ترانسپورت

ترانسپورت

ترانسپورت - مەلۇم قاتناش لىنىيىسى ئارقىلىق يۈك ۋە يولۇچىلارنى توشۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ساھە ياكى قاتناش ۋاستىىسى. ھازىرقى قاتناش شەكىللىرىدىن ئاساسلىقى تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىئاتسىيە ۋە سۇ يولى ترانسىپورتى قاتارلىقلار بار.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ترانسپورتترانسپورت بولسا  قاتناش لىنىيىسى ئارقىلىق يۈك ۋە يولۇچىلارنى توشۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ساھە ياكى قاتناش ۋاستىلىرى بۇلۇپ، ئۇلار سۇ ترانسىپورتى، قۇرۇقلۇق ترانسىپورتى (تاشيول ترانسىپورتى ۋە تۆمۈر يول ترانسىپورتى)، ھاۋا ترانسىپورتى (ئاۋىئاتسىيە ترانسىپورتى) دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ترانسپورت شەكلىگە ئايرىلىدۇ.

قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى يەر شەكلى ۋە يول يۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تاشيول ترانسپورتى ۋە تۆمۈر يول ترانسپورتى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

تاشيول ترانسىپورتى

تاشيول ترانسىپورتىتاشيول ترانسىپورتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەرەققياتى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان ترانسىپورت شەكىللىرىنىڭ بىرى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بىلەن ئاپتوموبىل ياساش كەسپىنىڭ زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلىشى تاشيول ترانسىپورتىنىڭ تەرەققىياتىنى كەڭرى زامان ۋە ماكان بىلەن تەمىن ئەتتى. تاشيول ترانسىپورتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، تاشيول تورى ھەر تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، ئاپتوموبىللار ئەركىن يول يۈرەلەيدۇ، مېڭىش سۈرئىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا. تاشيول ترانسىپورتىنىڭ يېتەرسىزلىكى، پويىز بىلەن پاراخوتقا سېلىشتۇرغاندا، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە ئېنېرگىيىنىڭ سەرپىياتى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ.

تۆمۈر يول ترانسىپورتى

تۆمۈر يول ترانسىپورتىتۆمۈر يول ترانسىپورتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى توشۇش مىقدارى كۆپ، بىخەتەرلىكى ياخشى، بەلگىلەنگەن نۇقتىغا ۋاقتىدا يېتىپ بېرىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. ھاۋا كىلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ. تۆمۈر يول ترانسىپورتى دائىم ئۇزۇن يوللۇق قۇرۇقلۇق ترانسىپورتىنىڭ ئاساسلىق قاتناش شەكلى بولۇپ كەلمەكتە. يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول، كۆتۈرمە تۆمۈر يول قاتارلىق ھەر خىل تۆمۈر يول شەكىللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، شۇنداقلا ماگىنىتلىق سۇسپېنزىيىلىك تېز سۈرئەتلىك پويىزنىڭ زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۆمۈر يول قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق ترانسىپورتتا ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلماقتا.

ئاۋىئاتسىيە ترانسىپورتى ھاۋا يولى ترانسپورتى يەنى ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلاننىڭ ترانسىپورت سۈرئىتى ئەڭ تېز بولىدۇ. ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ھازىرقى ئالدىراش تۇرمۇش رىتىمىدىكى دائىم تاللايدىغان بىر خىل ۋاستە بولۇپ قالدى. ئەمما ئاۋىئاتسىيە ترانسىپورتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى بىر قەدەر كۆپ، ترانسىپورت سەرمايىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ھاۋا كىلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ.

سۇ يولى ترانسىپورتىسۇ يولى ترانسىپورتىنىڭ سۈرئىتى ئەڭ ئاستا بولۇپ، ناچار كىلىماتنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاسان ئۇچرايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ توشۇش مىقدارى كۆپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئەڭ ئاز، توشۇش سەرمايىسى ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، ئۇزۇن يوللۇق ترانسىپورتتا توشۇغاندا، باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىغان كۆپ مىقداردىكى نەرسىلەرنى سۇ يولى ترانسىپورتى ئارقىلىق توشۇش بىر قەدەر مۇۋاپىق تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ساياھەت قىلغاندا، سەيلە پاراخوتىغا ئولتۇرۇش بولسا ئارام ئېلىش بىلەن ساياھەت قىلىش ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ناھايىتى ياخشى قاتناش قورالى ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#