قەشقەرنىڭ گىدرولوگىيەسى

قەشقەر ۋىلايىتى دائىرىسىدە قەشقەر دەرياسى بىلەن يەكەن دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سېستىمىسى بار، ئاساسلىق دەريادىن 10 ى بار.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەرنىڭ گىدرولوگىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  بۇ سۇ سېستىمىسى قىزىل دەرياسىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ غەربىي-جەنۇبىي تەڭرىتاغ ۋە پامىر ئېگىزلىكىدىن باشلىنىدىغان ئالتە دەريا ئېقىنلىرىدىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭدىن باشقا بوغاز دەرياسى بولۇپ، ئۇ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى دائىرىسىدە، دەريا ۋادىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 65 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 4 مىليارد 550 مىليون كۇب مېتىر، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ تارىم دەرياسىنىڭ بىر باشلىنىش مەنبەسى ئىدى، باش ۋە ئوتتۇرا ئېقىنلىرىدىكى سۇغىرىلىدىغان رايونلارنىڭ سۇ باشلىشى سەۋەبلىك، قەشقەر دەرياسىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى دەريا بۆلىكى كۆپ يىل قۇرۇپ كەتتى، پەۋقۇلئاددە تاشقىن بولغان يىللاردىلا دەريا سۈيى بۇلۇڭكۆل سۇ ئامبىرى ۋە قىسمەن ئويمانلىقلارغا ئېقىپ كىرىدىغان بولدى.

قىزىل دەرياسى

قىزىل دەرياسى قەشقەر دەرياسى سۇ سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا بولۇپ، قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 6048 مېتىر ئېگىز بولغان تىراپىزىيە چوققىسىدىن باشلىنىپ، غەربتىن شەرققە ئېقىپ، جۇڭگوغا كىرىدۇ، دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى 778 كىلومېتىر، جۇڭگو تەۋەسىدىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 600 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ دەريا ئۇلۇغچات، كونا شەھەر، قەشقەر شەھىرى، يېڭىشەھەر، پەيزىۋات ناھىيەسى ئۆتۈپ، توغراق قۇملۇقىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئاخىرلىشىدۇ. قىزىل دەرياسىنىڭ كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 2 مىليارد 99 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ كەلدى.

گەز دەرياسى

گەز دەرياسى بۇ دەريا پامىر ئېگىزلىكىدىكى قوڭۇر تېغى بىلەن مۇز تاغ چوققىسىدىن باشلىنىدۇ، ئېقىنى ئاساسەن قار-مۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن تولۇقلىنىدۇ، ئوتتۇرا ۋە پەس تاغلىق جايلاردىكى ئېقىنى ياز، كۈز پەسىللىرىدىكى قارا يامغۇردىن ھاسىل بولغان كەلكۈن سۈيىدىن تولۇقلىنىدۇ. بۇ دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنى قاراكۆل دەرياسى بىلەن مۇجى دەرياسىنىڭ بۇلۇڭكۆل ئەتراپىغا تەۋە بولغان تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىقلاردا قوشۇلۇشتىن ھاسىل بولغان. دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 374 كىلومېتىر بولۇپ، تاشمىلىق سۇ باشلاش تۈگۈنىنىڭ يۇقىرىقى تەرىپىدىكى سۇ يىغىلىش كۆلىمى 10 مىڭ 140 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ دەريا ئاقتۇ، كونا شەھەر، يېڭىشەھەر ۋە يوپۇرغا ناھىيەسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى قۇملۇقنىڭ چېتىدە ئاخىرلىشىدۇ. گەز دەرياسىنىڭ كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم نىقدارى 1 مىليارد 126 كۇب مېتىر بولۇپ كەلدى.

كۈسەن دەرياسى

 كۈسەن دەرياسى پامىر ئېگىزلىكىدىكى قوڭۇر تاغنىڭ شەرقىي قىسمىدىن باشلىنىدۇ، غەربىي قىسمى گەز دەرياسى بىلەن، شەرقىي قىسمى ئېگىزيەر دەرياسى بىلەن قوشنا، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سۇغىرىش رايونلىرىغا ئېقىپ كىرىدۇ. يۇقىرى ئېقىنىدا چىمگەن دەرياسى غول ئېقىنىغا قوشۇلىدۇ، سامان گىدرولوگىيە پونكىتىنىڭ يۇقىرىسىدىكى سۇ يىغىلىش كۆلىمى 2169 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 200 كىلومېتىر بولۇپ، ئاقتۇ، يېڭىسار، يېڭىشەھەر ناھىيەلىرىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا بۇغرا قۇم چۆلىدە ئاخىرلىشىدۇ. كۈسەن دەرياسىنىڭ كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 635 مىليون 200 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ كەلدى.

ئېگىزيەر دەرياسى

 ئېگىزيەر دەرياسى غەربىي قۇرۇمتاغ تىزمىسىنىڭ ساسكەنت ۋە ئاقتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن باشلىنىدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 90 كىلومېتىر. كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى يۈز مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، دەريا سۈيىنىڭ بىر قىسمىدىن يېڭىسارنىڭ سۇغىرىش رايونى پايدىلىنىدۇ، يەنە بىر قىسمى تاغ ئالدىدىكى چۆل-جەزىرىلەردە يەر ئاستىغا سىڭىپ يەر ئاستى سۈيى ھاسىل قىلىدۇ.

چاقماق دەرياسى

 چاقماق دەرياسى ئۇلۇغچات ناھىيەسى دائىرىسىدىكى تورغات تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىن باشلىنىدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 180 كىلومېتىر، بۇ دەريا تاغدىن چىققاندىن كېيىن، دەريا سۈيىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاتۇش ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئۈستۈن ئاتۇش دائىرىسىدىكى قىسمى جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى تارماققا ئايرىلىدۇ، جەنۇبىي تارمىقى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بەشكېرەم يېزىسىغا ئېقىپ كىرىدۇ. بۇ بەشكېرەم دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. چاقماق دەرياسىنىڭ كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 189 مىليون 600 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ كەلدى.

تۈمەن دەرياسى

 تۈمەن دەرياسى قەشقەرنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى لەڭگەر يېزىسىنىڭ قىشلاق ئەتراپىدىن باشلىنىدۇ، بۇ جاي قىزىل دەرياسىنىڭ قەدىمكى ئېقىنىدىكى بۇلاق سۇلىرى ئاقىدىغان بەلباغقا تەۋە بولۇپ، ئېقىنى بۇلاق سۈيى ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ، يامغۇر، كەلكۈن مەزگىللىرىدە، تۈمەن دەرياسىغا يەنە مىڭيول، مۇش دائىرىسىنىڭ تاغ ئالدىدىكى كەلكۈنى، ھۆل-يېغىنى قوشۇلۇپ دەرياغا شىددەتلىك تاشقىن كېلىدۇ. بۇ دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 38 كىلومېتىر بولۇپ، غەربتىن شەرققە ئاقىدۇ، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاز مىقداردىكى سۇ قىزىل دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ، قالغان كۆپ قىسمى يېڭى ئۆستەڭ يېزىسىنىڭ سۇغىرىش رايونىغا كىرىدۇ، بۇ دەريانىڭ كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 112 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ كەلدى.

  بۇ ئېقىن يەكەن دەرياسىنى ئاساس قىلىدۇ، يەكەن دەرياسىنىڭ تۆت باشلىنىش مەنبەسى قاراقۇرۇم تاغلىرى ۋە قۇرۇمتاغدىكى دەريالاردىن ھاسىل بولغان، بۇ ۋادىنىڭ كۆلىمى 98 مىڭ 900 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 7 مىليارد 573 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ كەلدى.

 يەكەن دەرياسى

 يەكەن دەرياسى قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن باشلىنىدۇ، يۇقىرىقى قىسمىغا قۇرچىن دەرياسى ۋە تاشقورغان دەرياسى قوشۇلىدۇ، غول ئېقىنى شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا ئېقىپ، قۇرچىن دەرياسى قوشۇلغاندىن كېيىن جەنۇبتىن شىمالغا ئاقىدۇ، قورۇق لەڭگەر گىدرولوگىيە پونكىتىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە تاشقورغان دەرياسى قوشۇلغاندىن كېيىن شەرقىي شىمالغا ئاقىدۇ. قاغىلىق، تاشقورغان، يەكەن، پوسكام، مەكىت ۋە مارالبېشىدىن ئىبارەت يەتتە ناھىيەدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ، بۇ تارىم دەرياسى مەنبەلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ شىنجاڭ بويىچە 3-چوڭ دەريا ھېسابلىنىدۇ.

  يەكەن دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1165 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 6 مىليارد 525 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ 50% ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئادەتتىكى يىللاردا دەريا سۈيىدىن پۈتۈنلەي بوستانلىقلار پايدىلىنىدۇ ۋە سەرپ قىلىنىدۇ، بۇ چاغدا تارىم دەرياسىغا قوشۇلىدىغان سۇ بولمايدۇ، سۇ مول بولغان يىللاردا ياكى كەلكۈن كەلگەن يىللاردا قىسمەن دەريا سۈيى تارىم دەرياسىغا قوشۇلىدۇ.

تىزناپ دەرياسى

  تىزناپ دەرياسى غەربىي قۇرۇمتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى دەريالاردىن باشلىنىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 335 كىلومېتىر، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 814 مىليون 400 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، قاغىلىق، پوسكام، يەكەن ناھىيەلىرىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ مەكىت ناھىيەسى دائىرىسىنىڭ چېتىدە ئاخىرلىشىدۇ.

 ئۇلۇغ دەريا

   ئۇلۇغ دەريا قۇرۇمتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن باشلىنىدۇ، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمى ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرىپ كېتىدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 157 كىلومېتىر، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 156 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ كەلدى.

كۆكيار دەرياسى

 كۆكيار دەرياسى قۇرۇمتاغدىكى ياس بۇلۇڭىدىن باشلىنىدۇ، قاغىلىق ناھىيەسى ئارقىلىق قۇملۇققا كىرىپ يوقاپ كېتىدۇ، تاغ رايونىدىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 120 كىلومېتىر، سىرغىمى بۇلاق سۈيى ۋە يامغۇر سۈيى بىلەن تولۇقلىنىدۇ، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 77 مىليون 950 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ كەلدى.

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەر ئاستى سۈيى بايلىقى ئېدىرلىق رايون ۋە تۈزلەڭلىك رايوندىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.

ئېدىرلىق رايون

  ئېدىرلىق رايونلار يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئۇنىۋېرسال تولۇقلىنىش مىقدارىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلدى.

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئېدىرلىق رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش ئەھۋالى

بىرلىكى: 100 مىليون كۇب مېتىر

جەمئىي

تاغ ئالدى يان يۆنىلىشلىك ئېقىن مىقدارى

تاغ ئالدى ئوچۇق بۇلاق سۈيى مىقدارى

دەريا قىنىدىكى يوشۇرۇن ئېقىن مىقدارى

دەريادىكى ئاساسىي ئېقىن

تۈرى

35.6213

1.2723

4.3805

0.6292

29.3493

ۋىلايەت بويىچە جەمئىي

21.3132

1.2635

2.8505

0.5292

17.1700

يەكەن دەرياسى ۋادىسى

13.8013

0.0038

1.5300

0.1000

12.1793

قەشقەر دەرياسى ۋادىسى

تۈزلەڭلىك رايون

  يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى جەھەتتە سىڭىش ئارقىلىق تولۇقلىنىش مىقدارى 7 مىليارد 434 مىليون كۇب مېتىر، تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن كۆرۈڭ.

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش ئەھۋالى

 

ئېچىشقا بولىدىغان مىقدارى

تۈزلەڭلىك يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىشى

سۇ ئامبىرى، قۇدۇقلارغا سىڭىشى

ئېتىزلارغا قايتىشى

ئۆستەڭ-ئېرىقلارغا سىڭىشى

دەرياغا سىڭىشى

چىقىپ يانغا سىڭىشى

ھۆل-يېغىننىڭ سىڭىشى

دەريا ۋادىسى

27.30

74.34

3.385

4.178

46.291

18.585

1.799

0.102

جەمئىي

20.30

45.40

2.548

1.777

31.246

0.512

1.79

0.102

يەكەن دەرياسى

7.27

27.94

0.801

2.401

15.045

9.073

0.620

 

قەشقەر دەرياسى

تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى ئالتە تولۇقلاش قىسمىدىن قارىغاندا، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئاساسلىق تولۇقلىنىش مەنبەسى جەھەتتە تاغلىق رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيى ئۆز ئەتراپىدىن تولۇقلانغاندىن باشقا، مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈزلەڭلىكلەردە ۋېرتىكال يۆنىلىش بويىچە تولۇقلىنىدۇ.

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقى مول، ئېچىش دەرىجىسىگە ئاساسەن ئېچىش ئېففېكسېنتى 0.6=P بويىچە ھېسابلىغاندا، تۈزلەڭلىكلەردىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئېچىلىش مىقدارى 4 مىليارد 460 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مىنېراللىشىش دەرىجىسى ھەربىر لىتىرنىڭ 2 گىرامدىن تۆۋەن بولغان يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش مىقدارى 2 مىليارد 730 مىليون كۇب مېتىر.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#