بالىلار سۈيدۈكى

بۇ نورمال ساغلام ئادەمنىڭ كىچىك تەرىتى، تېبابەتچىلىكتە 10 ياشتىن تۆۋەن ساغلام ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىنى ياخشى دەپ قارايدۇ، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، مۇنەكچىلەرنى يۇمشىتىش، ئېرىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، جاراھەتلەرنى پۈتتۈرۈش رولى بار.

دورا نامى بالىلار سۈيدۈكى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 童尿

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ نورمال ساغلام ئادەمنىڭ كىچىك تەرىتى، تېبابەتچىلىكتە 10 ياشتىن تۆۋەن ساغلام ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىنى ياخشى دەپ قارايدۇ، خەلق ئارىسىدا پۇت - قوللارنى كەتمەن، ئورغاق كېسىۋەتكەندە ياكى قاتتىق يىقىلىپ زەخىملەنگەندە، تاياق يېگەندە، كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچىدىغان ياكى زەخىملەنگەن ئورۇنغا سىيگۈزىدىغان ئادەتلەر خېلى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن. ھازىرقى زامان تەتقىقاتىدا سۈيدۈك تەركىبىدىكى ئۇروكىنازا (Urohinase)، 尿激酶 نىڭ قان تۇمۇرلاردا نوكچا پەيدا بولۇشنى توسۇش، ئويىۋالغان نوكچىلارنى ئېرىتىش تەسىرىنىڭ ياخشىلىقى ئىسپاتلىنىپ، كىلىنىكىدا كەڭ دائىرىدە قوللىنىشقا باشلىدى. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۈيدۈك ئىچۈرۈپ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە توغرىلىقىنى ھەقىقىي ئىسپاتلىدى.

سۈيدۈكنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، سۈيدۈك تەركىبى ئوزۇقلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئادەتتە: urea، كالىي خىلور، فوسفات كىسلاتاسى، گۈڭگۈرت كىسلاتاسى، سۈيدۈك كىسلاتاسى، phenol, hippuric acid, ammonia, urokinase, craetinine چۆپ كىسلاتاسى، estrogen, Mg, Ca, indican ۋە باشقا ھورمۇنلار urate, gonadotropine, ۋىتامىن C, B6, B2, B1 ئاق ئاقسىل قاتارلىقلار بولىدۇ.

قان نوكچىسىنى ئېرىتىش تەسىرى بار.

ھۆل سوغۇق.

تۇسالغۇلارنى ئېچىش، مۇنەكچىلەرنى يۇمشىتىش، ئېرىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، جاراھەتلەرنى پۈتتۈرۈش.

قان تومۇر توسۇلۇش، قانلىق ئىششىق، سىرتقى زەخىملىنىش، زەھەرلىنىش، ئۆپكە سىلى، ئېغىز ۋە  تىل جاراھەتلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. ئادەتتە 10 ياشتىن كىچىك ساغلام ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنى ئېلىپ (باشقا ئازراق سىيدۈرۈپ، ئاندىن ئېلىنىدۇ. ئاخىرقى قىسمى ئېلىنمايدۇ). قاتتىق يىقىلىپ زەخىملەنگەندە، بىر كۈندە بىر ئىستاكان سۈيدۈك ئىچكۈزۈلىدۇ.

2. ئېغىز، تىل جاراھەتلىرىدە زەمچە، موزا قاتارلىقلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىز چايقىلىدۇ. قاتتىق تاياق تەگكەن، يەرلىك ئۇرۇن ئىششىپ كەتكەندە سۈيدۈكنى مۇۋاپىق مىقداردا ھاراققا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ.

3. ئۆپكە تىبىركىلىيوز كېسىلىدە مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

4. قان تۇمۇرلاردا توسۇلۇش پەيدا بولغاندا، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 

5. بەزگەكنى داۋالاشتا ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ.

6. ئۇزۇنغا سۇزۇلغان يۆتەلدە بىخسۇس بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ.

7. ئىچكى يارىلارغا كۈنلۈكى 100 مىللىلىتىردىن 2 ۋاخ ئىستېمال قىلدۇرلىدۇ.

100 ~ 200 مىللىلىتىر.

ئاشقازان، تالغا زىيان قىلىدۇ.

كاسىنە ئۇرۇقى.

تۇرۇپ سۈيى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#