چۆل رەيھىنى
چۆل رەيھىنى بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى «ھاشا» ياكى «چۆل رەيھىنى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاشقازان – ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەرلىتىش، يەل تارقىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، بالا ھەمرىھىنى ۋە ئۆلۈك ھامىلىنى چۈشۈرۈش، يۇمشىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
1. باكتېرىيىگە قارىشى تۇرۇش تەسىرى بار. ئېغىز بوشلۇقى ۋە يۇتقۇنچاق شىللىق پەردىلىرىدىكى ياللۇغلىنىشقا قارىتا بىر قەدەر ياخشى بولغان باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار، قۇرت يىگەن چىشقا نىسبەتەن چىرىشكە قارشى تۇرىدۇ. تېرىدىكى زەمبۇرۇغلارغا قارىتا بەلگىلىك داۋالاش رولى بار. 2. قۇرت ئۆلتۈرۈش تەسىرى بار. 3. بەلغەم بوشىتىش تەسىرىگە ئىگە. 4. يەل ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە.
1. ھاشانى تۇز ۋە سىركە بىلەن قوشۇپ ئىچسە ياكى ئەرەق تارتىپ ئىستېمال قىلسا، يۇقىرىقى كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ. 2. 7 گرام ھاشانى سىركە بىلەن ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركىسە، ھەر خىل ئىششىق ۋە ئۇيۇپ قالغان قاننى تارقىتىدۇ ھەمدە يەلتاشما، مۇدۇرلارنى يوقىتىدۇ، تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈشكە سۈركىسە پايدا قىلىدۇ. 3. يەرلىك شوخلا، ئىكلىلمىلىك، بابۇنە، ھاشالارنى 7 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ۋاننا قىلسا ئىششىق تارقىتىدۇ؛
پۈتۈن چۆپىنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان %0.5 ~ %0.15 ماي بار، ماينىڭ ئاساسلىق تەركىبى تىمول (Thymol )، كارۋىكرول (carvacrol )،γ– تىرىپنىن (γ-Terpinene)،ρ - تىسمول (p-cymul)، پىنىن (Pinene) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ھامىلىدار ئاياللارغا بېرىش چەكلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.