زايوم ھەقدارلىق ۋە قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر تۈرلۈك ئىسپات. ئۇ زايوم ئىگىسىنىڭ توختامدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئاساسەن ئۆسۈمگە ئېرىشىدىغانلىقى ھەمدە مۇددىتى توشقاندا دىرىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان ھوقۇقنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى زايوم
چەتئەلچە نامى debenture; bond
خەنزۇچە نامى 债券

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زايوم ھەقدارلىق ۋە قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر تۈرلۈك ئىسپات. ئۇ زايوم ئىگىسىنىڭ توختامدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئاساسەن ئۆسۈمگە ئېرىشىدىغانلىقى ھەمدە مۇددىتى توشقاندا دىرىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان ھوقۇقنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

 زايوم ئاساسەن شىركەت زايومى ۋە ھۆكۈمەت زايومىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

شىركەت زايومى

شىركەت زايومى شىركەت تارقاتقان قەرز ئېلىش ئىسپاتىنى كۆرسىتىدۇ. زايوم ئىگىسى شىركەتكە قەرز بەرگۈچى بولىدۇ، بىراق شىركەتنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئادەتتە شىركەت زايومىنىڭ مۇددىتى بولىدۇ، مۇددىتى توشقاندا شىركەت دىرىنى قايتۇرۇپ، زايومنى يىغىۋالىدۇ ھەمدە ئالدىن بەلگىلەنگەن ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە زايوم ئىگىسىگە ئۆسۈم بېرىدۇ. شىركەت زايومىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئۇ ئىسمى يېزىلغان ياكى يېزىلمىغانلىقىغا قاراپ ئىسىملىك زايوم ۋە ئىسىمسىز زايوم دەپ ئايرىلىدۇ؛ رەنە بۇيۇمى ياكى ئەمەسلىكىگە ئاساسەن رەنە زايومى ۋە ئىناۋەتلىك زايوم دەپ ئايرىلىدۇ؛ يەنە تارقاتقان شىركەتنىڭ پاي چېكىگە تېگىشكىلى بولىدىغان ئايرىباشلىقى بولىدىغان زايوم، تارقاتقۇچىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇش ھوقۇقى بار بولغان ھەقلىق ياندۇرۇۋېلىنىدىغان زايوم، ئۈچىنچى تەرەپ كېپىل بولۇپ دىرى ۋە ئۆسۈمنى قايتۇرىدىغان كاپالەتلىك زايوم، ئۈچىنچى تەرەپ ۋاكالىتەن دىرى ۋە ئۆسۈمىنى قايتۇرىدىغان زايوم، ئۆسۈمى تارقاتقۇچىنىڭ كىرىمىنىڭ كۆپ-ئازلىقىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىغان مەنپەئەتلىك زايوم، ئۆسۈمنىڭ بىر قىسمى مۇقىم، بىر قىسمى شىركەتنىڭ كىرىمىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۆلۈنمە ئۆسۈملۈك زايوم قاتارلىقلارمۇ بار.

ھۆكۈمەت زايومى

ھۆكۈمەت زايومى ھۆكۈمەت تارقاتقان قەرزدارلىق ئىسپاتى. بەزى ھۆكۈمەت زايومىغا ئۆسۈم چېكى قوشۇپ قويۇلغان بولۇپ، زايوم ئىگىدارى ئۆسۈمگە مۇددەتلىك ئېرىشىپ تۇرىدۇ، بۇنداق زايوم قېتىمغا بۆلۈپ ئۆسۈم ئالىدىغان زايوم دېيىلىدۇ. بەزى زايوملاردا ئۆسۈم چېكى بولمايدۇ، مۇددىتى توشقاندا چەك يۈزىدىكى سومما بويىچە دىرى ۋە ئۆسۈمى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، بۇ بىر قېتىمدا ئۆسۈمگە ئېرىشىدىغان زايوم دېيىلىدۇ. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان زايوم دۆلەت زايومى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تارقاتقان زايوم يەرلىك زايوم دېيىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#