تازىلانغان شور

تازىلانغان شور

بۇ تەبىئىي ناترىي سۇلفىدنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ھاسىل بولغان كىرىستال ماددا گىلائۇبېر تۇزى بولۇپ، قورۇش، تۇتۇش، ئىچىنى توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ھارارەت پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، يۇمشىتىش رولى بار.

دورا نامى تازىلانغان شور
خەنزۇچە ئاتىلىشى 硝石

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ تەبىئىي ناترىي سۇلفىدنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ھاسىل بولغان كىرىستال ماددا گىلائۇبېر تۇزى بولۇپ، سۇسىز شور دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۈزۈك چۈرۈك بولغانلىقى ئۈچۈن «تازىلانغان شور» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

قورۇش، تۇتۇش، ئىچىنى توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ھارارەت پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، يۇمشىتىش.

ئاشقازان ۋە ئۈچەي جاراھىتى، ئۆتكۈر ۋە سۇزۇلما خاراكتېرلىك تولغاق، ئېغىز يارىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. ئاقاقىيا، بەللۇت، ئانار گۈلى، تازىلانغان شور قاتارلىقلارنى 10 گىرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ئىچسە، ئاشقازان ۋە ئۈچەي جاراھەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 5 گىرام، قېتىق سۈزمىسى، تازىلانغان شور 10 گىرامدىن، تاباشىر 7 گىرام، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. تازىلانغان شور 7 گىرام، ئەنجىباھار 10 گىرام، مەستىكى 7 گىرام، خۇنسىياۋشەن 12 گىرام، كەھرىۋا 3 گىرام، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە قان توختىتىدۇ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي جاراھىتىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

8~16 گىرام.

پىيىزەك بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىشكە ۋە ھامىلىدار ئاياللارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى.

شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.

زىمادى جاراھەت.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#