گىردە نان
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1.ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، تۇز، سۇ قۇيۇپ، چىڭ يۇغۇرۇپ، ئۇزۇنراق ئىشلەپ باستۇرۇپ قويىمىز. خېمىر كۆپكەندىن كېيىن 200 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، گىرۋىكىنى يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىنى ئويمان قىلىپ گىردە ياساپ، ئاش تاختىغا ئوڭدىسىغا تىزىپ، سۇ ئۇرۇپ، كۈنجۈت سېپىپ ئىككىسىنىڭ يۈزىنى بىر جۈپلەپ، داستىخان بىلەن يېپىپ قويۇلىدۇ.
2. قىزىتقان تونۇرنىڭ(قىزىتىش ئۈچۈن يۇلغۇن بولسا ناھايىتى ياخشى) ئوتىنى كۆمۈپ، داپخاننى ئېتىپ، تونۇرغا سۇ، تۇز ئۇرۇپ ھاۋىسىنى پەس تەڭشەپ، ناننى يېقىپ بولۇپ يۈزىگە سۇ سېپىپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى يېپىپ 25-20 مىنۇتقىچە خۇيلىنىدۇ. خۇي يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، قولىمىزنى ناننىڭ يۈزىگە تەككۈزگەندە قولىمىزغا چاپلاشمىسا، خۇي يەتكەن بولىدۇ.
3. خۇي يەتكەندە تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئۈزۈم شىرنىسىغا تەڭ باراۋەر نىسبەتتە سۇ قوشۇپ، ناننىڭ يۈزىگە سۇس چېچىپ بولۇپ داپخاننى ئېچىپ، ئوتنى يالىلدىتىپ پىشۇرىمىز. ناننىڭ يۈزىنى بەكمۇ قىزارتىۋەتمەسلىك كېرەك.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.