جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قۇيۇش چارىسى

يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قۇيۇش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايوننىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قۇيۇش چارىسى 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتېتىنىڭ 29-يىغنىدا ماقۇللانغان، 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايوننىڭ جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇريىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قۇيۇش چارىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区中华人民 共和国道路交通安全法实施办法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2007-يىلى10-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ چارە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇننى يولغا قۇيۇش نىزامى»غا ئاساسەن، ئاپتۇنۇم  رايونمىزنىڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر، پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار، شۇنىڭدەك يول قاتناش پائاليىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇن ۋە شەخسىلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇننى يولغا قۇيۇش نىزامى»غا ۋە مۇشۇ چارىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. 

3-ماددا ناھىيە دەرجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمى ۋە يول قاتناش بىخەتەرلىكى بۇيىچە ئالدىنى ئېلىش مەسئۇليەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، شەھەر قۇرۇلۇشنىڭ قاتناشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرنى باھالىشى، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قۇيۇش ھەمدە يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە جەميەت ئامانلىقنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

4-ماددا ناھيە دەرجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بۇلىدۇ.

قاتناش، قۇرۇلۇش، شەھەر پىلانلاش، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار يول قاتنىشىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيتى بۇيىچە مەسئۇل بۇلىدۇ.

5-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيسىنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن-نىزاملارنى قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيسىىنى يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئورگان، قىسىم، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپى ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۆز ئادەملىرىگە بولغان قاتناش بخەتەرلىكى تەربيسى ۋە ئۆزگە تەۋە قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى بۇيىچە ئالدىنى ئېلىشى مەسئۇليەت تۈزۈمىنى ئەمەليىلەشتۈرۈشى كېرەك.

مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە مەكتەپلەر ئۇقۇغۇچىلارغا بولغان يول قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيسىنى كۈچەيتىپ، قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنى تەربىيلەش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

رادىئو، تېلۋۇزىيە، گىزىت-ژۇرنال، تور قاتارلىق ئاممۋىي تارقىتىش ۋاستىلىرى جامائەتكە بولغان قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيسىنى كۈچەيتىشى، قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت پاراۋانلىق ئېلانلىرىنى قەرەللك بېرىشى، يول قاتنىشى باشقۇرۇش تەدبىرى ۋە يول ئەھۋالى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلىمىشلارغا جامائەت پىكىرى نازارەتچىلىكىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.

6-ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخىس يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا، نەسھەت قىلىپ توسۇشقا ياكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا پاش قىلىشقا ھۇقۇقلۇق.

يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پۇقرالار، قانۇنى ئىگلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

2-باب قاتناش ۋاستىلىرى ۋە ھەيدىگۈچىلەر

7-ماددا ئاپتۇنۇم رايونمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە رۇيخەتكە ئالدۇرغان موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىدىن يولغا چىقىدىغانلىرى تۆۋەندىكى بەلگىلمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

(1) موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بەلگىلەنگەن ئۇرۇنغا نۇمۇر تاختىسىنى بىكتىش، تەتۈر ياكى دۈم بىكىتمەسلىك؛

(2) نۇمۇر تاختىسىغا قاتناش تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئۇچۇرىنى كۆرۈشكە توسالغۇ بولدىغان نەرسىلەرنى ئورناتماسلىق، پۈركۈمەسلىك ۋە چاپلىماسلىق؛

(3) ئېغىر ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى، يۇلۇچىلار ئاپتوموبىلى، يېرىم چاتما پىرتېسپلىق ئاپتۇمۇبىلنىڭ ئككى تەرەپتىكى ئىشىكىگە ئۇرۇننىڭ نامى، سېلىشقا رۇخسەت قىلىنىغان ئادەم سانى ۋە بىكتىلگەن  يۈك مىقدارىنى يېزىپ قۇيۇش؛

(4) ئېغىر ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ۋە ئۇنىڭ چاتما كۇزۇپى، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، تىراكتور ۋە ئۇنىڭ كۇزۇپىغا ياكى كۇزۇپ ئارقىسىغا نۇر قايتۇرۇش بەلگىسى چاپلاش؛ ئاپتوموبىل

(5) ئۈنۈملۈك ئوت ئۈچۈرگۈچ ۋە ئاپتوموبىلىدىن كاشلا چىقاندا ئىشلىتىدىغان، دۆلەت ئۆلچىمىگە توشدىغان نۇر قايتۇرۇش ئاگاھ بەلگىسىنى تەخلەش؛

(6) ئاپتوموبىلنىڭ ئىككى يان دېرىزسىسى ۋە ئالدى-كەينى دىېرىزسىگە شوپۇرنىڭ كۆرۈشىگە تۇسالغۇ بولدىغان خەت، رەسىملەرنى چاپلىماسلىق ۋە پۈركۈمەسلىك، نۇر قايتۇردىغان پارقىراق قەغەز ئىشلەتمەسلىك؛

(7) موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئېلان چاپلىغان ۋە پۈركۈگەندە، ئېلاننىڭ كۆلىمىنى ئاپتوموبىل ئاساسىي رەڭگى كۆلىمىنىڭ 50پىرسەنتىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك؛

(8) چىراغنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن قىلىپ ئورنىتىش، قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان چىراغلارنى قۇشۇپ ئورنىتىۋالماسلىق، ئۆزگەرتىۋالماسلىق؛

(9) قاتناشنى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ئۈسكۈنلىرىنىڭ نۇرمال ئىشلىشىگە كاشلا قىلىدىغان قورۇلمىلارنى ئورناتماسلىق ۋە ئىشلەتمەسلىك؛

(10) ساياھەت ئاپتوموبىلى، يۇلۇچىلار ئاپتوموبىلى، ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى، چاتما پىرتېسپلىق ئاپتوموبىل، خەتەرلىك خىمىيۋىي بۇيۇملارنى تۇشۇيدىغان ئاپتوموبىل، پۇقرالار پارتىلاتقۇچ بۇيۇملارنى تۇشۇيدىغان ئاپتوموبىلغا دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇساپە خاتىرلەش ئەسۋابى ئورنىتىش ۋە ئىشلىتىش.

رۇيخەتكە ئالدۇرۇلمىغان مۇتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىدىن يولغا چىقىدىغانلىرىغا ۋاقىتلىق نۇمۇر تاختىسى ئېلىش كېرەك.

ۋاقىتلىق نۇمۇر تاختىسىنىڭ كۈچكە ئگە مۇددتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 30كۈندىن ئاشمايدۇ.

8-ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىسىنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنى ياكى ئۇقۇش يېشغا توشمىغان بالىلارنى تۇشۇيدىغان ئاپتوموبىللىرى  ئاپتۇنۇم رايوننىڭ جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى، قاتناش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش بەلگىلمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە ئۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن مەخسۇس بەلگە پۈركۈلگەن ياكى ئورنىتىلغان بۇلۇشى، ئۇنىڭ شوپۇرى ھەيدەشكە روخسەت قىلىنغان مۇتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى 5يىلدىن ئارتۇق بىخەتەر ھەيدىگەن بۇلۇشى كېرەك. 

9-ماددا مۇتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە پرسېلانغان تەبئىي گاز يېقىلغۇ قۇرۇلمىسى ياكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گاز يېقىلغۇ قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىشتا، مۇتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆزگەرتىش ساپاسىغا ئىگە ھەمدە قانۇن بۇيىچە ئىجازەت ئالغان ئاپپاراتقا ئورناتقۇزۇش كېرەك.

رويخەتكە ئالدۇرغان مۇتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە پرسېلانغان تەبئىي گاز يېقىلغۇ قۇرۇلمىسى ياكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى يېقىلغۇ قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىدىغانلار تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ يېڭى سېتىۋالغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە پىرسلانغان تەبئى يېقىلغۇ گاز يېقىلغۇ قۇرۇلمىسى ياكى سۇيۇقدۇرۇلغان نېفىت گازى يېقىلغۇ قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىدىغانلار ئاۋۋال رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئاندىن تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك؛ تىزىم ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەشتە، ئاپتۇموبىل يېقىلغۇ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئاپپاراتنىڭ ئۆزگەرتكەنلىك لاياقەتنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىككى خىل يېقىلغۇلۇق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچىسىغا ئىككى خىل يېقىلغۇلۇق ئاپتۇموبىل دەپ يېزىپ قۇيۇش كېرەك. 

10-ماددا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشتە، قەرەلللىك تەكشۈرۈش مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاپتۇموبىل گازباكىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى دەپ ھېسابلىماسلىق كېرەك.

11-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ موتورىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئالماشتۇردىغان ئوخشاش تىپتىكى موتورنىڭ قۇۋۋىتى ئەسلىي موتور قۇۋۋىتىدىن %10ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. يېقىلغۇسى ئوخشاشمايدىغان موتورغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كوزۇپى ياكى رامىنى ئالماشتۇردىغانلار ئوخشاش تىپتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كوزوپى ياكى رامىغا ئالماشتۇرشى كېرەك.

12-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى رېمۇنىت قىلىدىغان ئورۇن رېمۇنت قىلىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك؛ تىزىم مەزمۇنى رېمۇنت قىلدۇرغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇرى، موتۇر نومۇرى، رام نومۇرى، بۇزۇلغان سىرىتقى قىسمى ۋە بۇزۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؛ خاتىرە ماتىريالىنى ئاز دىگەندە 6ئاي ساقلىشى كېرەك. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىنى رېمۇنىت قىلغۇچى ئورۇن رېمۇنىت قىلدۇرۇلدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋەقە تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن، ئوغۇرلانغان، بۇلانغان، قۇراشتۇرۇلغان قاتناش ۋاسىتىسىمىكىن دەپ گۇمان قىلسا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشى كېرەك.

13-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە، پىراۋىنىڭ رەسمى بىتى، قوشۇمچە بىتى، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر نومۇر خاتىرلەش كىنىشكىسى(كارتىسى)نى ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك.

14-ماددا توكلۇق ۋېلسىپىت، مېيىپلار موتورلۇق ھارۋىسى ۋە تىزىملىتىدىغان باشقا موتورسىز قاتناش ۋاستىللىرىنى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇچى تارمىقىغا تىزىملتىپ، كىنىشكە ئالغاندىن كېيىن يولغا چىقىش كېرەك.

3-باب يول قاتناش شارائىتى

15-ماددا يول باشقۇرغۇچى تارماق يولنىڭ دەرىجىىسى، قاتناش مىقدارى، بىخەتەرلىك ئەھۋالى ۋە قاتناش باشقۇرۇش ئىھتىياجىغا قاراپ، دۆلەتنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى ياكى قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە، يولغا مۇناسىپ قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرىنى ئورنۇتىشى، ئۇ ئوچۇق، كۆزگە چېلىقىدىغان، توغرا، بىجرىم بولۇشى كېرەك. سۈرئەت چەكلەش بەلگىلىسى ئورنىتىشتا، يولنىڭ خەتەرلىك دەرىجسى ۋە مۇھىت ئەھۋالىغا قاراپ، ئىلمىي دەلىللەش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش كېرەك.

16-ماددا يول باشقۇرغۇچى تارماق يولنىڭ قاتناش بەلگە چىرىغى ئورنىتىلمىغان ئۆتۈشۈش ئېغىزى، ئۆتۈشمە يولى، كىرىش-چىقىش ئېغىزىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە، شۇنىڭدەك ئادەم كۆپ ئۆتۈپ تۇرىدىغان يولغا ئۆلچەملىك ئاگاھ بەلگىسى، يول بېرىش بەلگىسى، بەلگە سىزىقى ۋە سۈرئەت ئاستىلىتىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىش كېرەك. يولنىڭ مەلۇم سەۋەبتىن ئاستا يۈرىدىغان بۆلىكىنىڭ ئالدى تەرپىدىكى مۇئەييەن ئارلىققا سۈرئەت چەكلەش بەلىگىسى ئورنىتىشى كېرەك. يول باشقۇرغۇچى تارماق جامائەت خەۋىبسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىك تارمىقىنىڭ پىكىرى بويىچە، ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدۇ دەپ بېكىتىلگەن يول بۆلىكىگە ئۆلچەملىك، بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەسى ئورنۇتىشى كېرەك.

17-ماددا يول باشقۇرغۇچى تارماق يولنىڭ كۆجۈم بازار ۋە بازاردىن كېسىپ ئۆتىدىغان بۆلىكى ياكى ئېغىزىغا يول بېرىش بەلگىسى ئورنىتىشى ياكى بەلگە سىزىقى سىزىشى كېرەك. يول باشقۇرغۇچى تارماق مەكتەپ، باللار باغچىسى، دوختۇرخانا، ياشانغانلار ساناتورىيىسىنىڭ ئالدىدىكى يول ۋە خەتەرلىك ئەھۋال ئاسان كۆرۈلدىغان باشقا يول بۆلەكلىرىگە قاتناش بەلگىسى قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئورنىتىشى كېرەك.

18-ماددا يېڭىدىن ياسىلىدىغان، ئۆزگەرتىلدىغان، كېڭەيتىلدىغان يولنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرنى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە يول بىلەن تەڭ لاھىيلەش، تەڭ ياساش، تەڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش ۋە ئىشلىتىشكە تەڭ تاپشۇرۇشى كېرەك. جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرنى لاھىيلەش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىشقا قاتنىشىشى كېرەك. تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرتۈشتىن ئۆتەلمىگەن يولنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ. يېزا كۆجۈم بازار، ئولتۇراق رايوندىكى يول ۋە شەخىسلەر ياكى تەشكىلاتلار ياسىغان، جەميەتتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىللىرىنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان باشقا يوللارغا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، قاتناش بەلگىسى، بەلگە سىزىقى قاتارلىق قاتناش بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى بويىچە ئورنىتىشى كېرەك.

19-ماددا شەھەر يوللىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى كېڭەيتىشتە موتورسىز، قاتناش ۋاستىللىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ بىخەتەر يۈرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، پىيادىلەر يولىنى موتورلۇق ۋە موتورسىز قاتناش ۋاسىتىللىرى يولى قىلۋالماسلىق، موتورسىز قاتناش ۋاستىللىرى يولنى موتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرى يولى قىلۋالماسلىق كېرەك. يول تار كىلىپ ياكى قاتناش مىقدارى تەكشى بولماي، يول يۈرۈش تەس بولغاندا، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتۇموبىل يوللىرىنى تەڭشىسە بولىدۇ.

20-ماددا شەھەر رايونىدىكى ئاممىۋى ئاپتۇموبىل توختىتىش مەيدانى(گاراژ)نىڭ قۇرلۇشىنى شەھەر ئومومى پىلانىغا كىرگۈزۈش ھەمدە ئۇنى شەھەر قۇرلۇشى ۋە شەھەر ئۆزگەرتىش بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىشى كېرەك. يېڭى سېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن، كېڭەيتىلگەن مەدىنيەت، تەنتەربىيە سارىيى(مەيدانى) قاتارلىق چوڭ(ئوتتۇرا) جامائەت ئىمارەتلىرى، شۇنىڭدەك سودا كوچىسى، ئاھالە رايونى، ساياھەت رايونىدا دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە ئاپتۇموبىل توختىتىش مەيدانى(گاراژ) سېلىش ۋە كۆپەيتىش كېرەك. شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇليەت تارمىقى تەستىقلاشتا، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇغۇچى تارمىقىدىن پىكىر ئېلىپ، يول قاتنىشى، بىخەتەر، راۋان بولۇش تەلپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى تەڭشىشى كېرەك. ئاپتۇموبىل توختىتىش مەيدانى(گاراژ)نى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىشتىن توختىتىشقا ياكى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

21-ماددا  شەھەر يولى بويىدا ماي پونكىتى، ئاپتۇموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ياساشتا، شەھەر پىلانلاش تارمىقى ئالدى بىلەن جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

22-ماددا شەھەر يولى دائىرىسىدە پىيادىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن، ئەمالار يولىنى، شۇنىڭدەك يانداش ئەسلىھەلەرنى ئىگىلىمىگەن ئەھۋالدا، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قۇرۇلۇش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىللىرى ۋە موتورسىز قاتناش ۋاستىللىنى توختىتىش ئورنىنى ئاجراتسا، توختىتىش ۋاقتىغا چەك قويسا بولىدۇ. جىدىدي ئەھۋال كۆرۈلگەندە ياكى چوڭ ئاممىۋى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەندە، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇغۇچى تارمىقى ۋاقىتلىق ئاپتۇموبىل توختىتىش ئورننى بېكىتسە ياكى ئۇنى ئىشلىىتىشنى ۋاقتىنچە توختاتسا بولىدۇ. باشقا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ يولغا ئاپتۇموبىل توختىتىش ئورنىنى ياسىشىغا، ئىگىلىۋېلىشىغا، يوق قىلۋىتىشگە يول قويۇلمايدۇ.

23-ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى يول قاتناش ئەھۋالىغا قاراپ، شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونىغا كىرىدىغان چوڭ يۈك ئاپتۇموبىلى، موتسىكلىت، ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىت ۋە موتورلۇق ئۈچ چاقلىق قاتناش ۋاسىتىنىڭ ئومۇمىي سانى ياكى ۋاقتىغا چەك قويسا بولىدۇ، چەك قويۇش مەزمۇنى ئىسپات ئاڭلىغاندىن كىيىن بىكىتىش ۋە ئېلان قىلىشى كېرەك.

24-ماددا كوچا ئاپتۇبوسى، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتۇبوسىنىڭ شەھەر يولىدىكى يۈرۈش لىنىيىسىنى ۋە بېكەتلىرىنى بېكىتىش ياكى تەڭشەشتە، ئالاقىدار تارماق تەستىقلاشتىن ئاۋۋال، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

25-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇغۇچى تارمىقى ۋە شەھەر يولۇچىلار تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ئەھۋالىغا قاراپ، شەھەر يوللىرنىڭ توختاش مەنئى قىلنغان بۆلىكىدە كىرا ئاپتۇموبىلى ۋاقىتلىق توختايدىغان بېكەت(نوقتا)نى بىرلىكتە بېكىتىپ، كىرا ئاپتۇموبىلىنىڭ يولۇچىلارنى سېلىش-چۈشۈرۈشىگە قۇلايلىق يارتىپ بېرىشى كېرەك. كىرا ئاپتۇموبىلى ۋاقىتلىق توختايدىغان بېكەت(نوقتا) بار يوللاردا كىرا ئاپتۇموبىلىنىڭ بېكەت(نوقتا)تىن باشقا جايدا توختىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ. جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى شەھەرنىڭ قاتناش ئەھۋالىغا قاراپ، ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى، بالىلار باغچسىنىڭ ئوقۇتۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنى توشۇيدىغان ئاپتۇموبىللىرىغا بېكەت بەلگىلەپ بېرىشى ياكى توختىتش ئورنى كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك. بېكەت(نوقتا) بار بولسا، بېكەت(نوقتا)تىن باشقا جايدا توختىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

4-باب يول يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمە

26-ماددا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر ئۆز يولىدا مېڭىش كېرەك. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى، موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى ۋە پىيادىلەر يولى ئايرىلمىغان يولدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرى يولىنىڭ ئوتتۇرسىدا مېڭىشى كېرەك. يولنىڭ كەڭلىكى 7مىتىردىن ئارتۇق بولسا، يولنىڭ ئوڭ تەرپىدىكى گىرۋەك سىزىقتىدىن (يول ياقىسى بۇنىڭ سىرتىدا) باشلاپ، پىيادىلەر 1مىتىر دائىرىسىدە، ۋېلسىپىت، مېيىپلار موتورلۇق ھارۋىسى، توكلۇق ۋېلسىپىت 1.5مىتىر دائىرىدە، ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىت ۋە قوي ھارۋىسى 2.2 مىتىر دائىرىسىدە، ئۇلاغ ھارۋىسى 2.6 مىتىر دائىرىسىدە مېڭىشى كېرەك. يولنىڭ كەڭلىكى 7مىتىرغا يەتمىسە، موتورسىز قاتناش ۋستىللىرى ئوڭ تەرەپتە، پىيادىلەر يول چېتىدە مېڭىشى كېرەك.

27-ماددا بىر يۆنىلىشتە ئىككىدىن ئارتۇق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى بولسا، كوچا ئاپتۇبۇسى، ئاستا سۈرئەتلىك يۈك ئاپتۇموبىلى، ئۈچ چاقلىق ئاپتۇموبىل، تىراكتۇر، چاقلىق مەخسۇس ماشىنا ۋە موتسىكلىتلار ئەڭ چەتتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا مېڭىشى كېرەك. لىكىن يول ئېغىزىدا، يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى بولسا، يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى بويىچە مېڭىش كېرەك.

28-ماددا باشقا يولغا كىرىپ ماڭغان ئاپتۇموبىللار شۇ يولدا نورمال ماڭىدىغان قاتناش ۋاسىتىسى ياكى پىيادىلەرگە يول بېرىشى كېرەك. پىيادىلەر ئۆزى ماڭىدىغان يول ئىگىلىنىۋېلىپ، نورمال مېڭىشقا ئامالسىز قالسا، توسۇلۇپ قالغان يولنىڭ يېنىدىكى ئاپتۇموبىل يولىدا ماڭسا بولىدۇ، توسۇلۇپ قالغان يولدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن، دەرھال پىيادىلەر يولىغا كىرۋېلىشى كېرەك. قاتناش ۋاسىتىسى بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىشى كېرەك.

29-ماددا  موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بېزنىدسى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە بېجىرىم بولۇشى كېرەك، موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى يول يۈرەگەندە، ھەيدىگۈچىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار بەلگلىمە بويىچە بېزىندە تاقۋېلىشى كېرەك. ھەيدىگۈچىلەر بېزىندىنى تاقۋېلىشىنى قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ سەمگە سېلىپ قۇيۇشى كېرەك.

30-ماددا قاتناش ۋاسىتىسى تۆمۈر يول ئېغزىدىن ئۆتۈشتە، تۆۋەندىكى  بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:

1-يول ئېغزىدىكى توسۇق چۈشۈرۈلگەن، سىگىنال بېرىلگەن ياكى يول ئېغزىدىكى باشقۇرغۇچى پويىزنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن بەلگە بەرگەندە، ئاپتۇموبىل توختىتىش سىزىقى سىرتىدا سەپ بۇلۇپ تۇرۇش؛ توختىتىش سېزىقى بولمىسا، رېلسىتىن 5مىتىر يېراقتا تۇرۇش؛

2-قارغۇچىسى يوق يول ئېغزىدىن ئۆتۈشتە ئاپتۇموبىلنى توختتىپ ياكى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، بىخەتەر ئىكەنلىكنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئۆتۈش؛

31-ماددا موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شەھەر يولىدا چەكتىن ئاشقان، پارچىلىغىلى بولمايدىغان يۈكنى تۇشۇشتا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى بېكىتكەن ۋاقىت، لىنيە ۋە سۈرئەت بۇيىچە يۈرۈشى ھەمدە ئېنىق بەلگە ئېسىشى كېرەك. قانۇن-نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە شۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

32-ماددا يولدا قاتناش ۋاسىتىسىدىن چاتاق چىقىپ ياكى قاتناش ھادىسى كۆرۈلۈپ، چاتاقنى تۈگتىش ياكى بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈشكە توغرا كەلسە، ھەيدىگۈچىلەر دەرھال سىگنال چىرغىنى ياندۇرۇپ قۇيۇشى ھەمدە ئاپتۇموبىل كەلگەن يۆنلىشكە قارتىپ دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نۇر قايتۇرۇدىغان كاشلا ئاگاھ بەلگىسنى قۇيۇپ قۇيۇشى كېرەك.

تاش، ياغاچ قاتارلىق تۇسۇقلارنى ئاگاھ بەلگىسى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

33-ماددا يولغا كىرىدىغان، يولدىن چىقىدىغان ياكى يولنى كېسىپ ئۆتىدىغان موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولدا نۇرمال كېتىۋاتقان قاتناش ۋاستىلىرىگە ۋە پىايدىلەرگە يول بېرىشى كېرەك. ئاساسلىق يول، قوشۇمچە يول ئايرىلغان يوللاردا ئاساسلىق يولغا كېرۋاتقان موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئارقىلىق يولدا كېتىۋاتقان ياكى ئاساسلىق يولدىن چىقۋاتقان موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە يول بېرىشى، قوشۇمچە يولدا كېتىۋاتقان موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە يول بېرىشى كېرەك. 

موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىيادىلەر توغرا يولغا كەلگەندە ئۆتۋاتقان پىيادىلەرگە يول بېرىشى كىېرەك؛ قاتناش سىگىنالى بولمىغان يولدىن پىيادىلەر كېسىپ ئۆتۋاتقاندا ياكى ھەيدىگۈچى  موتۇرسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىتتىرىپ موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولدىن كېسىپ ئۆتۋاتقاندا، شۇ يولدىكى موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى توختاپ يول بېرىشى كېرەك.

34-ماددا موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولدا توختاپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە كېتىۋاتقان يۆنلىشىنىڭ ئوڭ تەرپىدىكى ئالدى-كەينى چاقنىڭ يول گىرۋەك سىزىقى (گىرۋەك تاش) بىلەن بولغان ئارقىلىنى 0.3مېتىردىن ئاشۇرۋەتمەسلىك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىگنال چىرغىنى ياندۇرۇپ قۇيۇشى كېرەك.

35-ماددا  موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ئورۇن قورۇسى، ئاھالە ئولتۇراق رايونى ئىچىدە ھەيدىگەندە، سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىگە قاراپ ھەيدەش، پىيادىلەرگە يول بېرىش؛ سۈرئەت چەكلەش  بەلگىسى بولمىسا، سۈرئەتنى سائىتىگە 15كىلومىتىردىن ئاشۇرۋەتمەسلىك كېرەك.

36-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتنى 30كىلومىتىردىن ئاشۇۋېتىشكە بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تىراكتور، ئاككومولياتۇرلۇق ئاپتوموبىل، چاقلىق مەخسۇس ماشىنىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 15كىلومىتىردىن ئاشۇرۋېتىشكە بولمايدۇ.

(1) موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولغا كىرگەن-چىققاندا، تۆمۈر يول ئېغزى، جددىي ئايلانما يول، تار يول، تار كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە؛

(2) ئارقىغا بۇرۇلغان، ئايلىنىۋاتقان، تىك داۋاندىن چۈشۈۋاتقاندا؛

(3) تۇمان، قار-يامغۇر، قۇم-بۇران، مۆلدۈرگە يۇلۇقۇپ، كۆرۈش دەرجىسى 50مېتىرغا يەتمىگەندە؛

(4) قار-مۇزلۇق، پاتقاق يولدا كېتىۋاتقاندا؛

(5) چاتاق چىققان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرەپ كېتىۋاتقاندا.

37-ماددا كوچا ئاپتۇمبۇسىنى بېكەتكە ھەيدەپ كىرىش-توختىتشتا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك؛

38-ماددا موتۇرسىز قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەندە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك:

(1) قاتناش سىگنال چىرغى ئورنىتىلغان كېسىشمە يول ئېغزىدىن ئۆتكەندە، قاتناش سىگنال كۆرسەتكۈچى بۇيىچە مېڭىش، توختاش سىگنالى بېرىلگەندە توختاپ تۇرۇش، يول ئېغىزى سېرتىدىن ئەگىپ ئۆتمەسلىك؛ 

(2) شەھەر ئىچىدىكى تېز سۈرئەتلىك يولغا ياكى ئېتىۋېتىلگەن باشقا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى مەخسۇس يولغا كىرۋالماسلىق.

(3) پىيادىلەر توغرا يولىغا كەلگەندە، پىيادىلەرگە يول بېرىش؛

(4) پىيادىلەر بىلەن ئارلىشىپ ماڭدىغان يولدا پىيادىلەرگە يول بېرىش؛

(5) قاتناش ۋاسىتىسى يولدا توختىۋالماسلىق ياكى ياندىشىپ ماڭماسلىق؛

(6) ۋېلسىپىت مىنگەندە، بويى 1.1مېتىردىن ئاشىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ياكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنى ئېلۋالماسلىق

(7) ۋېلىسىپت رولىغا نەرسە-كېرەك ئېسىۋالماسلىق.

(8) مېيىپلار موتۇرلۇق ھارۋىسىنى ھەيدىگەندە، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى بەرگەن مېيىپلار موتۇرلۇق ھارۋىسىنى ھەيدەش پراۋىسىنى يېنىدا  ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك؛ مېيىپلار موتورلۇق ھارۋىسىنى ھەيدىگەندە، ئادەم ئېلۋالسا بولمايدۇ، لېكىن  2-دەرجىلىكتىن يۇقىرى ئېغىر مېيىپلارنىڭ مېيىپلار موتۇرلۇق ھارۋىسى ھەيدەپ چىققاندا قارىغۇچىدىن بىرنى ئېلىۋېلىشفا رۇخسەت قىلىنىدۇ، 15كىلوگىرامدىن ئارتۇق يۈك ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

39-ماددا  پىيادىلەر يولدا تۆۋەندىكى بەلگىلمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:

(1) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولدا ئاپتۇموبىل تۇسۇش، نەرسە-كېرەك سېتىش-تارقىتىش ۋە تىلەمچىلىك قىلىشتەك قاتناش بىخەتەرلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەركەتلەرنى قىلماسلىق؛

(2) شەھەردىكى تېز سۈرئەتلىك يوللارغا ۋە توسۇقلۇق باشقا موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەخسۇس يولغا كىرۋالماسلىق؛

(3) موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ مېڭىشىغا سىگنال بېرىلگەندە، يول ئېغىزىغا كىرۋالماسلىق.

40-ماددا  قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار تۆۋەندىكى بەلگىلمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:

(1) كوچا ئاپتۇمبۇسفا ياكى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرغۇچىلار بېكەت سۇپسى ياكى كۆرسىتىلگەن جايدا رەت بۇيىچە ساقلاپ تۇرۇپ، ئاپتۇبۇس توختاپ، چۈشىدىغانلار چۈشۈپ بولغاندا چىقىش؛

(2) قاتناش ۋاسىتىسى توختىمىغۇچە ئىشكنى ئاچماسلىق، چىقماسلىق-چۈشمەسلىك؛ ئىشىك ئېچىلغاندا باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە دەخلى قىلماسلىق؛

(3) ھەيدىگۈچىنىڭ بىخەتەر ھەيدىشىگە دەخلى قىلماسلىق.

5-باب يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە

41-ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە شەھەردىكى تېز سۈرئەتلىك يول باشقۇرۇش ئاپپاراتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول شەھەرلەردىكى تىز سۈرئەتلىك يوللارنىڭ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرنىڭ تۇلۇق، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

42-ماددا  يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇتقۇزۇش ئاپتۇموبىلى، تۇسالغۇ تازىلاش ئاپتۇموبىلى، يول ئاسراش ئاپتۇموبىلىغا ئۆلچەم بۇيىچە ئاگاھ چېرىغى بېكىتىش كېرەك، قۇتقۇزۇش، تۇسالغۇ تازىلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا  قىلغان ياكى ئاسراش مەشفۇلاتى قىلغاندا، ئاگاھ چېرىغى ۋە خەتەر سىگىنال چېرىغىنى ياندۇرۇپ قۇيۇش كېرەك.

43-ماددا تەبئىي ئاپەت، ناچار ھاۋا رايى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ياكى قاتناش ھادىسى قاتارلىق قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە، يۇقىرى  سۈرئەتلىك تاشيول ۋە شەھەردىكى تېز سۈرئەتلىك يول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئەھۋالىدىن بىر-بىرنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈش كېرەك ؛ جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى سۈرئەتنى چەكلەش، يولنى تەڭشەش، قاتناشنى توختىتىپ تۇرۇش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيونى تاقاش قاتارلىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانىسا بۇلىدۇ. قاتناش باشقۇرۇش تەدبىرى قوللانغاندا، قاتناش بەلگىسى قۇيۇش ياكى ئېلان چىقىرىش كېرەك.

44-ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قۇرۇلۇش قىلىدىغان، رىېمۇنىت، ئاسراش مەشفۇلاتى قىلىدىغان ئۇرۇنلار دائىملىق رېمۇنىت قىلىش، ئاسراشتىن باشقا، تەستىقلانغان ۋاقىت، ئورۇن ۋە دائىردە مەشفۇلات قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:

(1) مەشفۇلات نۇقتىسىدىن ئاپتوموبىل كېلىدىغان يۆنىلىشىتىكى 1000مېتىر، 500مېتىر، 300مېتىر، 100مېتىر كېلىدىغان جايغا ئېنىق  ئاگاھ بەلگىسى قۇيۇش، كېچىسى قىزىل ئاگاھ چېرىغى ياندۇرۇپ قۇيۇش؛

(2) مەشفۇلاتچىلار نۇر قايتۇرىدىغان كېيىم-كىيىش، ئاپتۇموبىل يولىغا كېسىپ ئۆتكەندە، قاتناش ۋاسىتىسىگە يول بېرىش.

45-ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە شەھەردىكى تېز سۈرئەتلىك يولدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسى نەخ مەيداننى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە شەھەردىكى تېز سۈرئەتلىك يول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋاقتىدا تازىلايدۇ. تازلىغاندا، يول قۇرۇلۇشى مەشفۇلاتىغا دائىر بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

6-باب قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش

46-ماددا ھەر دەرجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قاتناش ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى ئازايتىپ، يول قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، تەبئىي ئاپەت، ناچار ھاۋا رايى ۋە يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لاھىيسىنى تۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىشى كېرەك.

جامائەت خەۋىپسىزلىكى، قاتناش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى، مۇھىت ئاسراش، سەھىيە تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ كونكرېت يولغا قۇيۇش لايىھىسنى جددىي تاقابىل تۇرۇش لاھىيسى بۇيىچە تۈزۈشى كېرەك.

جىددىي تاقابىل تۇرۇش لاھىيسىدە بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ئالاقىدار  تارماقلار جىددىي تاقابىل تۇرۇش لاھيسىنى دەرھال يولغا قۇيۇپ، ئۆز-ئارا ماسلىشىشى ھەمدە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.

47-ماددا ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قاتناش بىخەتەرلىكى بۇيىچە ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپورلىرىنى تەربىيلەش، سىناش ۋە مۇكاپاتلاش – جازالاش تۈزۈمى، شۇنىڭدەك ئۆزىگە تەۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىش، ئاسراش، رىمۇنىت قىلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك . كەسپى ترانسىپورىت ئۇرۇنلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى مەسئۇلى شۇ ئۇرۇننىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بۇلۇشى، مەخسۇس ۋە قۇشۇمچە ۋەزىپە  ئۆتەيدىغان قاتناش بىخەتەرلىك خىزمىتى ئاپپاراتى قۇرۇشى ياكى خادىم قۇيۇشى، يول قاتناش بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىشى كېرەك.

جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يول قاتناش بىخەتەرلىكى بۇيىچە ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قەرەللىك نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.

48-ماددا   جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئېغىر تالاپەت كۆرۈلۈش ۋە خەتەرلىك خىميىۋى بۇيۇملار، رادىئۇئاكتىپلىق بۇيۇملار ئېقىپ كېتىش قاتارلىق تەسىرى ئېغىر قاتناش ھادىسى مەلۇماتىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قۇللىنىشى ھەمدە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك . دوكلاتنى تاپشۇرۋالغان خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋىپسىزلىكى، قاتناش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى، مۇھىت ئاسراش، سەھىيە قاتارلىق تارماقلاردىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى نەق مەيدانغا بېرىپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا دەرھال تەشكللىشى كېرەك.

49-ماددا  داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپپاراتى قاتناش ھادىسسىدە يارلانغانلارنى قۇتقۇزۇش ئىلتىماسى ياكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ئۇقتۇرشىنى تاپشۇرۋالغان ھامان جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتومبولى ۋە تېببى خادىملارنى ئەۋەتىپ، نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى كېرەك . قاتناش ھادىسسىدە يارلانغانلىرىدىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا توغرا كەلگەنلىرىنى داۋالاش ئاپپاراتى ھەر قانداق سەۋەپ بىلەن باشقىلارغا ئىتتىرسە ۋە رەت قىلسا بولمايدۇ.

50-ماددا   ھەيدىگۈچىلەردىن قاتناش ھادىسسى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتكەنلىرنى  قاتناش ۋاسىتىسى تەۋە ئۇرۇننىڭ مەسئۇلى، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسى ياكى رېمۇنىت قىلغۇچى، زاپچاس ساتقۇچى ئۇرۇن ۋە داۋالاش ئاپپارتىنىڭ خادىمى قاتارلىق ئەھۋالنى بىلىدىغان باشقا كىشلەر جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا ۋاقىتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك .

51-ماددا  جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ھادىسىنى تەكشۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، يولىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى (گاراژ) ۋە باشقا ئالاقىدار ئۇرۇنلار خاتىرلىگەن، نازارەت قىلغان ئاپتومبىلغا دائىر ئۇچۇرلار، قاتناش ھادىسدىكى ئالاقىدارلارنىڭ تېلفۇن ئالاقە ئۇچۇرىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار ۋە قاتناش ھادىسدە يارلانغانلارنىڭ ئەھۋالى، ھاۋا رايى قاتارلىق ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنى قانۇن بۇيچە كۆرسە ياكى كۆپەيتىۋالسا بۇلىدۇ ، ئالاقىدار ئۇرۇنلار ۋاختىدا بېرىشى كېرەك.

52-ماددا  قاتناش ھادىسى يۈز بەرگەن نەق مەيدان تەكشۈرلۈپ بولغاندىن كىيىن، ئالاقىدارلار جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەشكىللىشىدە، قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناشقا دەخلى قىلمايدىغان جايغا تەلەپ بۇيىچە ۋاختىدا يۆتكىشى كېرەك .

ئالاقىدار بويسۇنمىسا ۋە ئۇنىڭغا قۇربى يەتمىسە ياكى قاتناشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان جىددىي ئەھۋال كۈرۈلسە، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تەدبىر قوللىنىپ، قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناشقا دەخلى قىلمايدىغان جايغا ۋاختىدا يۆتكىۋەتسە بۇلىدۇ، خىراجىتىنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسى ياكى ھەيدىگۈچىسى چىقىرىدۇ .

53-ماددا  ئالاقىدارلار بەلگىلىمە بۇيىچە كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلغان، جىسمانىي تالاپەت كۆرۈلمىگەن قاتناش ھادىسى ياكى ئۆزىنىڭلا قاتناش ۋاسىتىسى زىيانغا ئۇچىرغان بىر تەرەپلىك قاتناش ھادىسسىدە، ماددىي زىيان قىممىتى 2000 يۈەندىن تۆۋەن بولسا، دەرھال نەق مەيداندىن كېتىشى ھەمدە سۇغۇرتا شىركىتگە مەلۇم قىلىشى ۋە زىياننى بېكىتىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم. ئالاقىدار جامائەت خەۋىپسزلكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلسا ئۇلار بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

54-ماددا ئالاقىدارلاردىن جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ زىيان تۆلىمىنى مۇرەسسە قىلىپ قۇيۇشىنى بىرلىكتە تەلەپ قىلدىغانلىرى يازما ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى بېرىشى كېرەك. ئىلتىماسقا كونكىرىت تۆلەم تەلىپى ۋە ئاساسىنى يېزىشى كېرەك. جامائەت خەۋىپسىزلىكى  قاتناش باشقۇرۇش ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ، 3 ئىش كۈنى ئىچىدە قۇبۇل قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇختۇرشى لازىم.

55-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەمۇرىيى باشقۇرۇش تارمىقىغا قاراشلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتى تراكتورلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشىقا مەسئۇل بۇلىدۇ ھەمدە يېزا يولىدىن تۆۋەن (يېزا يولى بۇنىڭغا كىرمەيدۇ) يولدا، شۇنىڭدەك يېزلاردىكى باشقا مەشفۇلات سورۇنلىرىدا تىراكتور پەيدا قىلغان ھادىسلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

7-باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش

56-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ساقچىلىرىغا كەسپىي ئەخلاق تەربىيسى، قانۇنچىلىق تەربىيسى بېرىشى ۋە ئۇلارنى قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كەسپى بۇيىچە تەربىيلىشى ۋە سىنىشى كېرەك. قاتناش ساقچىلاردىن سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

57-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىللىرى مەسئۇليىتىنى قانۇن بۇيىچە ئادا قىلىشى، قانۇنىنى قاتتىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشى، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزاملارغا نەمۇنلىك بىلەن رىئايە قىلىشى كېرەك. قانۇن ئىجرا قىلىشتا ھوقۇقدىن ھالقىشىغا، مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلىشفا، جازانىڭ تۈرى ۋە دەرىجىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشگە يول قويۇلمايدۇ.

58-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئىش تۈزۈمى، ئىش تەرتىپىنى ئاشكارلىشى، قانۇن ئىجراسىنىڭ سۈپتىنى تەكشۈرۈش، باھالاش تۈزۈمى، قانۇن ئىجراسى مەسئۇليەت تۈزۈمى ۋە قانۇن ئىجراسىدىكى خاتالىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش پائاليىتىنى نازارەت قىلىپ چەكلەشنى كۈچەيتىپ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلىمىشلار ياكى نامۇۋاپىق قىلىمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىشى كېرك.

59-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى جەمئىيەتكە پاش قىلىش تېلىفۇنىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەرىز-شىكايىتىنى قۇبۇل قىلىشى، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى، جەمئيەت ۋە پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىماسلىق، قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلىمىشلىرى ئۈستىدە ئەرىز-شىكايەت قىلىشقا ھۆقۇقلۇق . ئەرىز – شىكايەتنى تاپشۇرۋالغان ئورگان مەسئۇليىتى بۇيىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ۋە نەتىجىسىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

60-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناشنى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش خاتىرسىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن قاتناشقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تور، ئاخبارات ۋاستىلىرى قاتارلىق ئەپچىل يول بىلەن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، پۇقرالارنىڭ كۆرۈشىگە قۇلايلىق يارتىپ بېرىشى كېرەك.

61-ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكى ياردەمچىلىرى قاتناش ساقچىلىرىغا ھەمكارلىشىپ يول قاتناش تەرتىپىنى ساقلىسا، يول قاتنىشىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلىمىشلارنى نەسىھەت قىلىپ توسسا بۇلىدۇ، لېكىن، قاتناش ساقچىسىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھۇقۇقىنى يۈرگۈزسسە بولمايدۇ. 

62-ماددا ھەر قانداق ئورۇن جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا جەرىمانە ۋەزىپىسىنى چۈشۈرسە، قايتۇرۇش نېسبىتىنى بېكىتسە بولمايدۇ؛ جامائەت خەۋىپسزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ئالغان جەرىمانە سوممىسىنى قاتناش ساقچىلىرىنى سىناپ تەكشۈرۈشىنىڭ ئۆلچىمى قىلىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.

جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى مۇشۇ چارە بۇيىچە ئالغان جەرىمانە، شۇنىڭدەك مۇسادىرە قىلغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى دۆلەت خەزىنىسىگە تۇلۇق تاپشۇرۇشى كېرك.

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

63-ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە بۇ چارىدىكى بەلگىلىمگە خىلاپلىق قىلغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قۇيۇش نىزامى» ۋە بۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جازا بېرىلىدۇ، جەرىمانە سوممىسى مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن بولسا، مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن ئۆلچەم ئىجرا قىلىنىدۇ. 

64-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاختىدا تۈزۈتىشى ھەمدە قانۇن بۇيىچە جازالىشى كېرەك . قىلمىشى يېنىك بۇلۇپ يول قاتنىشىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن بولسا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى كۆرستىپ بېرىپ، ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن قۇيۇۋەتسە بۇلىدۇ.

65-ماددا پىيادىلەرنىڭ تۆۋەندىكى قىلىمىشلانىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى بەش يۈەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ:

(1) قاتناش سىگنالى كۆرسەتكۈچىگە قارىماي ماڭغانلار؛

(2) پىيادىلەر يولىدا ماڭمىغان ياكى بەلگىلىمە بويىچە يول ياقىسىدا ماڭمىغانلار؛

(3) پىيادىلەر توغرا يولى كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەلىرى بار يولدىكى ئېغىزدىن ئۆتۈشتە ياكى كېسىپ ئۆتۈشتە پىيادىلەر توغرا يولدا  ياكى كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسىدە ماڭمىغانلار؛

(4) يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇ-نىزاملاردىن يول يۈرۈشكە ئائىت باشقا بەلگىلىملەرگە خىلاپلىق قىلغانلار،

66-ماددا پىيادىلەردىن تۆۋەندىكى قىلىمىشلانىڭ بىرنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 10يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنمىغانلار؛

(2) يول ئايرىش ئەسلىھەلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتكەن، ئۇنىڭغا ئولتۇرۋالغانلار؛

(3) يولدا سىيرىلىپ مېڭىش قوراللىرى بىلەن ماڭغانلار؛

(4) مۇشۇ چارىنىڭ 39-ماددسىنىڭ (1)، (3) تارماقچىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار.

67-ماددا  پىيادىلەردىن تۆۋەندىكى قىلىمشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 50يۈەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ:

(1) مۇشۇ چارىنىڭ 39-ماددسىنىڭ (2)تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(2) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا ئولتۇرۋالغان، يېتىۋالغان، تۇرۋالغان ۋە ئوينىشىپ يۈرگەنلەر؛

(3) يولىدا ئاپتۇموبىلىنى قوغلىغان ياكى ئاپتۇموبىلىغا بىر نەرسە ئاتقانلار؛

(4) تۆمۈر يول ئېغزىدىن ئۆتۈشتە سىگنال چىرىفىغا قارمىغانلار ياكى باشقۇرغۇچىنىڭ قۇماندانلىقغا بويسۇنمىغانلار 

68-ماددا قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى قىلىمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرلىدۇ ياكى 10يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(1) موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سول تەرپىدىن چىققان ۋە چۈشكەنلەر؛

(2)  ئاپتۇموبىل ئىشكىنى ئېچىش-يېپىشتا باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرگە دەخلى قىلغانلار؛

(3) 2چاقىلىق موتسىكلىتتا ئالدىغا قاراپ ئولتۇرمىغانلار. 

69-ماددا قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى قىلىمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرلىدۇ ياكى 20يۈەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ:

(1) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدىنىقى رەتتىكى ئوروندۇقدا ئولتۇرغاندا بېزىندە تاقمىغانلار؛

(2) ئاپتۇموبىل سىرتىغا بىر نەرسە تاشلىغانلار؛

(3) موتسىكلىت مىنگەندە بىخەتەرلىك قالپىقىنى كىيمىگەنلەر؛

(4) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە كېتىۋېتىپ، بەدىننىڭ ھەر قانداق بىر قېسىمىنى سىرتىقا چىققانلارغا ياكى قاتناش ۋاسىتىسىدىن سەكرىگەنلەر.

70-ماددا قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 50يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(1) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدىنقى رەتتىكى ئورۇندۇقدا ئولتۇرغاندا بېزىندە تاقمىغانلار؛

(2) ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ ماڭغانلار؛

(3) ھەيدىگۈچىنىڭ بىخەتەر ھەيدىشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر ؛

71-ماددا موتۇرسىز قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بېرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدۇ ياكى 10يۈەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ؛

(1) موتۇرسىز قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەشنى يولدا ئۆگەنگەنلەر؛

(2) موشۇ چارىنىڭ 38-ماددىسىنىڭ (3)،(4)،(6)،(7)،(8) تارماقچىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىمىغانلار؛

(3) يۈك ئېلىپ مېڭىشقا دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(4) قاتناش سىگنالى چىرغى ۋە قاتناش ساقچىسى بولمىغان لېكىن قاتناش بەلگىسى ۋە بەلگە سىزىقى بار كېسىشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتۈشتە يول بېرشكە تېگىشلىكلەر يول بەرمىگەنلەر،

(5) موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى يولدىن  ۋېلىسىپىتلىق، توكلۇق ۋېلسىپىتلىق ۋە ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتلىق كېسىپ ئۆتكەنلەر؛

(6) بەلگىلەنگەن جايغا توختاتمىغان ياكى توختاتقاندا  باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرشىگە دەخلى قىلغانلار.

(7) يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن-نىزاملاردىكى يول يۈرۈشكە ئائىت باشقا بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلار.

72-ماددا موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بېرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 20يۈەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ:

(1) قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرتۋالغان، ئارتىلۋالغان ياكى باشقا قاتناش ۋاسىتىسىگە سۆرتىۋالغانلار؛

(2) رولىنى تۇتماي ھەيدىگەن ياكى قولىدا بىر نەرسە ئېلۋالغانلار؛

(3) مۇشۇ چارىنىڭ 38-ماددسىنىڭ(1)،(5) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(4) بۇرۇلغاندا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىمىغانلار.

73-ماددا موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 30يۈەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ:

(1) يول يۈرگەندە ئوڭ تەرەپتە مېڭىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(2) مەخسۇس ئاپتۇموبىل يولىغا كىرۋالغانلار؛

(3) مېيىپلار موتورلۇق ھارۋىسى ۋە توكلۇق ۋېلىسىپىت بىلەن موتۇرسىز قاتناش ۋاستىلىرى يولدا ماڭغاندا سائەتلىك سۈرئىتىنى 15كىلومىتىردىن ئاشۇرۋەتكەنلەر؛

(4) پۇتى ساق مېيىپلاردىن مېيىپلار موتۇرلۇق ھارۋىسىنى ھەيدىگەنلەر؛

(5) بۇرۇلغاندا  ئۇدۇل كېلىۋاتقان ئاپتۇموبىل ۋە پىايدىلەرگە يول بەرمىگەنلەر؛

(6) ياندىشىپ ماڭغان، قوغلىشىپ ماڭغان ياكى ئەگرى-بۈگرى ماڭغانلار.

74-ماددا موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەردىن  تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 50يۈەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ:

(1) مەست ھەيدىگەنلەر؛

(2) ۋېلسىپت ۋە ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتقا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېنىرگىيە قۇرۇلمىسى ئورنىتىۋالغانلار؛

(3) مۇشۇ چارىنىڭ 38-ماددسىنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى بەلگىلمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(4) نۇمۇر تاختىسى ئېسىشتا بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(5) يول ئېغزىدىن ئۆتۈشتە، ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغزىنىڭ تۇسۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ مېڭىۋەرگەنلەر؛

75-ماددا ئۇلاغ ھارۋىسى ھەيدەپ يولغا چىققانلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا  ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 10يۈەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ:

(1) يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش بەلگىلمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(2) ھاراق ئېچىپ ھەيدىگەنلەر:

(3) ئۇلاغ ھارۋىسىنى ياندىشىپ ھەيدىگەن ياكى ھارۋا  بىلەن بىللە ماڭمغانلار؛

(4) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يانداپ ئۆتكەنلەر؛

(5) كۆندۇرۇلمىگەن ئۇلاغنى ھارۋىغا قاتقانلار؛

(6) ھارۋىنى توختاتقاندا  تورمۇزلىمىغان ياكى ئۇلاغنى باغلىمغانلار؛

(7) ئۇلاغ ھارۋىسىنى يولدىن ئۆتكۈزۈشتە، يېتىلەپ ئۆتكۈزۈش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(8) 16ياشقا توشماي تۇرۇپ، يولدا  ئۇلاغ ھارۋىسى ھەيدىگەنلەر؛ 

( 9) يۈك ئېلىپ مېڭىشقا دائىر بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

76-ماددا موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر تۈۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 20يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(1) ماڭغاندا ئىشىك ۋە كوزۇپىنى  چىڭ ئەتمىگەنلەر؛

(2) تاماكا چىكىپ، بىر نەرسە يەپ-ئىچىپ، كىتاب، تېلېۋىزور كۆرۈپ ۋە باشقا ئىشلارنى قىلىپ، بىخەتەر يۈرۈشكە دەخلى قىلغانلار؛

(3) كابىنكىنىڭ ئالدى-كەينى ئەينىكىگە بىخەتەر ماشىنا ھەيدەشكە دەخلى قىلدىغان نەرسىلەرنى ياكى قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنمىگەن بەلگە، بەلگە تاختىسى قويۇۋالغانلار؛

(4) ئېلىپ ماڭغان يۈكىنى چۈشۈرۈپ قويغان ياكى چېچىۋەتكەنلەر؛

(5) موتسىكلىت مىنىپ ماڭغاندا رولىنى تۇتمىغان ياكى رولىغا نەرسە-كېرەك ئېسىۋالغانلار؛

77-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەردىن تۈۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا 50يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ..

(1) ئوتتۇرا سىزىق سىزىلمىغان، موتۇرلۇق، موتۇرسىز قاتناش ۋاستىلىرى يولى ئايرىلمىغان  يولدا مېڭىشىتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) قاتناش  ۋاسىتىسىنى سۆرەشكە ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(3) پرىتسىپ سۆرەشكە ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(4) يولغا نەرسە-كېرەك چاچقانلار؛

(5) مۇشۇ چارىنىڭ 7-ماددىسىنىڭ (5) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(6) بىزىندە تاقاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(7)  كىتىۋىتىپ تېلىفۇننى قولغا ئېلىپ سۆزلەشكەنلەر؛

(8) پراۋا  ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ رەسمىي بىتى ۋە مۇشۇمچە بېتىنى، شۇنىڭدەك قاتناشقا دائىر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىققا دائىر نومۇر خاتىرلەش كىنىشكىسى (كارتىسى)نى ئېلىپ يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(9)  پراكتىكا مەزگىلىدە بەلگىسىنى چاپلىمىغان ئاسمىغانلار؛

(10) ئالدى تەرەپتىكى كېسىشمە يول ئېغىزىدا قاتناش توسۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يول ئېغىزىنىڭ سىرتىدا سەپ بولۇپ كۈتۈپ تۇرمىغان ياكى يول ئېغىزىغا كىرىۋالغانلار؛

(11) ئالدى تەرەپتە موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ تىزلىپ كەتكەنلىكىنى ياكى ئاستا يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ تۇرۇپ تىزىلىپ كەتكەنلىكىنى ياكى ئاستا يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ تۇرۇپ سەپتە تۇرمىغان ھەمدە ئالدى تەرەپتىكى قاتناش ۋاسىتىسى يېنىدىن قىستاپ كىرگەنلەر ياكى يانداپ ئۆتكەنلەر ۋە ياكى پىيادىلەر توغرا يولى، توختىتىش مەنئى قىلىنغان جاي دوختۇرخانىلارنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدا توختىتىۋالغانلار؛

(12) مۇشۇ چارىنىڭ 36-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(13) سىگنال بېرىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى سىگىنال بېرىش مەنئى قىلىنغان جايدا ۋە  ياكى دائىرىدە سىگىنال بەرگەنلەر؛

(14)  موتسىكلىت ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك قالپىقى كىيمىگەنلەر؛

(15)  تەكشۈرۈش لاياقەتلىك بەلگىسى ۋە سوغۇرتا بەلگىسىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چاپلىمىغانلار؛

(16) مۇشۇ چارىنىڭ 35-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(17) قاتناش سىگنال چىرىغى يوق، قاتناش ساقچىسىمۇ يوق كېسىشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

78-ماددا موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا 100يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(1) موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىماي تۆت سائەتتىن ئارتۇق ھەيدىگەن ياكى توختاپ دەپ ئالغان ۋاقتى 20مىنۇتقا يەتمىگەنلەر؛

(2) مۇشۇ چارىنىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(3) جىددىي ۋەزىپە ئىجىرا قىلىدىغان ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قوتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قوتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا يول بەرمىگەنلەر،

(4) سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى ۋە تازىلىق ئاپتوموبىلى قاتارلىق موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى قارشى يۈنىلىشكە ھەيدىگەنلەر،

(5) مۇشۇ چارىنىڭ 7-ماددىسىنىڭ (1)،(3)،(4)،(6)،(7) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(6) ئارقىغا بۇرۇلغاندا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى نورمال كىتۋاتقان باشقا قاتناش ۋاسىتىللىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ يۇرشىگە دەخلى قىلغانلار ؛

(7) قاتناش سىگنالى يوق يولدا ماڭغاندا يولدىن كىسىپ ئۆتۋاتقان پىيادىلەرگە يول بىرىش بەلگىلمىسگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ 

(8) چىراغ ئىشلىتىش بەلگىلمىسگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(9) ئاپتومۇبىل ئۈچرىشىش بەلگىلمىسگە ياكى كەينىگە ياندۇرۇش بەلگىلمىسگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(10) داۋاندىن چۇشكەندە مۇتۇرنىڭ ئوتىنى ئۈچۈرۋەتكەن ياكى خوتتىن چىقرۋەتكەنلەر؛

(11) تاش-ياغاچ قاتارلىق تۇسالغۇلارنى قۇيۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قىلۋالغانلار؛

(12) تەكشۈرۈشتىن ئوتكەنلىك بەلگىسى ياكى سۇغۇرتا بەلگىسى چاپلانمىغان، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولدا ھەيدىگەنلەر؛

(13) بەلگىلەنگەن يۇرۇش يولىدا ماڭمىغان ياكى يۇرۇش يولىنى ئۆزگەرتىشتە نورمال كىتۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛

(14) موتوسىكلىت ياكى كىچىك موتوسكىلىتلارغا بەلگىلمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم ئېلۋالغانلار؛

79-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا 200 يۈەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ؛

(1 ) بىخەتەرلىك ئۈسكۈنلىرى تۆلۇق بولمىغان ياكى زاپچاسلىرى كاردىن چىققان موتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەنلەر؛

(2) موتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرنىڭ تىزىملاتقان قۇرۇلمىسى ياكى ئالاھىدىكىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىكەنلەر؛

(3) ئاپتومۇبىل يانداشقا ئائىت بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(4) قارشى يۇلۇنۇشتە ماڭغانلار؛

(5) خاتىرلەنگەن نۇمۇرى بەلگىلەنگەن نۇمۇرغا يەتكەندىمۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەۋەرگەنلەر؛

(6) پاراكتىكا مەزگىلىدە ھەيدەشكە ئائىت بەلگىلمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(7) پىراۋىسى يۈتۈپ كەتكەن كاردىن چىققان ياكى قانۇن بۇيىچە تۇتۇپ قىلىنغان مەزگىلدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەۋەرگەنلەر؛

(8) مۇشۇ چارىنىڭ 7 ماددىسىنىڭ (2)(10) تارماقچىسىدىكى بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(9) ماڭغاندا قاتناش سىگنالىغا قارمىغانلار ياكى قاتناش ساقچىسىنىڭ نەق مەيدانىدىكى قۇماندانلىقى قاتناش سىگنالى بىلەن بىردەك بولمىغاندا، قاتناش ساقچىسىنىڭ قۇماندانلىقى بۇيىچە ماڭمىغانلار؛

(10) پۇخرالار پارتىلاتقۇچ بۇيۇمى، ئاسان ياندىغان، ئاسان پارتلايدىغان خميۋىي بۇيۇم ھەمدە ئۆتكۈر زەھەرلىك، رادىيئاكتىپلىق، خەرلىك بۇيۇملارنى تۇشۇشتا خامائەت خەۋىپسىزلىك .ئورگىننىڭ تەستىقىنى ئالمىغان، ياكى بەلگىلەنگەن ۋاقىت، لىنىيە ۋە سۇرئەتتە يۇرمىگەن، ئاگاھ بەلگىسى ئاسمىغان ۋە زۇرۇز بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغانلار؛

(11) چەكتىن ئاشقان، پارچىلغىلى بولمايدىغان بۇيۇمنى تۇشۇغاندا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى بەلگىلەنگەن ۋاقىت، لىنىيە ۋە سۇرئەتتە ماڭمىغان ياكى ئېنىق بەلگە ئاسمىغانلار؛

(12) مال-مۈلۈك زىيىنى 2000 يۈەندىن تۆۋەن بولغان يىنىك قاتناش ھادىسسدە نەخ مەيداندىن كەتمەي، ساقچىغىمۇ دەرھال مەلۈم قىلماي قاتناشنى تۈسۈپ قۇيغانلار؛

(13) ئالاھىدە قاتناش ۋاسىتىسىگە بەلگىلمىگە خىلاپ ھالدا سىگنال بەرگۈچ ئىشلەتكەنلەر؛

(14) مۇشۇ چارىنىڭ 7-ماددىسنىڭ (8) تارماقچىسىدىكى بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(15) قاتناش سىگنال چىرغى بار كىسىشمە يول ئېغزىدىن ئۈتۈشتە بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلغانلار ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) (14) تارماقچىللىردا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلارىنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى يەنە سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە، ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە بۇيرۇشى كېرەك.

80-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەردىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 200 يۈەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ.

(1) كاشلا كۈرۈلۈپ توختىتىشتا بەلگىلمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ئاگاھ بەلگىسىنى ئاپتومۇبىل كىلىدىغان تەرەپتىن 150 مىتىر يىراققا قويمىغان ياكى بەلگىلمە بۇيىچە خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش چىرغىنى ياندۇرۇشتا بەلگىلمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كاشىلا چىقىرىپ ياكى قاتناش ھادىسسى يۈز بېرىپ، نورمال يول يۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا، مەخسۇس قوتقۇزۇش ئاپتومۇبىلى، توسالغۇنى تازىلاش ئاپتوموبىلىغا سۆرەتمىگەن، ئېلىپ كەتمىگەنلەر؛

(3) موتسىكىلىت ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك قالپىقى كىيمىگەنلەر ياكى ئوڭ تەرەپتە ماڭمىغانلار؛

(4) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىش يولىدا تېزلەتمىگەنلەر ھەمدە سولغا بۇرۇلۇش  چىرىغىنى ياندۇرمىغانلار ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ئايرىلىدىغان چاغدا سۈرئەتنى ئاستىلىتىش يولىغا بالدۇر كىرمىگەنلەر ھەمدە ئوڭغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ياندۇرمىغانلار؛

(5) ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىش بەلبېغىدا ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرۇپ، تەتۈر مېڭىپ، كېسىپ ئۆتۈپ، كەينىگە بۇرۇلغان ياكى ئاپتوموبىل يولىدا ئاپتوموبىل توختاتقانلار؛

(6) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سىنىغان ياكى ھەيدەشنى ئۆگەنگەنلەر؛

(7) باغلىما يول، سۈرئەت تېزلىتىش يولى ياكى سۈرئەت ئاستىلىتىش يولىدا يانداپ ئۆتكەنلەر؛

(8) ئايرىش سىزىقىنى بېسىپ ماڭغانلار ياكى يول ياقىسىدا ماڭغانلار؛

(9) جىددىي ئەھۋال كۆرۈلمىسىمۇ، ئېھتىيات يولىدا ماڭغان ياكى توختاتقانلار؛

(10) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى سۈرئىتى بەلگىلەنگەن ئەڭ تۈۋەن سۈرئەتتىن ئاستا بولغانلار؛

(11) قورۇلۇش قىلىنىۋاتقان بۆلەكتە سۈرئەتنى ئاستىلاتمىغانلار؛

(12)  يۈك ئاپتوموبىلى كوزۇپىغا ئادەم سالغان، ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىغا ئادەم مىنگەشتۈرگەنلەر؛

(13) قوتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، توسالغۇ تازىلاش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقاندا، يول ئاسراش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يول ئاسراۋاتقاندا، ئاگاھ چىرىغى ۋە خەتەر ئاگاھ چىرىغىنى ياندۇرمىغانلار.

(14) بېزىندە تاقاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

81-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى مۇشۇ چارىنىڭ 7-ماددىسىنىڭ (9) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ  قۇرۇلمىسىنى مەجبۇرىي سۆكتۈرۈۋىتىدۇ ۋە يىغىۋالىدۇ، قۇشۇمچە 500 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ.

82-ماددا قۇراشتۇرۇلغان ياكى براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا چىقىپ ھەيىدىگەنلەرگە تۈۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

(1)  تىجارەت ئاپتوبۇسىغا 2000يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(2) تىجارەتسىز ئاپتوبۇسقا 1500يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(3) يۈك ئاپتوموبىلىغا 1000يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(4) تۈۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى ۋە 3 چاقلىق ئاپتوموبىلغا500يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(5)موتسىكلىتقا200يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

83-ماددا يولۇچىلار ترانسىپورت ئاپتوموبىللىرىدىن  نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم سالغانلىرى ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يۈك باسقانلىرىغا تۈۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

(1) نورمىدىن ئارتۇق سالغان ئادەم سانى %20تىن تۈۋەن بولغانلىرىغا 200يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(2) نورمىدىن ئارتۇق سالغان ئادەم سانى%20دىن يۇقىرى، %50تىن تۈۋەن بولغانلىرىغا1000يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(3)نورمىدىن ئارتۇق سالغان ئادەم سانى %50تىن يوقىرى بولغانلىرىغا 2000يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(4) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يۈك باسقانلىرىغا 500يۈەندىن يۇقىرى،1000يۈەندىن تۈۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

باشقا يولۇچىلار ئاپتوموبىللىىردىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يۈك باسقانلىرى ياكى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم سالغانلىرىغا 100يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

84-ماددا يۈك ترانسپورت موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقانلارغا ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئادەم سالغانلارغا تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

(1)  نورمىدىن ئارتۇق باسقان يۈكى %03تىن تۈۋەن بولغانلىرىغا 200يۈەندىن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(2) نورمىدىن ئارتۇق باسقان يۈكى %30تىن يوقىرى،%50تىن تۈۋەن بولغانلىرىغا 500يۈەندىن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(3) نورمىدىن ئارتۇق باسقان يۈكى %50تىن يۇقىرى،%100تىن تۈۋەن بولغانلىرىغا 1000يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(4) نورمىدىن ئارتۇق باسقان يۈكى %100تىن يۇقىرى بولغانلىرىغا 2000يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(5) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئادەم سالغانلىرىغا 500يۈەندىن يۇقۇرى، 1000يۈەندىن تۈۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

85-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىراۋىسى ئالمىغان، پراۋىسى بىكار قىلىنغان ياكى تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەن ياكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى پىراۋىسى بولمىغان، بىكار قىلىنغان ۋە ياكى پراۋىسى تۇتۇپ قىلىنغانلارنىڭ ھەيدىشىگە بەرگەنلەرگە تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

(1) تىجارەتلىك يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ھەيدىگەنلەرگە 2000يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(2) تىجارەتسىز يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ھەيدىگەنلەرگە 1500يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(3)يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگەنلەرگە 1000يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(4) تراكتور، موتسىكىلىت قاتارلىق باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەنلەرگە 200يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

پراۋىسىدا يېزىلغان ئاپتوموبىل تىپى بىلەن ئوخشاشمايدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەنلەرگە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پراۋىسى ئالمىغانلار قاتارىدا جازا بېرىلىدۇ.

86-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى يولدا ھەيدەشتە سۈرئەت چەكلەش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

(1)سائەتلىك سۈرئىتىنى چەكلەنگەن سۈرئەتتىن%10ئىچىدە ئاشۇرۋەتكەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛

(2) چەكلىنىدىغان سۈرئەت 50كىلومېتىردىن تۆۋەن يولدا سائەتلىك سۈرئىتىنى چەكلەنگەن سۈرئەتتىن %10تىن يۇقۇرى،%20تىن تۆۋەن ئاشۇرۋەتكەنلەرگە 50يۈەن، %20تىن يۇقىرى، %50تىن تۆۋەن ئاشۇرۋەتكەنلەرگە 100يۈەن؛ %50تىن يۇقىرى، %70تىن تۈۋەن ئاشۇرۋەتكەنلەرگە 300يۈەن؛ %70تىن يۇقىرى ئاشۇرۋەتكەنلەرگە 500يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(3)سائەتلىك سۈرئىتى 50 كىلومېتىردىن  يۇقىرى، 80كىلومىتىردىن تۈۋەن چەكلىنىدىغان يولدا، %20تىن تۈۋەن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە 100يۈەن؛ %20تىن  يۇقىرى، %50تىن تۈۋەن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە 150يۈەن؛ %50تىن  يۇقىرى، %70تىن تۆۋەن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە 1000يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(4) سائەتلىك سۈرئىتى 80كىلومىتىردىن  يۇقىرى 100كىلومىتىردىن تۈۋەن چەكلىنىدىغان يولدا سائەتلىك سۈرئەتنى چەكلەنگەن سۈرئەتتىن %10تىن  يۇقىرى، %20تىن تۈۋەن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە 150يۈەن؛ %20تىن يۇقىرى، %50تىن  تۈۋەن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە 200يۈەن؛ %50تىن يۇقىرى، %70تىن تۈۋەن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە 1000يۈەن، %70تىن  يۇقۇرى ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە 1500يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

(5)  سائەتلىك سۈرئىتى 100كىلومېتىردىن  يۇقىرى چەكلىنىدىغان يولدا سائەتلىك سۈرئىتى چەكلەنگەن سۈرئەتتىن %10تىن  يۇقىرى، %50تىن تۈۋەن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە200يۈەن؛%50تىن يۇقىرى، %70تىن تۈۋەن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە 1500يۈەن، %70تىن يۇقىرى ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە 2000يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

87-ماددا ساياھەت ئاپتوموبىلى، تىجارەتلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇم توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار ۋە پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى چەكلەنگەن سۈرئەتتىن %50ئىچىدە ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە 200يۈەن؛ %50تىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە500يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئاشۇرۇۋەتكەن ھەر 5 كىلومىتىرىغا 200يۈەن قوشۇپ جەرىمانە قويۇلىدۇ. لىكىن كۆپ بولغاندا 2000يۈەندىن ئاشمايدۇ.

88-ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۈرۈلگەنلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا تەنقىد – تەربىيە بېرىلىدۇ، تۈزۈتىشكە بۇيرىلىدۇ، تۈزەتمگەنلىرىگە قانۇن بۇيىچە مەمۇرى چارە كۈرۈلىدۇ، ئاقىۋەىتى ئېغىر بۇلۇپ جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلىرى قانۇن بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلكىققا تارتىلىدۇ. 

(1) يول قاتناش بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بەلگىلمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

(2) ئىسپات ئاڭلايدىغان، ئاشكارلايدىغان ئىشلاردا ئىسپات ئاڭلىمغان، ئاشكارلىمغانلار.

(3) ئېغىر تالاپەت ھادىسسى ياكى تەسىرى زور قاتناش ھادىسىلىرىدە قۇتقۇزۇش، تازلاش تەدبىرى قوللىنىشتا بەلگىلمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

(4) مۇشۇ چارىنىڭ 15-، 16-، 17-ۋە 18-ماددىللىرىدىكى  تەلەپ بۇيىچە ئىش كۆرمەي قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەسى ئورناتقان، كۆپەيتكەن ياكى يول قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋالمىغان ۋە ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن يولنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرغانلار؛

(5) مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن باشقا مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغانلار.

89-ماددا  مۇشۇ چارىنىڭ 47-ماددىسىدىكى بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى بۇيىچە ئالىدىنى ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئىجرا قىلمىغانلارنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولدا ھەيدەشنى مەنئى قىلىدۇ.

90-ماددا   جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن  تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلىرى قانۇن بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛

(1) بەلگىلەنگەن شەرىت ۋە تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاش قارارى چىقارغان ياكى نۇمۇر تاختىسى، كىنشكا ۋە ئىجازەتنامە بەرگەنلەر؛

(2) قاتناش ۋاسىتىسى ۋە مۇتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول يۇرۇش كىنىشكىسىنى،  پراۋا ۋە نۇمۇر تاختىسىنى قانۇنغا خىلاپ تۇتۇپ قالغانلار؛

(3) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قاتناش ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(4) ئېغىر تالاپەت ھادىسى ياكى تەسىرى زور قاتناش ھادىسى مەلۇماتىنى تاپشۇرۋالغاندا، قەستەن يۇشۇرغان، كىچىكتۇرۇپ مەلۇم قىلغان ياكى ۋاختىدا ۋە جايىدا بىر تەرەپ قىلماي ھادىسە ئاقىۋىتىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتكەنلەر؛

(5) خىزمەت ھۆقۇقىدىن پايدىلنىپ جامائەتنىڭ پۇل مېلىنى قانۇنسىز ئىگىلۋالغان، پارا سورىغان، پارا ئالغان ياكى خىزمەت ھۆقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغانلار؛

(6) مەمۇرىي جازا بىرىشتە بەلگىلمىگە ئەمەل قلىمىغان ياكى جەرىمانە ئېلىپ تالۇن بەرمىگەن ياكى جەرىمانە سوممىسىنى ئەينەن يازمىغانلار؛

(7) قانۇن بۇيىچە ھەق ئالغان، جەرىمانە، شۇنىڭدەك مۇسادىرە قىلغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشتا بەلگىلمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(8) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغانلار.

9-باپ قۇشۇمچە پىرىنسىپ

91-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان «دىن يۇقىرى» دىگەن يەردە شۇ ساننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «دىن تۆۋەن» دىگەن يەردە شۇ ساننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

92-ماددا بۇ چارە 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى

http://www.xjgat.gov.cn/html/article/28168/69262.shtml

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#