مىتۇن چاكرابورتى

مىتۇن چاكرابورتى

مىتۇن چاكرابورتى 1950-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ھىندىستان نىڭ غەربىي بېنگال شىتاتىدا تۇغۇلغان. ھىندىستانلىق ئارتىس، ناخشىچى، فىلىم ئىشلىگۈچى، يازغۇچى، جەمئىيەت خىزمەتچىسى، كارخانىچى ۋە سىياسىيون.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مىتۇن چاكرابورتى
باشقا نامى مىتۇن دادا
يۇرتى ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال شىتاتى
يۇلتۇز تۈركۈمى جەزۋا يۇلتۇز تۈركۈمى
كەسپى ئارتىس، ناخشىچى، فىلىم ئىشلىگۈچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 米特胡恩·查克拉波尔迪
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1950-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 1.83 مېتىر
ۋەكىللىك ئەسىرى «دېسكو ئۇسسۇلچىسى»

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىتۇن چاكرابورتىمىتۇن چاكرابورتىنىڭ ئەسلى ئىسمى گورانگا چاكرابورتى، ئۇ يەنە مىتۇن دادا دېگەن نام بىلەنمۇ داڭلىق. مىتۇن چاكرابورتى ھىندىستان لىق ئارتىس، ناخشىچى، فىلىم ئىشلىگۈچى، يازغۇچى، جەمئىيەت خىزمەتچىسى، كارخانىچى ۋە سىياسىيون. ئۇ ئۈچ قېتىم دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مىتۇن چاكرابورتى 1950-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال شىتاتىدا تۇغۇلغان. ئالىي مەكتەپتە خىمىيەدە ئوقۇغان.

مىتۇن چاكرابورتى1976-يىلى ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلاپ «خان جەمەتى ئوۋچىسى» باش رول ئالغان، تۇنجى كىنوسىدىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن تارتىپ كىنوچىلىق ئائىلىسىدىن كېلىپ چىقمىغان مىتۇن چاكرابورتى ئاستا-ئاستا بوللىۋودتىكى گىگانت چولپانغا ئايلانغان. بولۇپمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ خاس «Disco and Desi» ئۇسلۇبى بىلەن بوللىۋودتىكى «ئۇسسۇلچى باش قەھرىمان» لارنىڭ بىرى بولۇپ تونۇلغان. مىتۇن چاكرابورتى يەنە 1982-يىلىدىكى فىلىم «دېسكو ئۇسسۇلچىسى»دا جىمى رولى بىلەن رۇسىيەدە ئالاھىدە داڭق چىقارغان.

مىتۇن چاكرابورتىمىتۇن چاكرابورتى ھاياتىدا ھىندى تىلى، بېنگال تىلى، تېلېگۇ تىلى، پۇنجابى تىلى قاتارلىق كۆپ خىل تىللاردىكى350 دىن ئارتۇق فىلىمدە رول ئالغان (يېرىمىنى ئىشلەپ ئاخىرى تاشلىنىپ قالغان فىلىملەرمۇ ئاز ئەمەس) ئۇنىڭ ۋەكىللىك فىلملىرى «OMG-Oh My God!»(2012) «گۇرۇ» (2007)، «Gunda» (1998)، «دېسكو ئۇسسۇلچىسى» (1982) قاتارلىقلار.

مىتۇن چاكرابورتىمىتۇن چاكرابورتى فىلىم ساھەسىگە كىرىشتىن بۇرۇن كوممۇنست ئىدى. ئۇ 80-يىللاردىكى ئەڭ چوڭ چولپانلارنىڭ بىرسى، ئۇ بۇ ئون يىلدا 110دىن ئارتۇق كىنو ئىشلىگەن، ۋە 1986-يىلى ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ باج تۆلىگۈچى بولغان.

90-يىللاردا 100دىن ئارتۇق كىنو ئىشلىگەن. 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا بوللىۋودتىن ئايرىلىپ جەنۇبىي ھىندىستانغا كۆچۈپ كەتكەن ۋە ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا ئىشلەنگەن كىنولاردا رول ئالغان، بۇ مەزگىلدە ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ئۇ ئىشلىگەن كىنولار قويۇلغان.

مىتۇن چاكرابورتى تۆۋەن مەبلەغدىكى كىنولاردا رول ئېلىش بىلەن داڭلىق، بوللىۋودتا ئەڭ كۆپ كىنودا ئەر باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئالغانلىق رېكورتىنى ساقلىغۇچى.

1995-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئۇ يەنە ھىندىستاندىكى ئەڭ كۆپ باج تۆلىگۈچى بولۇپ قالغان.

2005-يىلى چاكرابورتى بوللىۋود ئاساسىي ئېقىم فىلىملىرىگە قايتىپ كەلگەن، 2000-يىللاردىن باشلاپ ئۇ كۆپرەك ئانا تىلى بېنگال تىلىدا كىنو ئىشلىگەن. 2010-يىللاردىن باشلاپ ئۇ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان فىلىملەردە قوشۇمچە رول ئېلىشقا باشلىغان ۋە ئاكشاي كۇمار، سالمانخان، ئاجەي دېۋگان قاتارلىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپانلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم ھەمكارلاشقان. كىنو ئىشلەشتىن باشقا چاكرابورتى بىرقانچە ئۇسسۇل تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا باھالىغۇچى بولغان، ئۇ يەنە سىياسىي ساھەدە ناھايىتى ئاكتىپ.

مىتۇن چاكرابورتىچاكرابورتىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.83 مېتىر، ئۇ 1982-يىلى فىلىم ساھەسىدىن كېلىپ چىققان يوگېتا بالى بىلەن توي قىلغان ئۇلارنىڭ تۆت بالىسى بار. 

80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مىتۇن چاكرابورتىنىڭ سرىدۋى بىلەن بولغان رومانتىك مۇناسىۋىتى ۋە مەخپىي تويى بوللىۋودتىكى دىققەت تارتىدىغان خەۋەر بولۇپ قالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#