خەلقىمىزدە سوپۇنچىلىق مەدەنىيىتى

خەلقىمىزدە سوپۇنچىلىق مەدەنىيىتى

خەلقىمىزدە كىر يۇيۇش ۋە يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ياغ، شاخار ۋە ھاكتىن ھەر خىل شەكىلدە ياكى پاراشوك ھالىتىدە ياسىلىدىغان تازىلاش بۇيۇمىنى سوپۇن، سوپۇن ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ساتقۇچى كىشىنى سوپۇنچى، سوپۇن ئىشلەپچىقىرىش ئىشى ياكى كەسپىنى سوپۇنچىلىق دەپ ئاتاپ كەلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى خەلقىمىزدە سوپۇنچىلىق مەدەنىيىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەلقىمىزدە سوپۇنچىلىق مەدەنىيىتىخەلقىمىزدە سوپۇنچىلىق كەسپىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، ئومۇملىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەھەتتە شانلىق سەھىپىلەرنى ئېچىش بىلەن بىللە ئەنئەنىۋى سودا تاۋارلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ كەلگەن.

ياغ ھايۋان ۋە ئادەملەرنىڭ تېرە ئاستىدىكى توقۇلمىلىرى ھەم ئۆسۈملۈكلەر تېنىدە بولىدىغان ئورگانىك ماددا بولۇپ، ئۈچ مولېكۇلا ياغ كىسلاتاسى بىلەن بىر مولېكۇلا گىلىتسېرننىڭ بىرىكىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدۇ. ياغ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئەڭ كۆپ يېمەكلىك بولۇپ، ئادەملەرنى ئېھتىياجلىق ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

كېرەكلىك ماتېرىياللار 

شاخار كۆرۈك غولىنىڭ ھۆل ھالەتتىكى تولۇق كۆيۈپ بولالمىغان چۇچىلا قىسمىدىن ئىبارەت.

ھاك ھاك تېشىنى مەخسۇس ياسالغان خۇمدانلاردا كۆمۈر ئوتى بىلەن كۆيدۈرۈش يولى ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان ئاقارتىش بۇيۇمى بولۇپ، سۇدا ئېرىپ بوتقا ياكى سۇيۇق ھالەتكە كېلىدۇ. سوپۇنچىلىقتا ھاكنىڭ شاخارنى ئېرىتىش، ياغنى ئاقارتىش ھەم ياغ دانچىلىرىنى يىغىش رولى بولىدۇ.

قازان تاماق ئېتىش ۋە سۇ قاينىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېرىم شار شەكىللىك قويما ئىدىش بولۇپ، ئادەتتە، چويۇن، مىس، ئاليۇمىن، ساپال، قۇم قاتارلىقلاردىن قۇيۇش، پىشۇرۇش يولى ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. سوپۇن خۇرۇجلىرىنى قاينىتىش ئۈچۈن ئاساسەن چويۇندىن قۇيۇلغان قازانلار ئىشلىتىلىدۇ.

خەلقىمىزدە سوپۇنچىلىق مەدەنىيىتىئۇيغۇر سوپۇنچىلىرى يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئەرزان خۇرۇج ۋە ئاددىي سايمانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ شىپالىق رولى ھەم خاسىيىتى زور بولغان يۇيۇش بۇيۇمى سوپۇننى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، سوپۇن ياساشنىڭمۇ بىر قاتار ئىلمىي ئۇسۇللىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ئۇلار ئالدى بىلەن قازان ئۈستىگە سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىدىش قويۇپ ئەتراپىنى لاي بىلەن چاپلاپ، قازاندىن سوپۇن خۇرۇجلىرىنىڭ تېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. 100 جىڭ ياغدا سوپۇن ياساش ئۈچۈن 50 جىڭ شاخار، تۆت جىڭ ھاك تەييارلاپ، ياغنى قازانغا سېلىپ ئېرىتكەندىن كېيىن، تەييارلانغان شاخار بىلەن ھاكنى سوقۇپ تالقانلاپ بىر قىسمىنى ئېرىگەن ياغ ئۈستىگە سېلىپ ۋە مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ نورمال قايناتقان. شاخارنىڭ ياغنى ئېرىتىپ، ياغ مولېكۇلىلىرىنى پارچىلاش، ھاكنىڭ شاخارنى ئېرىتىش، ياغنى ئاقارتىش ھەم ياغ دانچىلىرىنى يىغىش رولى بولىدۇ. نەتىجىدە شاخار ئېرىپ قازان ئىچىدىكى ياغ، شاخار ۋە ھاك ئارىلاشمىسىدىن بىر خىل پاتقاق ھاسىل بولىدۇ. قازاندىكى دۇغ ۋە ياغ بەزلىرى قازان تېگىگە چۆكۈپ، ساپ ياغ ئۈستىگە لەيلەيدۇ. بۇ چاغدا ياغنى سۈزۈۋېلىپ، قازان تېگىگە ئولتۇرۇۋالغان غەلدە–غەشلەرنى پاكىز تازىلاپ ئېلىۋېتىپ، قايتىدىن ھاك، شاخار سۈيىنى يەڭگۈشلەپ، سۈزۈۋېلىنغان ياغنى قازاندىكى ھاك ۋە شاخار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەنە قاينىتىمىز. مۇشۇنداق قاينىتىش توققۇز قېتىم داۋاملاشقاندىن كېيىن، ياغنى قول بىلەن مىجىغاندا ياغ قولغا چاپلاشمايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ ياغنىڭ پىشقان، يەنى ئۆزىدىكى رېئاكسىيەلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ساپلاشقان ۋاقتى بولىدۇ. يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە قازاندىكى ساپلاشقان ياغنى سۈزۈپ ئېلىۋېلىپ، قازان تېگىگە چۆككەن شاخار دۇغلىرىنى پاكىز تازىلاپ چىقىرىۋېتىپ، تازىلىنىپ ساپلاشقان ياغنى نىسبەتلىك سۇ بىلەن يەنە بىر قېتىم قايتا ئېرىتىپ، چۆمۈچ بىلەن ئۆلچەملىك قېلىپقا قۇيۇپ، مەلۇم ۋاقىت تۇرغۇزۇپ، قېلىپقا قۇيۇلغان سوپۇن قاتقاندىن كېيىن ئېلىپ ئىشلىتىدۇ.

دېمەك، يەرلىك سوپۇنلار يۇقىرىدەك نازۇك ئىش ھالقىلىرىدىن ئۆتۈپ ياسالغاچقا كىر يۇيۇشتىكى ئالاھىدىلىكىدىن باشقا، يەنە دورىلىق خۇسۇسىيىتىگىمۇ ئىگە دەپ قارىلىدۇ. خەلقىمىز قەدىمدىن تارتىپ تەمرەتكە، داغ، بەدەن قېتىشىپ قاسراق باغلاش، پۇت–قول يېرىلىش، قەۋزىيەت «ھەمەل قىلىش» قاتارلىق ئاغرىقلارغا بۇ خىل سوپۇنلارنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ، ناھايىتى زور ئۈنۈمىنى كۆرگەن. يۇقىرىقى يەرلىك ئۇسۇل بىلەن ياسالغان سوپۇنلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، قانچە كۆپ كىر يۇسىمۇ قول يېرىلىدىغان ئەكس تەسىرى يوق. بەلكى، يۈز، قول ۋە بەدەننى يۇمران، سىلىق قىلىش، تېرىنى پارقىرىتىش رولىغا ئىگە. كىرنى چىقىرىش نىسبىتى %98 ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا خەلقىمىز ئارىسىدا سوپۇنغا مۇناسىۋەتلىك «قارا قىز سوپۇنغا ئامراق»، «دۆتكە نەسىھەت كار قىلماس، قارىغا سوپۇن كار قىلماس» دېگەن ماقاللار تارقالغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#