بالىياتقۇ يېرىلىش كېسلى

بالىياتقۇ يېرىلىش

بالىياتقۇ يېرىلىش بولسا تۇغۇت كېسەللىكلىرىگە قوشۇلۇپ ئەڭ ئېغىر بولغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ تۇغۇت ۋاقتىدا ياكى ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى بالىياتقۇنىڭ يېرىلىش كېسلى
يۇقۇملىنىشى يوق
خەنزۇچە نامى 子宫破裂
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىياتقۇ يېرىلىشبالىياتقۇ يېرىلىش بولسا تۇغۇت كېسەللىكلىرىگە قوشۇلۇپ ئەڭ ئېغىر بولغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ تۇغۇت ۋاقتىدا ياكى ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ، ئۆز ۋاقتىدا چارە قىلىنمىسا ئانا ۋە بالىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىياتقۇ يېرىلىشىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن يېزىلاردا يەنىلا ئاز-تولا ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا-بالىنىڭ سالامەتلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاكتىپ تۈردە ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.

كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن ئۆزلىكىدىن يېرىلىش، زەخمىلىنىش خاراكتېرلىك يېرىلىش دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. كېسەللىك پەيدا بولۇش ۋاقتىغا ئاساسەن ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يېرىلىش، تۇغۇت مەزگىلىدە يېرىلىش دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. يېرىلغان ئورنىغا ئاساسەن بالىياتقۇ تېنى يېرىلىش بالىياتقۇ تۆۋەنكى قىسمى يېرىلىش، دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. يېرىلىش دەرىجىسىگە قاراپ تولۇق يېرىلىش ۋە تولۇق بولمىغان يېرىلىش دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. كىلىنكىدا بالىياتقۇ يېرىلىشنىڭ %90 تى ئۆزلىكىدىن يېرىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ كۆپىنچە كۆپ تۇغقان ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

تۇلۇق يېرىلىش

تۇلۇق يېرىلىش بۇ بالىياتقۇ پۈتۈن قەۋىتىنىڭ يېرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بالىياتقۇ بوشلۇقى ۋە قورساق بوشلۇقى بىۋاسىتە تۇتىشىپ كېتىپ ھامىلە ۋە قوشۇمچە ئەزالار قورساق بوشلۇقىغا كىرىدۇ. يۇقۇملىنىش ئېغىر بولىدۇ، ئەگەر جاراھەت ۋە بالىياتقۇ ئارتىرىيەدىن كۆپلەپ قان چىقىپ كەتسە، بىمار دەرھال شۇك بولۇپ قېلىپ، كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ.

تولۇق بولمىغان يېرىلىش

تولۇق بولمىغان يېرىلىش بالىياتقۇ ئىچكى پەردە قەۋىتى ۋە مۇسكۇل قەۋىتى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يىرتىلىپ كېتىدۇ. لېكىن بالىياتقۇ سىرتقى قەۋىتى پۈتۈنلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ. قورساق بىلەن بالىياتقۇ بىۋاسىتە تۇتاشمايدۇ. يەڭگىل دەرىجىدە شۇك بولىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ تېمى يېرىلسا كەڭ تارامۇش ئىچىدە قانلىق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر قانلىق ئىششىق داۋاملىق چوڭايسا شىللىق پەردە قەۋىتى داۋاملىق يېرىلىپ، تولۇق يېرىلىشقا ئايلىنىدۇ. تولۇق بولمىغان يېرىلىشتا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولمايدۇ.

ھامىلىنىڭ ئالدىن كېلىش قىسمىنىڭ تۆۋەن چۈشۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش

ھامىلىنىڭ ئالدىن كېلىش قىسمىنىڭ تۆۋەن چۈشۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: بالىياتقۇدىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ نورمال بولماسلىقى، داس تار بولۇش، جىنسى يولدا تاتۇق بولۇش، داس بوشلىقى ئۆسمە بىلەن توسۇلۇپ قىلىش، زور ھامىلە، ھامىلىنىڭ جايلىشىشى نورمال بولماسلىق، بولۇپمۇ ھامىلە توغرىسىغا كېلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ھامىلىنىڭ ئالدىن كەلگەن قىسمىنىڭ تۆۋەن چۈشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ بالىياتقۇ يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىياتقۇدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى 

بالىياتقۇدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆپ تۇغقان ئاياللاردا مۇسكۇل قەۋەت ئىچىدىكى تالالىق توقۇلمىلار كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، بالىياتقۇنىڭ ئېلاستىكىلىق تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا توسالغۇغا ئۇچرىغان ھامانلا يېرىلىپ كېتىدۇ. قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپىراتسىيىدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ھامىلدار بولۇپ تۇغقاندا، ئوڭايلا ئەسلىدىكى تاتۇقتىن يېرىلىپ كېتىدۇ. ئۇندىن باشقا بالىياتقۇنىڭ غەيرى شەكىللىك بولۇشى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى كېسىپ ئېلىش ئوپىراتسىيىدىن كېيىن بالىياتقۇ تېمىدىكى تاتۇق بارجايدىن يېرىلىپ كېتىدۇ. بالىياتقۇنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىياتقۇنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئامىللار

بالىياتقۇنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بالىياتقۇنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولماسلىق، ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلىق يېتىشمەسلىك، بالىياتقۇ مۇسكۇل دىۋارى يىگىلەش قاتارلىقلار.

بالىياتقۇنىڭ زەخىملىنىشى

بالىياتقۇنىڭ زەخىملىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: ئىچكى ئايلاندۇرۇش، تۇغۇت قىسقۇچتا قىسىش، ھامىلىنى ھالاك قىلىش ئوپىراتسىيىسى، ساغرا ئالدىن كەلگەن ھامىلىلەرنى تارتىپ تۇغدۇرۇش قاتارلىقلاردا مەشغۇلات قائىدىسىگە دىققەت قىلماسلىق، ھەرىكەت قوپال بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىياتقۇ يېرىلىشنى پەيدا قىلىدۇ.

بالىياتقۇنى قىسقارتقۇچى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش

بالىياتقۇنى قىسقارتقۇچى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش سەۋەبلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

بالىياتقۇ يېرىلىشنىڭ كىلنىك جەريانى بالىياتقۇ يېرىلىشنىڭ ئالدىنقى بەلگىلىرى (ئېھتىمالى بولغان بالىياتقۇ يېرىلىش) ۋە بالىياتقۇ يېرىلىشىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ.

ئېھتىمالى بولغان بالىياتقۇ يېرىلىش 

ئېھتىمالى بولغان بالىياتقۇ يېرىلىش بۇنىڭدا باش سۈيى يېرىلىپ بولغان تولغاق كۈچلۈك كېلىدۇ. تۇغۇتلۇق ئايال تۆۋەنكى قورساق قىسمىنىڭ قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. چىرايىدا خاتىرجەمسىزلىنىش ئىپادىسى بولىدۇ. نەپەس تېزلىشىپ، نەپەس سىقىلىدۇ. تومۇر سوقۇشى تېزلىشىدۇ. ئاغرىق ئازابىدىن ئۆزىنى تۇتالماي قالىدۇ. سۈيدۈك قان ئارىلاش كېلىدۇ، ھامىلىنىڭ ئالدىن كەلگەن قىسمىنىڭ تۆۋەنگە چۈشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشغا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. قورساقنىڭ شەكلى نورمالسىز بولىدۇ، باسقاندا قاتتىق ئاغرىيدۇ، سىيىش قىيىنلىشىدۇ. بالىياتقۇ يېرىلىشنىڭ بىشارەتلىك ئالامەتلىرى بولغاندىكى قورساقنىڭ سىرتقى شەكلى كۆپىنچە ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى كۈچسىز بولۇش پەيدا بولغاندىن كېيىن كۈچلۈك ھەم كەينى-كەينىدىن قىسقىراش يۈز بېرىدۇ. لېكىن تۇغۇت جەريانىدا ئىلگىرىلەش بولمايدۇ، پاتولوگىيىلىك تارايغان ھالقا كۆرىلىدۇ. بەزىلەردە ھامىلىنىڭ قول-پۇتلىرى قولغا ئېنىق بىلىنىدۇ. بەزىلەردە بۇ خىل ئالامەتلەر ئېنىق ئىپادىلەنمەيدۇ، كېيىن تەدرىجى تەرەققى قىلسا سىپازمىلىنىش خاراكتېرلىك بالىياتقۇ قىسقىراش كېلىپ چىقىدۇ. قورساق قىسمىنى تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ تېنى ئالاھىدە دومبايغان، بالىياتقۇ تۆۋەن بۆلىكى بەكلا كېڭەيگەن بولۇپ باسقاندا ئاغرىش تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. يۈرەك ھەرىكىتى مىنۇتىغا 160 ~ 100 قېتىم سوقىدۇ. بىمار ئۆزلىكىدىن كىچىك تەرەت قىلالمايدۇ. دوۋساق زىيادە بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن توقۇلمىلارنىڭ زەخمىلىنىشى كېلىپ چىقىدۇ. كاتتىر سېلىشقىمۇ قىيىن بولىدۇ.

بالىياتقۇ يېرىلىش

بالىياتقۇ يېرىلىش تۇغۇتلۇق ئايالدا قورساق قىسىمنىڭ قاتتىق ئاغرىغانلىقى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ خۇددى پىچاق بىلەن كەسكەندەك ۋە قورساق يىرتىلىپ كەتكەندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ.ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكتىن قاتتىق ۋارقىرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تولغاقمۇ توختايدۇ. بۇ ئالامەتلەر قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە يەڭگىللىشىپ ئارام تاپقاندەك بولىدۇ، لېكىن ئىچىگە قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن شۇك كېلىپ چىقىپ، رەڭگى ئاقىرىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، نەپەس تېزلىشىش، تومۇر سوقۇشى، ئىنچىكە، ئاجىز بولۇش بىلەن ھامىلىنڭ تەۋرىنىشى ۋە يۈرەك تاۋۇشى پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ. ئەگەر قان كۆپ مىقداردا چىقىپ كەتمىسە مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن پۈتۈن قورساق ساھەسى توختىماستىن قاتتىق ئاغرىيدۇ. بىمار مىدىرلاشقا ھەتتا ئۆرىلىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ، ھەتتا ئۈنلۈكرەكمۇ تىنالمايدۇ، ئېنىق بولغان ھامىلە تېنى قولغا ئۇرىنىدۇ. بالىياتقۇ كىچىكلەپ، بىر تەرەپكە سۈرىلىدۇ، بالىياتقۇنىڭ يېرىلغان يېرىنى تۇتسا خۇددى بالىنىڭ قول-پۇتلىرىنى تۇتقاندەك بولىدۇ. جىنسىي يولدىن قارامتۇل قان ئېقىپ چىقىدۇ، سۈيدۈك ئالغاندا سۈيدۈك چىقمايدۇ ياكى قانلىق سۈيدۈك چىقىدۇ، تولۇق ۋە تولۇق بولمىغان يېرىلىش ئەھۋالىغا قاراپ كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر تولۇق يېرىلىش بىلەن بىرگە بالىياتقۇ ئارتېرىيىسىنىڭ زەخىملىنىشى بىرگە كەلسە قان قورساق بوشلۇقىغا ئېقىپ چۈشىدۇ. قورساقتا يىغىلغان قاننىڭ مىقدارى 400ml دىن ئارتۇق بولغاندا قورساقنى چېكىپ تەكشۈرگەندە ھەرىكەتچان بوغۇق تاۋۇش چىقىدۇ. تولۇق يېرىلغاندا جىنسىي يولدىن تەكشۈرسە، ئالدىن كېلىش قىسمىنىڭ يەنە يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكىنى، كېڭىيىپ بولغان بالىياتقۇ ئېغىزىنىڭ يەنە يىغىلىۋالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئۇندىن باشقا كۆپكەن دوۋساق، ھامىلە ۋە بالىياتقۇ قولغا ئۇرىنىدۇ، ئەگەر دوۋساقمۇ يېرىلغان بولسا، سالغان كاتتىرنى جىنسى يول ئىچىدىن تۇتقىلى بولىدۇ.

بالىياتقۇ يېرىلىشنىڭ ئېھتىمالى بولغاندا ياكى يېرىلغاندا تېزدىن بىرتەرەپ قىلىش لازىم. ئېھتىمالى بولغان بالىياتقۇ يېرىلىشتا تىنچلاندۇرغۇچى ۋە بالىياتقۇ قىسقىرىشىنى(سپازمىنى) بوشاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئاتروپىن ياكى ئېتىرنى قائىدە بويىچە ئىشلىتىدۇ. ئەگەر ھامىلە تىرىك بولسا قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپىراتسىيىسى ئىشلەش بىلەن بىللە تۇغماس قىلىۋېتىش ئوپىراتسىيىسى ئىشلەش، ھامىلە ئۆلۈك بولسا دەرھال ھامىلىنىڭ بېشىنى تېشىش ياكى ھامىلىنى ئۆلتۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئىشلەش لازىم. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراق بولسا ھامىلە قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر دەرھال قورساقنى يېرىش لازىم. بالىياتقۇ يېرىلغاندا، جىددىي تۈردە شۇكقا قارىتا چارە قىلىش بىلەن بىرگە قورساقنى يېرىش لازىم. بىمارنىڭ پۈتۈن بەدەنلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن يېرىلغان ئېغىزنىڭ تەكشى ياكى تەكشى ئەمەسلىكى، يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقى، تۇغۇتقا بولغان تەلىپى، ئوپىراتسىيە شارائىتىغا قاراپ مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۇقۇملىنىشقا قارشى دورىلارنى كۆپرەك مىقداردا ئىشلىتىش، يېمەكلىكىگە ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى تائاملارنى تاللاپ بېرىش لازىم. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولمىسا، ھامىلىدار ئايال ياش بولسا بالىياتقۇنى تىكىپ قويۇش لازىم. ئەگەر يېرىلغان ۋاقتى بىرئاز ئۇزۇنراق، يېرىلغان ئېغىز چوڭراق، چۆرىسى رەتسىز ھەم يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلسە مەيلى يېشى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن بالىياتقۇنى ئاساسەن پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلاش، شۇنىڭدەك خوشنا ئەزالارنىمۇ ئەستايىدىل تەكشۈرۈش لازىم.

پىلانلىق تۇغۇت تەربىيىسىنى ۋە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش، بالىياتقۇنى قىسقارتقۇچى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك، قىيىن تۇغۇت تارىخى، ئوپىراتسىيە تارىخى بارلار بۇنىڭغا بەكرەك دىققەت قىلىش، تۇغۇتقا ئەستايىدىل چارە قىلىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1232

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/291127.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#