خەلىپە مۇنارى
خەلىپە مۇنارى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى پۈتكەن ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ، ئېگىزلىكى 828 مېتىربولۇپ جەمئىي 163 قەۋەت، 2010-يىلى مۇنارنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇبەي خەلىپىلىكىنڭ ئەمىرى مۇھەممەد بىن راشىد ئەلمەقتۇم قۇرۇلۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە مۇنارنىڭ ئەسلىدىكى دۇبەي مۇنارى دېگەن ئىسمىنىڭ خەلىپە مۇنارىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇرۇلۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى
ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى قۇملۇق، سۇ كەمچىل، تېرىلغۇ يەر ئاز. پۈتۈن دۆلەت ئاساسلىقى نېفىت كىرىمىگە بېقىنىدۇ، كەلگۈسىدە مۇشۇنداق نېفىتقىلا بېقىنىپ ياشاشتەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن دۇبەي خەلىپىلىكىنىڭ ئەمىرى مۇھەممەد بىن راشىد ئەلمەقتۇم ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغان، خەلىپە مۇنارى قۇرۇلۇشى مانا مۇشۇنداق شارائىتتا دۇبەي ئەمىرى تەرىپىدىن قوزغىتىلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.