دافېڭ بازىرى

دافېڭ بازىرى

دافېڭ بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى نىڭ غەربىگە، تەڭرىتاغ نىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 453 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى دافېڭ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 453 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大丰镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قۇتۇبى ناھىيەسى
نوپۇسى 14766ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دافېڭ بازىرىدافېڭ بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى نىڭ غەربىگە، تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، شىمالىي بىلەن ۋۇگۇڭتەي بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا چۇرگۇل بازىرى، شىتىزى يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربتە ماناس ناھىيەسىنىڭ لوتۇيى بازىرى بىلەن چېگرالىنىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 453 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ شەرقىي تەرىپى ئۈرۈمچىگە 100 كىلومېتىر، قۇتۇبى ناھىيە بازىرىغا 28 كىلومېتىر، غەربىي شىخەنزە شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 كىلومېتىر كېلىدۇ.

شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى، 312 -دۆلەت تاشيولى، 201-ئۆلكە يولى، ئۈرۈمچى-كۇيتۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 

2013-يىلىغا قەدەر، دافېڭ بازارىدىكى نوپۇس 14766ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 13 مىڭ ئادەم، دافېڭ بازىرىدا خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، مىياۋزۇ قاتارلىق 13 مىللەت بار.

دافېڭ بازىرىقاراشلىق سەككىز مەمۇرىي كەنت، بىر ئورمانچىلىق مەيدانى، بىر مەھەللە بار.  

مەمۇرىي كەنت: خۇڭسەن كەنتى، ليەنفېڭ كەنتى، خۇڭ ليۇتاڭ كەنتى، شۇۋۇزا كەنتى، داتۇخول كەنتى، گاۋچياۋ كەنتى، شىباخۇ كەنتى، چىجياخۇ كەنتى. 

مەھەللە : دافىڭ مەھەللىسى 

دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى: گەنخىزى ئورمانچىلىق مەيدانى.

دافېڭ بازىرىدافېڭ بازىرى كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا كىرىدۇ، ئوتتۇرا كەڭلىكتىكى غەرب شامىلى زونىسى كونتروللۇقىدا بولىدۇ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6.7، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 167 مىللىمېتىر، قىروۋسىز مەزگىلى ئوتتۇرىچە 180 كۈن، كۈن نۇرىنىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى3090 سائەت، مۇقىم ھالدا ℃10تىن يۇقىرى يىللىق ئۈنۈملۈك يىغىندى تېمپېراتۇرا ℃3553.

دافېڭ بازىرى2014-يىلى دافېڭ بازىرىنىڭ يېزا ئىقتىسادى ئومۇمىي كىرىمى 1 مىليارد 760 مىليون يۈەن، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كىرىمى 7مىليون 620 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئىككىنچى كەسىپ، ئۈچىنچى كەسىپ تىجارەت كىرىمى 9.98 مىليون يۈەنگە، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 19099 يۈەنگە يەتكەن. 

ماچياۋ قەدىمىي شەھىرى

ماچياۋ قەدىمىي شەھىرى ماچياۋ قەدىمىي شەھىرى قۇتۇبى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا 84 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى 106-تۈەنى تەۋەسىگە جايلاشقان، دەريا يولى بۇ بازار رايونىنى شەرق ۋە غەرب ئىككى قىسمىغا بۆلىۋەتكەچكە دەرياغا ياغاچ كۆۋرۈك سېلىنغان، ئۇنىڭغا بىر ئادەم بىر ئۇلاغلا پاتىدۇ. شۇڭا بۇ شەھەر «ماچياۋ شەھىرى» دەپ ئاتالغان. ماچياۋ قەدىمىي شەھەر جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 350 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 170 مېتىر، سېپىلنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىردىن، قېلىنلىقى 2.7 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۈستىدە غوجا تام بار. جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى شەھەر ئىشىكى بار، شىمالىي ئىشىكنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 4.5 مېتىر، جەنۇبىي ئىشىكنىڭ كەڭلىكى 5.2 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ئالتە مېتىر كەڭلىكتە بار كوچا بىر، بىر نەچچە تار كوچا بىلەن شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كوچا تۇتاشتۇرۇلىدۇ. 1994-يىلى سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى بۇلۇپ بېكىتىلگەن. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#