كۇچۇلا مۇدەپپەر
كۇچۇلا مۇدەپپەر پەي مۇسـكۇلـلارنـى چىـڭىتىـش، قـورۇش، تۇتـۇش، ئاغـرىق پەسەيتىش، نېرۋا، يۈرەكنى قوزغىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۇچۇلا ئائىلسىدكى ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك كۇچۇلىنىڭ پىشقاندىن كېيىن قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى بولۇپ ، شەكلى ياپىلاق ، تۈكلەش ،ئىچكى قسىمىدا ئۈندۈرمىسى بولىدۇ .سىرتى قوڭۇر رەڭدە، ئىچى ئاق ، تەمى ئاچچىق ، پۇرىقى سۇس، قۇرۇتۇلغان ، پىششىق ، ئۇرۇقى تۈگمىسىمان يۇمىلاق ، ياپىلاق بولىدۇ.
ئۇرۇقـىـدا ھەرخىـل بىــئولـوگىـيىلـىك ئىـشقــارلار بـار .
ئۇنـىڭدىـن باشـقـا سـىتـىـرىفـىـنــن (Strychnine)بـىـرۇسـىـن(brucine)، ئـىزوسـتـىـزئىـخـىـنـن (Isostrychnine) ، ئىزوبىرۇسىن (Isobrucine) ،-βكۇلۇبىرىن β-colubrine)) ۋومىسىن (vomicine) نوۋاسىن(novacine) قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ.
پەي مۇسـكۇلـلارنـى چىـڭىتىـش، قـورۇش، تۇتـۇش، ئاغـرىق پەسەيتىش، نېرۋا، يۈرەكنى قوزغىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بار.
1. مەركىزىي نېرۋا سستېمىسىنى غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە.
2. ئاغرىق پەسەيتىش ، تىنچلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
3. ئاشقازاننى ياخشىلاش ، ئاشقازان سۇيۇقلىقى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى تېزلىتىش تەسىرىگە ئىگە .
4. يۆتەل توختىتىش ، بەلغەم بوشىتىش تەسىرى بار يەنە مىكرو ئورگانىزىملارنى تورمۇزلاش رولىمۇ كۆرىنەرلىك.
5. زەھەرلىك تەسىرى : كۇچۇلا مېغىزى كۈچلۈك زەھەرلىك ، ئادەم 5 مىللىيگرامدىن 10 مىللىيگىرامغىچە ئىستېمال قىلسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 30 مىللىييگىرامغا يەتسە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ .
نېرۋا ئاجىزلىقى ، پالەچ ، لەقۋا ، مۇپاسىل ، ئىستىرخا ، باھ ئاجىزلىقى ، بەل ئاغرىقى ، بوغۇم ئاغرىقى، يۈرەك ئاجىزلىقى ، پەي بوشۇشۇپ كېتىش، زىققا نەپەس، سىل، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ھېيىز بىلەن قان كېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .
كۈنجۈت يېغى بىلەن قاينىتىپ ياغ تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرسە بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ . باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ مەجۈن ياكى سوپۇپ تەييارلاپ ھەرخىل كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .
مېۋىسى پىشقاندا پوستىنى ئېلىۋىتىپ قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ .
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۇ دورا زەھەرلىك ، زەھەرسىزلەندۈرمەي ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ئىچىدىكى ئۇرۇقى پەقەت يېيىلمەيدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.