ھەق تەلەپ دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دېلو ماتېرىياللىرىنى ك

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1254-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 2002 س ئى 39-نومۇرلۇق بۇيرۇق بىلەن ئېلان قىلىنغان، 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于诉讼代理人查阅民事案件材料的规定
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
ھۆججەت ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ س ئى (2002)39-نومۇرلۇق بۇيرۇقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ س ئى (2002)39-نومۇرلۇق بۇيرۇقى 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1254-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلىندى، 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى

2002-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى

ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغۇچى ئادۋوكاتلار ۋە باشقا دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ۋاكالەتلىك قىلغان دېلودىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈش ھوقۇقىنى قناۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دەۋا پائالىيەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ۋاكالەتلىك قىلغان دېلودىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈش دائىرىسى ۋە چارىسى تۆۋەندىكىچە بەلگىلەندى:

1-ماددا ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغۇچى ئادۋوكات ۋە باشقا دەۋا ۋاكالەتچىلىرى ئۆزلىرى ۋاكالەتلىك قىلغان دېلودىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق. لېكىن، دەۋا ۋاكالەتچىلىرى دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشتە دېلونىڭ سوتىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

دەۋا ۋاكالەتچىلىرى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ئېھتىياجى بىلەن ئۆزى ۋاكالەتلىك قىلغان دېلونىڭ سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى كۆرسە بولىدۇ.

2-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشىگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى ۋە سورۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، شۇ دېلودىكى پۈتۈكچى ياكى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقا خادىملىرى تۆپىدە تۇرۇشى لازىم.

3-ماددا دەۋا ۋاكالەتچىلىرىدىن دەۋا جەريانىدا دېلونىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشكە توغرا كەلگەنلىرى شۇ دېلودىكى پۈتۈكچى ياكى سوتچى خادىملار بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىشى كېرەك؛ سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان دېلونىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى كۆرىدىغانلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك.

4-ماددا دەۋا ۋاكالەتچىلىرىدىن دېلونىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى كۆرىدىغانلىرى ئادۋوكاتلىق كىنىشكىسى ياكى كىملىكى قاتارلىق ئىناۋەتلىك گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

دېلونىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشتە كۆرۈش قەغىزىنى تولدۇرۇشى لازىم.

5-ماددا دەۋا ۋاكالەتچىلىرى دەۋا جەريانىدا كۆرىدىغان دېلو ماتېرىياللىرى دېلونىڭ سوت جىلدىسى ۋە ئىجرا جىلدىسىنىڭ رەسمىي جىلدىسى، جۈملىدىن ئەيىبنامە، جاۋابنامە، رەسمىي سوت خاتىرىسى ۋە دەلىل-ئىسپات ماتېرىيالى قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنىدۇ.

دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، دېلونىڭ سوت جىلدىسىنىڭ رەسمىي جىلدىسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

6-ماددا دەۋا ۋاكالەتچىلىرى دېلونىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈكچىگە ياكى دېلو ماتېرىياللىرىنى ساقلاشقا مەسئۇل خادىمغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

پۈتۈكچى ياكى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقا خادىملىرى دەۋا ۋاكالەتچىلىرى قايتۇرغان دېلو ماتېرىياللىرىنى يۈز تۇرانە سانىۋېلىشى، چاتاق يوق بولسا، دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش قەغىزىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك. دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش قەغىزىنى دېلوغا سېلىپ قويۇش لازىم.

دەۋا ۋاكالەتچىلىرى كۆرىدىغان دېلو ماتېرىياللىرىنى سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن دېلو كۆرۈش سورۇنىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ.

7-ماددا دەۋا ۋاكالەتچىلىرى دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشتە قىسقىچە كۆچۈرۈۋالسا ياكى كۆپەيتىۋالسا بولىدۇ. دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆپەيتىۋېلىشتا دېلو ساقلىغۇچىنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنىشى كېرەك. سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان دېلونىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى كۆپەيتىۋېلىشتا دەۋا ۋاكالەتچىلىرى دېلو ماتېرىياللىرىنى باشقۇرغۇچى تارماقتىن كۆپەيتىلگەن ماتېرىيالنى تامغا بېسىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

دېلو ماتېرىيالىنى كۆپەيتىۋېلىشتا مۇۋاپىق ھەق ئېلىنسا بولىدۇ.

8-ماددا دېلو ماتېرىياللىرىدىن دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىگە ۋە شەخسلەرنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرىنى كۆرگەن دەۋا ۋاكالەتچىلىرى مەخپىيەتنى ساقلىشى كېرەك.

9-ماددا دەۋا ۋاكالەتچىلىرى دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشتە ئۆزگەرتىشكە، يوقىتىۋېتىشكە ۋە ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا ۋاكالەتچىلىرىدىن دېلو ماتېرىياللىرىنى ئۆزگەرتكەن، يوقىتىۋەتكەن ۋە ئېلىۋالغانلىرىنى «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 102-ماددا 1-تارماق 1-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

10-ماددا ھەق تەلەپ دېلولىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلار دېلونىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشتە مۇشۇ بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىلىدۇ.

11-ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئەسكەرتىش: دېلو ماتېرىيالىرىنىڭ قايتۇرۇلغان چاغدىكى ئەھۋالى (تولۇق، ساق ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىقلار)نى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئىمزا قويغاندا يېزىشى كېرەك. [0]

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بەلگىلىمىسى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#