يۈرەك زەئىپلىكى

يۈرەك زەئىپلىكى

يۈرەك زەئىپلىكى-يۈرەكتە ھېچقانداق ئورگانىك ئۆزگىرىش بولماي، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلىشىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان دەم سىقىلىش، ھاسىراش، سۇلۇق ئىششىق، يۆتەل كۈچىيىش ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى يۈرەك زەئىپلىكى
كېسەللىك سەۋەبى يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلىشىش
تەۋە بۆلۈم يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى دەم سىقىلىش، ھاسىراش، يۆتەل كۈچىيىش
خەنزۇچە نامى 心力衰竭
ئىنگلىزچە نامى heart failure

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈرەك زەئىپلىكىيۈرەكنىڭ نورمال قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماي، ئەزا-توقۇلمىلارغا قان يېتىشمەي ياكى يۈرەك قىسقىرىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماي، ئۆپكە قان ئايلىنىش ۋە بەدەن قان ئايلىنىشتىكى ۋېنالارغا قان قېيىپ، نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، يۈرەك زەئىپلىكى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «زەئىفى قەلب» دەپ ئاتىلىدۇ. يۈرەك زەئىپلىكى ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىكى ۋە مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىكى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىكى

ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىكى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى، كېسەللىك جەريانىنىڭ تېز-ئاستىلىقىغا ئاساسەن ئۆتكۈر يۈرەك زەئىپلىكى ۋە سوزۇلما يۈرەك زەئىپلىكى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

ئۆتكۈر يۈرەك زەئىپلىكى

يۈرەكتىكى ھەر خىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى جىددىي تۆۋەنلەپ، ئۆپكىگە قان قېيىپ كلىنىكىدا ئېغىر دەرىجىدە نەپەس قىيىنلىشىش، ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولۇش، كۆپ مىقداردىكى قىزغۇچ كۆپۈكسىمان بەلغەم تۆكۈرۈش، كۆكىرىش، مۈچىلەر سوۋۇش، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئۆتكۈر يۈرەك زەئىپلىكى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «زەئفى قەلب شەدىد»دەپ ئاتىلىدۇ.

يۈرەك زەئىپلىكى1. ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كەڭ دائىرىلىك يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى، رېماتىزملىق يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەر سەۋەبىدىن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى جىددىي تۆۋەنلەپ، يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىش، سول يۈرەك دالانچىسىدا شار قاپقاقسىمان ترومبا شەكىللىنىپ، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك سول يۈرەك دالانچىسىدىكى شىلىمشىق ئۆسمە، تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ تولۇشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەكنىڭ ئۈنۈملۈك قان سىقىپ چىقىرىش خىزمىتى جىددىي تۆۋەنلەپ، يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. يۇقىرى قان بېسىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى سەۋەبىدىن يۈرەك سول قېرىنچىسىنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ، يۈرەكنىڭ ئۈنۈملۈك قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. تېز سۈرئەتتە كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق بېرىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

تېز سۈرئەتتە كۆپ مىقدردا سۇيۇقلۇق بەرگەندە يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئورۇن تولدۇرۇپ كېتەلمەسلىك نەتىجىسىدە يۈرەكنىڭ قىسقىرىش كۈچى جىددىي تۆۋەنلەپ، ئۈنۈملۈك قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئېغىر دەرىجىدە نەپەس قېيىنلىشىدۇ، ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، تۇنجۇقۇش سېزىمى بولىدۇ، تىنچسىزلىنىپ بىئارام بولىدۇ، تىت تىت بولىدۇ، تۇتقاقلىق يۆتىلىش بىلەن بىرگە كۆپ مىقداردا قىزغۇچ بەلغەم تۆكۈرىدۇ، بەلغەم كۆپ بولغاندا ئېغىز-بۇرنىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ، تەرلەيدۇ، كۆكىرىدۇ، نەپەس قېتىمى تېزلىشىدۇ، ئۆپكىنىڭ ھەممە يېرىدىن ھۆل خىرىپ ۋە كانايچە سىپازما تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ، دەسلەپتە قان بېسىمى ئۆرلەپ، كېيىن تۆۋەنلەيدۇ. تومۇر سوقۇشى ئاجىزلايدۇ، ئەس-ھوشى تۇتۇقلىشىدۇ، ھوشىدىن كېتىدۇ، ھەتتا شوك ياكى تۇنجۇقۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارى جىددىي تۆۋەنلىگەندە مېڭىگە ۋاقىتلىق قان يېتىشمەي، قىسقا ۋاقىت سۆزلىيەلمەسلىك، كۆرەلمەسلىك، قۇلقى ئاڭلىماسلىق، پۇت-قوللىرى ئۇيۇشۇپ قىلىش، ۋاقىتلىق ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

ئوڭ يۈرەك زەئىپلەشكەندە دەم سىقىلىش، ھاسىراش ئاساسىي ئالامەت بولۇپ، كۆپىنچە بەلنىڭ تۆۋىنىدە سۇلۇق ئىششىق يۈز بېرىدۇ، سول يۈرەك زەئپلەشكەندە كۆپىنچە ئۆپكىدە سۇلۇق ئىششىق بولۇپ، يۆتەل كۈچىيىش، ئاچ قىزىل رەڭلىك كۆپۈكلۈك بەلغەم كېلىش، نەپەس ئېلىش بەكمۇ قىيىن بولۇش ۋە كۆكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

يۈرەك زەئىپلىكىيۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى جىددىي تۆۋەنلەپ، سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ كېڭىيىش ئاخىرقى دىۋاردىكى بېسىمى يۇقىرىلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆپكە ۋېناسىدىكى قاننىڭ قايتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۆپكە ۋېناسى ۋە ئۆپكە قىل قان تومۇرلىرىنىڭ بېسىمى تۇيۇقسىز يۇقىرىلاپ، ئۆپكىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ قان ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كۆپ مىقداردىكى پلازما سۇيۇقلۇقى ئۆپكىدىكى توقۇلما ئارىلىقى ۋە ئۆپكە پۈۋەكچىسىگە سىزىپ چىقىپ، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى جىددىي تۆۋەنلەپ كەتسە يۈرەك مەنبەلىك شوك ياكى يۈرەك مەنبەلىك ھوشىدىن كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ كېسەلگە قارىتا ۋاقتىدا جىددىي داۋالاش  ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا جىددىي تەدبىر قوللىنىلمىسا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئېغىر جىسمانىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، روھىي جىددىيلىك، زىيادە چارچاش، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش، زۇكام بولۇش، تويۇنۇپ تاماق يېيىش، قوزغاتقۇچى دورىلارنى يېيىش قاتارلىقلار قوزغاتقۇچى ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

كېسەللىكنىڭ باشلىنىشى بىر قەدەر تېز بولۇش، ئېغىر دەم سىقىش بىلەن بىرگە تۇنجۇقۇش سېزىمى بولۇش، كۆپ مىقداردا قىزغۇچ كۆپۈكسىمان بەلغەم تۆكۈرۈش، ئىككى تەرەپ ئۆپكىدىن ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىش، شوك بولۇش ياكى ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1. ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولىدىغان ھاۋالىق كۆكرەكتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغان ھاۋالىق كۆكرەكتىكى ئىلگىرى ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى، ئۆپكە سىلى، سىل خاراكتېرلىك كۆكرەك پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە كۆكرەك تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش، تۇنجۇقۇش سېزىمى بولۇش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. كانايچە زىققىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

كانايچە زىققىسىدىكى زىيادە سېزىمچانلىق تارىخى ۋە تەكرار تۇتۇش تارىخى بولۇش، كېسەل تۇتقاندا نەپەس چىقىرىش خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش بولۇش بىلەن بىرگە زىققا تاۋۇشى بولۇش قاتارلىق ئالاھدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۆتكۈر يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ باشلىنىشى ۋە تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولغاچقا جىددىي داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، شۇڭا داۋالاشتا جىددىي قۇتقۇزۇش دەرسلىكىدە سۆزلەنگەن ئۇسۇللار بويىچە جىددىي چارە قوللىنىلىدۇ.[0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: گاۋزىبان 200 گىرام، شېكەر ئىككى كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: گاۋزىباننى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ قاينىتىپ، تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، شېكەر بىلەن قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 50 گىرامدىن كۈندە ئۈچ ۋاخ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

2-رېتسېپ

心力衰竭تەركىبى: مەرۋايىت، بىخ مارجان، كەھرىۋا، دۇرنەج ئەقرەبى، قىرقىلغان پىلە، زۇرانبات، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن 90 گىرامدىن، قەلەمپۇر، ئۆشنە، سۇمبۇل، لاچىندانە، زەپەر، مەستىكى، سازەج ھىندى، دارچىن، تاباشىر، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل، ئىپار 30 گىرامدىن، ئەنبەر 45 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: سۇمبۇل، دارچىن، مەستىكى رۇمى، ھەب بىلسان، ئۇدبىلسان، سەلىخە، ئاسارۇن، زەپەر 10 گىرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 80 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كەچتە قورساق توق ۋاقىتتا يەتتە تالدىن 10 تالغىچە ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=764

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/76002.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#