دولان دەرياسى
دولان دەرياسى شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى دە بۇلۇپ، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا دەل-دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان، دەريا سۈيى سۈزۈك بۇلۇپ، دەريا ئاستىدىكى تاشلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، يەنە بەزى كىچىك بېلىقلار خۇشال ئۈزۈپ يۈرۈشىدۇ.
دولان دەرياسىغا ئاقسۇ خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرى مۇجەسسەملەنگەن دەريا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاقسۇ شەھىرىدىكى دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى 2006-يىلى پىلانلىنىپ قۇرۇلغان. قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7.7 كىلومېتىر، 3-قارارلىق قۇرۇلۇشى پىلانلانغان بۇلۇپ، 1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشقا ئۇزۇنلۇقى 45 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى دىكى دولان دەرياسى بويىدا يەر، مەدەنىيەت، مەنزىرە، بايلىقلىرى تولۇق قېزىلىپ ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلغان. سودا، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرى، ئىككى-ئۈچ يىللىق تىرىشش ئارقىلىق دولان دەرياسى رايونى مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك، ئېكسپىدىيە، تەنھەرىكەت، سەيلە قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىنىپ. ئاقسۇ غەربىي شىمال رايونىدىكى ساياھەت ۋە ئىستىراھەت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلغان.
دولان دەرياسى ئۇيغۇر تىلىدا «سۈپسۈزۈك ئېقىۋاتقان دەريا» دېگەن مەنىدە. ئاقسۇ ۋىلايىتى شىنجاڭ بويىچە سۇ بايلىقى ئەڭ مول بولغان رايونلارنىڭ بىرى. چېگراسى ئىچىدە جەمئىي 1298 مۇزلۇق بار، كۆلىمى 4098 كۋادرات كىلومېتىر، زاپاس سۇ مىقدارى تەخمىنەن 2154 يۈز مىليون كۇب مېتىر. تاغ مۇزلۇقلىرى، تەڭرىتاغ قارلىق يېرى، دەريا سۈيىنىڭ ئاساسلىق سۇ تولۇقلاش مەنبەسى. رايون ئىچىدە ئاساسلىق ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى، تارىم دەرياسى دىن ئىبارەت 3 چوڭ سۇ سىستېمىسى ۋە چوڭ-كىچىك 16 دىن ئارتۇق دەريا-ئېقىن ۋە 60 نەچچە بۇلاق بار.
يەر ئۈستى سۈيىنىڭ يىللىق سىرغىم مىقدارى 12 مىليارد 940 مىليون كۇب مېتىر، يەر ئاستى سۇ زاپىسى 10 مىليارد 620 مىليون كۇب مېتىر، پايدىلىنىش ئېچىشقا بولىدىغان مىقدارى 5 مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىر، سۇ ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ زاپاس مىقدارى 3 مىليون 900 مىڭ كىلوۋات. يەر ئۈستى سۈيى نۇرغۇن كىچىك كۆل شەكىللەنگەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.