77 دۆلەت گۇرۇھى

77 دۆلەت گۇرۇھى

77 دۆلەت گۇرۇھى تەرەققىي قىلىۋاتقان77 دۆلەت ۋە رايوندىن تەشكىل تاپقان خەلقئارا تەشكىلات. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، جاھانگىرلىكنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە تالان-تاراج قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، 1964-يىلى 1-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى مەزگىلىدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان 77 دۆلەت ۋە رايون «77 دۆلەت بىرلەشمە خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، «77 دۆلەت گۇرۇھى» نى بارلىققا كەلتۈردى.

ئۇيغۇرچە نامى 77 دۆلەت گۇرۇھى
تۈرى ئىقتىسادىي تەشكىلات
خەنزۇچە نامى 77国集团
قۇرۇلغان ۋاقتى 1964-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

77 دۆلەت گۇرۇھى77 دۆلەت گۇرۇھى تەرەققىي قىلىۋاتقان77 دۆلەت ۋە رايوندىن تەشكىل تاپقان خەلقئارا تەشكىلات. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، جاھانگىرلىكنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە تالان-تاراج قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، 1964-يىلى 1-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى مەزگىلىدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان 77 دۆلەت ۋە رايون «77 دۆلەت بىرلەشمە خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، «77 دۆلەت گۇرۇھى» نى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنىڭدىن بۇيان77 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ھازىر 130 دۆلەت ۋە رايونغا يەتتى. بىراق، يەنىلا 77 دۆلەت گۇرۇھى دېگەن نامنى قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي يىغىنلارغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ئەزا دۆلەتلەر مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورتاق تاقابىل تۇرۇش سىياسىتى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت.

77 دۆلەت گۇرۇھى 77 دۆلەت گۇرۇھى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىرمۇنچە خىتابنامە ۋە پروگراممىلارنى ئېلان قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ھوقۇقسىز ئورنىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا يەنىمۇ تولۇق، ئۈنۈملۈك قاتنىشىشىنى پائال قولغا كەلتۈردى. ئىقتىسادىي جەھەتتە، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال ۋە سودا ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىك ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ تاشلاش، ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارالىق ئىش تەقسىماتىنى بەرپا قىلىشنى پائال تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭى خەلقئارا تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى ماقۇللىشىنى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك جەنۇب-شىمال سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. 77 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا ئىقتىساد ساھەسىدە جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#