كۆك ئەمەن

كۆك ئەمەن

كۆك ئەمەن قاننى تەڭشەش، قان توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كۆك ئەمەن
ئىنگلىزچە Sweet Wormwood Herb
خەنزۇچە ئاتىلىشى 青蒿qing hao

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سامان غوللـۇق ئۆسۈمـلۈك كۆك ئەمـەن بولۇپ، بۇ ئۆسـۈملۈكـنىـڭ يەر ئۈسـتى قىسـمـى كۆك ئەمەن نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

چىقىش ئورنى

شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن چىقىدۇ،دالىلاردا،يول بويلىرىدا،ئېرىق ياقىلىرىدا ئۆسىدۇ.

ئائىلىسى

 مۇرەككەپ گۈلـلۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللـۇق ئۆسۈمـلۈك.

پۈتۈن چۆپى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

تەركىبىدە ئەمەن ئاچلىق ماددىسى، ئۇچۇچان ماي، ئەمەن ئىشقارى (Abrota-nine)، ۋېتامىنA  قاتارلىق بار.

تېرىنى قۇۋۋەتلەش، قان تازىلاش، ھارارەت پەسەيتىش، قاننى تەڭشەش، قان توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قىزارتىش، تېرە رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

ئورۇنباسارى

مودەن گۈل يىلىتىز پوستى

ئەكىس تەسىرى

سوغۇقچان كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل، زىرە

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

ئەمەت يېغى، زىمادى ئەمەن

كېسەللىك مىسالى

ھەر خىل سىل كېسىلى،ياز پەسلىدىكى زۇكام، زەھەرلىك ھاشارەتلەر چېقىۋېلىش،قوتۇر،چاقا،ھەر خىل قاناشلىق كېسەللىكلەر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كۆك ئەمەننىڭ 1:3نىسبەتتىكى ئېرىتمىسىنىڭ تېرە زەمبۇرۇغلىرىنى تىزگىنلەش رولى بار.

1.كۆك ئەمەن،ئالقات يىلتىزى ھەر بىرىدىن12گرام،گۈلسامساقتىن 20گرام ئېلىپ  قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سىلدىن بولغان قىزىتما،ئوغرى تەرلەش ۋە ياز پەسلىدىكى زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. بۇرۇن قاناشقا ھۆل ئەمەننى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. ھەرە چاققاندا مودەن يىلتىزى پوستىدىن 6 گرام ئېلىپ، كۆك ئەمەنگە قوشۇپ قاينىتىپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ، ھەرە چېقىش، قوتۇر،چاقا قاتارلىقلارغا كۆك ئەمەندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ يۇسا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

4. ئالا قوڭغۇز بىلەن زەھەرلەنگەندە كۆك ئەمەندى 12گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە زەھەر قايتۇرىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=344

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#