پاپېت شەھىرى
تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى فرانسىيىگە قاراشلىق پولنېزىيىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر تايتى ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالى قىرغىقىغا، ماتاۋى قولتۇق بويىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى فرانسىيىگە قاراشلىق پولنېزىيىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر تايتى ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالى قىرغىقىغا، ماتاۋى قولتۇق بويىغا جايلاشقان. پاپېت تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ تەبىئىي پورتلارنىڭ بىرى، پورتقا 35 مىڭ توننىلىق پاراخوتلار كېلىپ توختىيالايدۇ. بۇ شەھەر 1818-يىلى دېڭىز قىرغاق لىنىيىسى بويلاپ سېلىنىغان. شەھەرنىڭ 5 كىلومېتر غەربىدە خەلقئارا ئايرودرومى بار. شەھەر ئاھالىسى 40 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 10 مىڭغا يېتىدۇ(1981) ، قالغىنى پولېنزىيىلىكلەر، فرانسۇزلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. پورت ئارقىلىق سىرتقا پالما يېغى، پۇراقلىق ماتېرىياللار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.