداردا كورتىكوستروئىدنى قوشۇپ ئىشلىتىش لازىم. كەڭ كۆلەملىك، ئېغىر ئالامەتلىك كېسەللەرگە ئالدى بىلەن سىتارابىن، ئادرېنىن ئارابىنوزىد، ئاتسىكلىك گۋانوزىن، ترانسىفېر فاكتور ياكى ئىنتېرفېرون قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئانتىبىئوتىكلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.

جۇڭيىدا قىزىتمىنى قايتۇرۇپ نەملىكنى ھەيدەش، ئىسسىقنى سۈرۈپ، زەھەر قايتۇرۇش داۋالاش پىرىنسىپى قىلىنىدۇ. ئادەتتە لوڭدەنشې گەنتاڭ قايناتمىسى، سەيخۇشۇ گەنتاڭ قايناتمىسى ياكى ۋى لىڭتاڭ قايناتمىسى تەركىبى قوشۇپ ياكى ئازايتىپ ئىشلىتىلىدۇ.

بەلۋاغسىمان قوقاق   2. سىرتىدىن دورا ئىشلىتىش: قورۇش، قۇرۇتۇش، سۈركىلىشنى ئازايتىش ۋە ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشلار پىرىنسىپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ٪5لىك ئىدوكسۇرىدىن دىمېتىل سۇلفوكسىد ئېرىتمىسى، ٪3 لىك ئاتسىكلىك گۋانوزىن زىمادى، تىررامىتسىن گلىتسېرىد ياكى گىنتىئان ۋېئولىت ئېرىتمىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. كۆزدىكى بەلۋاغسىمان قوقاققا ٪0.1~0.5 لىك ئىدوكسۇرىدىن دىمېتىل سۇلفۇكسىد كۆز سۈيى ياكى ٪0.1 لىك فوتىبۇزون كۆز سۈيى كۆزگە تېمىتىلىدۇ.

يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا ئاۋاز چاستوتىلىق توك بىلەن داۋالاش، گېلىي نېئون جۇلالىق نۇرى، ماگنىت بىلەن ماسساژ قىلىش ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇرىدا نۇرلاندۇرۇش قاتارلىقلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=33&id=1119

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#