قىز چوققىسى

قىز چوققىسى

شۋېتسارىيىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان لاۋتېربرۇننېن جىلغىسىدا بىر ئىنتايىن گۈزەل تاغ چوققىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.بۇ چوققا «قىز چوققىسى» دەپ ئاتالغان.

خەنزۇچە نامى 少女峰
جۇغراپىيەلىك ئورنى شۋېتسارىيە ئىتېرلاكېن
تەۋە شەھەر ئىتېرلاكېن
چەتئەلچە نامى Jungfrau
تەۋە دۆلەت شۋېتسارىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىز چوققىسىشۋېتسارىيىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان لاۋتېربرۇننېن جىلغىسىدا بىر ئىنتايىن گۈزەل تاغ چوققىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى4158 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى18 كىلومېتىر بولۇپ، ئالپ تېغىنىڭ ئېگىز چوققىسى ھېسابلىنىدۇ. چوققىنى مەرۋايىتتەك قار-مۇزلار قاپلاپ تۇرىدۇ، بىرقانچە پارچە مۇزلۇق تاغ چوققىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ ساڭگىلىغان بولۇپ، تاغ ئېتىكىدىن قارىسىڭىز خۇددى كۈمۈش رەڭ چېچىنى قويۇۋەتكەن گۈزەل قىزغا ئوخشايدۇ، شۇڭا بۇ چوققا «قىز چوققىسى» دەپ ئاتالغان.

قىز چوققىسىدا ئەگرى-توقاي، گاھ كېڭىيىپ، گاھ تارايغان نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ-غارايىپ مۇز ئۆڭكۈرلىرى بار، ئۆڭكۈر ئىچىدە يەنە مۇزدىن ئويۇلغان ئادەم ھەيكىلى ۋە ھەر خىل نەرسىلەرمۇ بار بولۇپ، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.

قىز چوققىسى خەلقئاراغا داڭلىق ساياھەت رايونىدۇر. ئۇنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىدە تاغقا چىقىش يولى بار. 1912-يىلى7 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر تونېل قېزىلغان، ساياھەتچىلەر پويىزغا ئولتۇرۇپ تونېلدىن ئۆتۈپ قىز چوققىسىنىڭ تاغ ئېغىزىغىچە بارالايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#