چېن جۇ

چېن جۇ، ئەر، خەنزۇ، ئەسلى يۇرتى جياڭسۇ جېنجياڭدىن، ئۆزى 1953-يىلى 8-ئايدا شاڭخەيدە تۇغۇلغان، 1970-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەشنىڭ ھەيئىتى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېن جۇ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جياڭسۇ جېنجياڭ
كەسپى مولېكۇلا بىيولوگىيە مۇتەخەسسىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 陈竺
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1953-يىلى 8-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى فىرانسىيە پارىژ 7-ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېن جۇ3-دۇنيا ئەللىرى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى.

ياۋروپا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ چەتئەللىك ئاكادېمىكى.

ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ چەتئەللىك ئاكادېمىكى.

فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى.

2000-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەينىلەنگەن.

2007-يىلى 6-ئايدا سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ مىنىسىتېرلىكىگە تەينىلەنگەن.

1990-يىلى شاڭخەي 2-تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت (شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسى) تارماق دوختۇرخانىسىدا پروفېسسور بولغان.

1995-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئاكادېمىك بولغان.

1998-يىلى مەملىكەتلىك ئادەم گېن گۇرۇپپىسى جەنۇب تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان.

چېن جۇچېن جۇ دۆلەتلىك «973» تۈرىدىكى باش ئالىم، قان ئىلمى، مولېكۇلا بىئولوگىيىسى قاتارلىق ساھەلەردە يۇقىرى سەۋىيىلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

چېن جۇ1981-يىلى شاڭخەي 2-تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئوقۇش ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

1989-يىلى فرانسىيە پارىژ 7-ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇش ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

فرانسىيە راكقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ مۇكاپاتى (卢瓦兹奖)غا ئېرىشكەن.

دۆلەتلىك پەن-تېخنىكىدا 2-دەرىجىلىك ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى قاتارلىق كۆپلىگەن كاتتا شەرەپلەرگە نائىل بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى 

http://news.eldawa.com/experts/1053.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#