تۇنجى يەل ياستۇقلۇق كېمە

ياسىغۇچى كوكلېر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەل ياستۇقلۇق كېمىنى ئەنگىلىيە ئېنژېنىرى كوكلېر(1910-4-ئاپرېلدا تۇغۇلغان) ئىختىرا قىلغان. كوكلېر كېچىكىدىن تارتىپلا پەننى سۆيەتتى ۋە مۇستەققىل پىكىر قىلىشقا ماھىر ئىدى. دادىسى ئۇنىڭ ئەدەبىيات ئۆگىنىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. بىراق ئۇ ماشىنا بىلەن ھەپىلىششىنى ياخشى كۆرەتتى. دادىسى ئوغلىنى ئىستىقبالى يوق، كەلگۈسىدە ئاپتوموبىل رېمونت ئىشچىسى بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارايتتى. 

1950-يىلى 40 ياشلىق كوكلېر كېمىسازلىق سانائىتىگە قىزىقىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق پۇلىغا كىچىككىنە بىر كېمىسازلىق زاۋۇتىنى سېتىۋالىدۇ. ئۇزقا ئۆتمەي يەل ياستۇقلۇق كېمىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. 1955-يىلى كوكلېرنىڭ قولىدا «يەل ياستۇق كېمە» نىڭ چوڭ-كىچىك ئىككى تۆمۈر قېپىلا بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن تەجرىبە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يەل ياستۇقلۇق كېمە ياساشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق ئۇنىڭغا پۇل نەدە؟ كېمە ياسىغۇچى سودىگەرلەر بۇنى كېمە ئەمەس دەپ قاراپ، پۇل چىقىرىشنى خالىمايدۇ. ئايرۇپىلان ياسىغۇچى سودىگەرلەر بۇنى ئايرۇپىلان ئەمەس دەپ قاراپ ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىدۇ؛ تېخى بەزىلەر يەل ياستۇق زادى كارغا كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن ئاخىر كېمە ياسايدىغان بىر ئاق كۆڭۈل كىچىك سودىگەر ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 0.6 مېتىر، كەڭلىكى 0.15 مېتىركېلىدىغان بىر كىچىك ماشىنا ياساپ بېرىدۇ. كوكلېر بۇنى ھەركەتلەندۈرگۈچ قۇرۇلمىسى قىلىپ، مودېل تەرىقىسىدىكى تۇنجى يەل ياستۇقلۇق كېمىنى ياساپ چىقىدۇ.

1956-يىلى قىشتا بۇ يەل ياستۇقلۇق كېمە ئاق مەھكىمە كوچىسىدىكى بىر چوڭ بىنانىڭ پولات مەشغۇلات كۆرسەتكەندە، شۇ يەردىكى كىشىلەر بۇ كېمىنىڭ ئىس-تۈتەك چىقىرىپ يەردىن كۆتىرىلىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغانلىقتىن سەكرىشىپ كېتىدۇ. 1959-يىلى ئىيۇندا ھۆكۈمەت پۇل ئاجرىتىپ ئۇزۇنلۇقى 9.1 مېتىر، كەڭلىكى 7.3 مېتىر، ئېغېرلىقى 4 يېرىم توننا كېلىدىغان SRNI تىپىدىكى يەل ياستۇقلۇق كېمە ياسىتىپ، لېيتى ئارىلىدا سىناق قىلىدۇ. 25-ئىيۇلدا يەل ياستۇقلۇق بۇ كېمە ئەنگىلىيە بۇغىزىدىن ئوڭۇشلۇق كېسىپ ئۆتۈپ، دۇنيا بويىچە سۇدا رەسمى يۈرگەن تۇنجى يەل ياستۇقلۇق كېمە بولۇپ قالىدۇ.

يەل ياستۇقلۇق كېمە، ئاساسلىقى، تولۇق لەيلەيدىغان يەل ياستۇقلۇق كېمە ۋە يان تاملىق يەل ياستۇقلۇق كېمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئەنگىلىيە ياسىغان III—SRN4 تىپتىكى يەل ياستۇقلۇق يولۇچىلار كېمىسى ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەل ياستۇقلۇق يولۇچىلار كېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تولۇق لەيلەيدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھاۋا پىروپىللېرى(پىلدىرلىغۇچى) ئارقىلىق ماڭىدۇ. (ئايروپىلاننىڭ ھاۋا پىروپىللېرىغا ئوخشايدۇ) كېمە ئاستىنىڭ تۆت ئەتراپىغا نىلون، رېزىنكە رەختتىن ياسالغان «پەرتۇق» تارتىلغان بولۇپ، يۇقۇرى بېسىملىق ھاۋا كېمىسىنىڭ تېگىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېمىنىڭ تېگى بىلەن سۇ يۈزى ئوتتۇرىسىدا يەل ياستۇقلۇق كېمىنىڭ گەۋدىسىگە بەرداشلىق بېرىدىغان ئېغىرلىق شەكىللىنىپ، كېمىنىڭ يۈرۈشىگە بولغان توسقۇنلۇق كېمىيىدۇ. ئۇنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سائىتىگە 100 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭغا 416 ئادەم، 55 ئاپتوموبىل سىغىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يان تاملىق يەل ياستۇقلۇق كېمىسىنىڭ سۈرئىتى ئەڭ تېز بولۇپ، سائىتىگە 167 كىلومېتىر ماڭىدۇ. (ۋېن جې)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#