قۇمۇل مەشرەپلىرى

قۇمۇل مەشرەپلىرى

قۇمۇل مەشرەپلىرى ئۆزىنىڭ ئامىمىۋىلىقى، نەپىس،ئۆزگىرىشچان،لەرزان،ئاستا باشلىنىپ بارغانچە شوخ، تېتىكلىشىدىغان ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇمۇل مەشرەپلىرى ئادەتتە توي تۆكۈن، ھېيت - بايرام،ئامىمىۋى يىغىلىشلاردا شەخىسلەرنىڭ ئۆيلىرى، باغ -ھويلىلىرى ۋە ئامىمىۋى مەيدانلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ.ق ۇمۇل مەشرەپلىرىدە ئاساسلىقى قۇمۇل غېجىكى،قۇمۇل راۋابى،داپ،ناغرا،سۇناي،چاڭ قاتارلىق سازلار تەڭكەش قىلىنىدۇ. ئاساسلىق چالغۇ قۇمۇل غېجىكى بىلەن داپ.

شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇكى، قۇمۇل مەشرەپلىرىدە ئەر - ئاياللار ئوخشاش نەغمە قىلىپ، ناخشا ئېيتالايدۇ. قۇمۇل مەشرەپلىرى ناھايىتى چوڭقۇر ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە.

قىيقاس

قىيقاسمەشرەپلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان قىزىقچىلىق ئويۇنى ، قىيقاسچىلار مەشرەپلەردە توختىماي قىيقاس توۋلاپ مەشرەپنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۇرىدۇ . بىر كىيىملىك رەخت سىلىنغان پەتنۇسنى كۆتۈرگەن قىيقاسچىلار موبالىغە ، ھەزىل قىلىش قاتارلىق بەدىئىي ۋاستىلەر ئارقىلىق قىيقاس توۋلاپ ، مەيداندىكى ئۇسسۇلچى ۋە ئەلنەغمىچىلەرنى رىغبەتلەندۇرىدۇ . سورۇن ئەھلىمۇ قىيقاسچىغا ئەگىشىپ توۋلاپ ، سورۇننىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۇرىدۇ . قىيقاستىن كېيىن پەتنۇستىكى رەخت سازەندىلەرگە تارتۇق قىلىنىدۇ . بۇ سازەندىلەرنىڭ ئېلھاملاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . قىيقاسچىلار مۇنداق قىيقاسلارنى توۋلايدۇ : 

قەغەز بىلەن قازان ئەتتىم ، ئۇي بېشى پاتتى ، 

سۇ قۇيماي ئوت قالىدىم قاينىدى ، تاشتى . 

كەسلەنچۈككە سالما سېلىۋىدىم ، سۆرىدى ، قاچتى ، 

قوڭغۇزغا مىنىپ ئارقىسىدىن قوغلىۋىدىم بەش تاپان ئاشتى .

كەسمىگەن تاياق بىلەن بىرنى ئۇرسام ، 

كولىمىغان ئورىغا چۈشتى . 

سوقمىغان پىچاق بىلەن بوغۇزلىسام ، 

ئالتە پاتمان يېغى چىقتى ، يەتتە پاتمان چاۋىسى ، 

يېغى بىلەن يازلىدىم ، گوشى بىلەن قىشلىدىم .

ھە ... بارىكاللا قىيقاس.............! 

پولونى كۆرۇڭ پادىشاھ بولدى ، بەش يۈز ئەسكەرنى باشلاپ ، 

مانتىنى كۆرۇڭ ئەلەم بولدى قالپىقىنى قىرلاپ . 

بەنشىنى كۆرۇڭ دورغا بولدى قاپپىقى پىلدىن يوغان ، 

ئۈگرە قالدى كېيىن مەنسىۋى تايىن بولمىغان .

ھە ... بارىكاللا قىيقاس ...................! 

باغدا بۇلبۇل سايرايدۇ ،

مىجىگەن قوغۇن پۇرايدۇ . 

غىرىبلىقتا سۆيگەن يار ، 

ئىپار - زەپەر پۇرايدۇ .

ھە ... بارىكاللا قىيقاس ............![1]

 مۇھەممەد بېشېر ۋاڭ دەۋرىدە مەشرەپنىڭ مەزمۇنى مول، شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ، قومۇلنىڭ بەش شەھەر، 12 تاغ ۋە باشقا يېزا - قىشلاقلىرىدىكى كىشىلەر قاتنىشاتتى. مەشرەپ باشلىنىشتىن بۇرۇن، مەشرەپ ئويۇشتۇرغۇچى قۇمۇل ۋاڭى ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ دورغا، يۇرت كاتتىلىرىغا يارلىق چۈشۈرۈپ،ئۆز يۇرتىلىرىدىكى داڭلىق ھاپىزلارنى، چېلىشچى - زورلارنى،قوچقار،توخۇ سوقۇشتۇرغۇچىلارنى، قىيقاسچى - قىزىقچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ھېيت كۈنىدىكى ئوردا نامىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپكە قاتنىشىشىقا تەكلىپ قىلاتتى. ئۇ كۈنى ئوردا نامىدىن جاكارنامە چىقرىلىپ، مەشرەپنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىش بەلگىلىنەتتى. ئوردىنىڭ بەگ - سىپاھلىرى مەشرەپ سورۇنىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، باش چوقايلىقىنى تەيجى بەگلەر ئۈستىگە ئالاتتى.چېلىشىچىلارغا،قوچقار،خوراز سوقۇشتۇرۇش سورۇنلىرىغا مەسئۇل كىشىلەر بەلگىلىنىپ، ئوردا تۆگە، ئات، قوي،تون،كىيىم - كىچەك، بەلباغ،پوتا قاتارلىق مۇكاپات بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ، مەلۇمچى بەگلەر ئارقىلىق مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرىدىغان ئورۇن تەسىس قىلىناتتى. مەشرەپكە كىتىدىغان يىمەك - ئىچمەك، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، يىراق - يېقىندىن كەلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئوردا ئۈستىگە ئالاتتى. مەشرەپ كۈنى، ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ناغرىخانىسىدا ناغرا- سۇناي ئاۋازى ئەتىدىن - كەچكىچە ياڭراپ تۇراتتى. ئۈچ كۈنلۈك مەشرەپتە، ئوردا نامىدىن 300 قوي، 30 كالا، 10 تۆگە سويۇلۇپ، يوغان داش قازانلاردا پىشۇرۇلۇپ، ئالدى بىلەن يىتىم - يېسىر، تۇل خۇتۇن، ئاجىز- مېيىپلارغا نەزىر بېرىلىپ، ئاندىن خالايىققا تارقىتىپ بېرىلەتتى.نازارەتچىلەر قاتتىق كۆزىتىپ، جىق ئېلىۋالغان ياكى باشقىلارنىڭ نىسىۋىسىگە قول ئۇزاتقانلارنى جازالاپ مەشرەپتىن ھەيدەيىتتى. يۇرت - يۇرتلاردىن كەلگەن كىشىلەر بىرگە جەم بولۇپ، ھېيتلىق قۇتلۇقلاش بىلەن بىرگە، مەشرپنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلاتتى. قائىدە بويىچە ھەربىر يۇرتنىڭ ھاپىزلىرى،بىر،ئىككى قېتىمدىن نەغمە قىلىشقا تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. قۇمۇل ۋاڭلىق دەۋرىدىكى بۇ كاتتا مەشرەپكە قۇمۇل 12 تاغ،بەش شەھەر رايونىدىكى ئاۋام پۇقرالارمۇ قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشاتتى. ھەرقايسى يۇرتلاردىن كەلگەنلەرنىڭ كىيىم - كېچىكىدە ئۆز رايونىلىرىغا خاس ئۆزگىچىلىك بولۇپ، 12 تاغ رايونىدىن كەلگەن ئاتاللار بېشىغا ھەرخىل رەڭدىكى چاچما گۈللۈك دوپپا، ئۇچىسىغا ھەرخىل رەڭدىكى جىلىتكە، گۈللۈك تاۋار -دۇردۇندىن تىكىلگەن ئۇزۇن كۆڭلەك،پۇتىغا كالا ياكى قوي تېرىسىدىن نەپىس تىكىلگەن چېتىك ئۆتۈكلەرنى كىيىپ كېلەتتى. زىبۇ - زىننەتلەردىن ئاياغلىق ئالتۇن ھالقا،ئالتۇن قاداق،چاچقۇ تاقايتتى. قوللىرىغا ئاق كۈمۈشتىن قىلىنغان بىلەزۈك،تولغىما بىلەزۈك، ھەرخىل پەش، ياقۇت،كۆزلۈك ئۈزۈكلەرنى سالاتتى. يەنە بەزى ئاياللار كۆركەم بولۇش ئۈچۈن، چاچلىرىغا قارا مەشۇت يىپتىن ئۆرۈلگەن پۆپۈكلۈك جالا ئۇلىۋالاتتى.ئەرلەر بېشىغا ھەرخىل رەڭدىكى دوپپا بولۇپمۇ، جىگەر رەڭ، قارا كۆك، قىزل دۇخاۋىدىن ئىشلەنگەن گۈللۈك دوپپىلارنى، ئۇچىسىغا تىك ياقىلىق پەشمەت چاپان ياكى گۈللۈك چىلان رىڭ دۇخاۋا ۋە ياقىسىغا ناپارمان گۈللۈك زەرۋاپ چۈشۈرۈلگەن، قارا سىزىقلىق زەرۋاپ،سېرىق قىرغاقلىق گۈشاپتۇلا ئۇلانغان كۆك تاۋاردىن قىلىنغان تۈگمىلەر ئورنىتىلغان تون - چاپانلارنى كىيەتتى. بېلىگە يىپەك رەختتىن پوتا باغلاپ، نەپىس غىلاپلىق پىچاق ئېسىپ، چاپلىمىلىق ئوت ياققۇچ ئېسىۋالاتتى. پۇتلىرىغا چاچما گۈللۈك يۇڭ پايپاق، كالا مەشقاقلىرىدىن تىكىلگەن چىرايلىق چورۇق كېپىشلەرنى كىيەتتى. قۇمۇل مەشرەپلىرىدە ئەڭ ئاساسلىق ئوينىلىدىغان ئۇسۇل - پۇتا ئۇسۇلى. قۇمۇل مەشرەپلىرىدە ئالدى بىلەن قۇمۇل مۇقامى ئورۇنلىنىدۇ. ئاندىن سورۇن كەيپىياتىغا ماسلاشقان ھالدا ناخشا- مۇزىكىلارنىڭ رىتىمى تىزلىشىپ، قۇمۇل سەنىمى باشلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇلىنىپلا شوخ، قىزغىن كەيپىياتقا تۇلغان مەشرەپ ناخشىلىرى ئېيتىلىدۇ. ئادەتتە مۇقام تۈگەش بىلەنلا مەشرەپ ئەھلىدىن بىر ياكى بىرقانچە كىشى چاچما گۈللۈك بەلباغدىن تۈگۈلگەن پوتىنى ئېلىپ، خالىغان كىشىنى ئۇسسۇلغا تارتىدۇ. ئاندىن پوتا سالغۇچى بىلەن پوتا سېلىنغۇچى بىر - بىرىگە ئۇدۇل قارىشىپ تۇرۇپ بېيىت ئوقۇشىدۇ. بىېيىتنى ئاۋۋال پوتا سالغۇچى باشلايدۇ. پوتا سېلىنغۇچى جاۋابەن بېيت ئوقۇيدۇ. بېيىت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئىككى تەرەپ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ قارىشىسىغا ئۆتۈشۈپ، يەنە ئايلىنىپ بىر - بىرىگە قارىشىدۇ ۋە ئەدەپ بىلەن بىر قېتىم تەزىم قىلىشىدۇ. بۇ ھەرىكەت ئۇدا ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندىن كىيىن، پوتا سېلىنغۇچى ئۇسسۇل باشلايدۇ. ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندا باشقا كىشىلر بىلەن ئالمىشىپ ئويناشقا بولمايدۇ. ئۇسسۇلنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىختىيار قىلغان تەرەپ ئۆز جۆرىسى دىققەتتە تۇرغان پەيىتتە ئىككى قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ تەزىم قىلىپ ئۇسسۇلدىن توختاش مەقسىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئىككى تەرەپ دەسلەپتىكىگە ئوخشاش ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ بىر - بىرىگە تەزىم قىلىشقاندىن كىيىن، ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلغۇچى پوتىنى ئۆزى تەكلىپ قىلغان كىشىگە ئىككى قولاپ ئۆتكۈزۈپ بېرىپ مەيداندىن چۈشىدۇ. پوتىنى ئالغۇچى مەشرەپ ئەھلى ئىچىدىن ئۆزى ئىختىيار قىلغان كىشىنى پوتىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇيۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.
0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/155/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#